

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆزىتىڭ ، ئەڭ ئاۋال سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتقان نەرسە نېمە ؟ (بىرىنجى سەزگۈڭىزگە ئاساسەن تاللاڭ )
تاللاپ بولدىڭىزمۇ ؟
ئاستىغا قاراڭ!
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
ئوتتۇردىكى گۈل تەشتىكى
سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز : سىزنىڭ ئىچكىر – تاشقىر خاراكتىرىڭىزدا ئىنتايىن روشەن پەرق بار . سىرتتىن قارىماققا سىز بەلكىم ئىنتايىن سوغۇققان ئادەم بولىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن قەلبىڭىز قىزغىنلىققا تولغان .سىز باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىسىز . ئالتىنجى سەزگۈڭىز ناھايتى توغرا ، ئىنچىكە نۇقتىلارغا بەك دىققەت قىلىسىز .كوللىكتىپنىڭ ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان قارار چىقارغۇچى ،ماسلىشىش ئىقتىدارىڭىز ناھايتى كۈچلۈك ، قېتىپ تۇرىۋالالايسىز ، شۇنداقلا يەنە قىزغىنمۇ بولالايسىز .
سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز : سىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىڭىز قارشى تەرەپ بىلەن ئوتتۇراڭلاردا ئورتاق قىزىقىشنىڭ ھەمدە روھىي بىردەكلىكنىڭ بار - يوقلىقى . سىز كەسپىي ئىقتىدارى بار بولغان يات جىنىسلارغا بەكرەك قىزىقىسىز . كاللا ئوينىتىشنى بىلمەيدىغان ، پىشىپ يېتىلگەن ، ئاددىي ، بىر ئىشلارنى بەك كۆپتۈرۋەتمەيدىغان ،ئەمەلىيەتچىل كىشىلەر سىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشىڭىز بولالايدۇ .
مۈشۈك.
سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز : سىز كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى پەرەز قىلالايدىغان ،باشقىلارغا روھىي تەسەللىي بېرەلەيدىغان ئادەم . دوستلىرىڭىز سىزگە تايىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ سىزنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدۇ . سىز داۋاملىق كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىگە ئېرىشىسىز .ھەرخىل سورۇنلاردا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ماھىر ، ھەم بۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش ناھايتى تەبىئىي رەۋىشتە بولىدۇ .
سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز : سىزنىڭ ھېسيات جەھەتتىكى ئىپادىڭىز بىر قەدەر مۇرەككەپ .ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدا داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن قەيسەر كۆرسىتىشكە ئۇرىنىسىز . شۇڭا سىز ئۆزىڭىزدىنمۇ قەيسەر ، ئۆزىڭىزدىنمۇ ئىشەنچلىك بىر ھەمراھقا موھتاج بولىسىز .قارىماققا سەل يولسىز ،ئوچۇق مىجەزلىك ، ئىشنىڭ يولىنى ئۇقىدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدىلا سىز ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولالايسىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى قورقماي ئۇنىڭ ئالدىغا قويالايسىز .
قىزچاق.
سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز : سىز تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم ، لېكىن ئۆزىڭىزنى يوشۇرۇشقىمۇ ئۇستا ، پەقەت مۇۋاپىق پەيتتىلا ئۆزىڭىزنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىسىز ، سىرلىق ھەم جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە . ئۇنىڭدىن باشقا سىز بەك تۈز ، بەزى ئىشلاردا بەك خىيالىي ،ھەم ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىسىز . باشقىلارنى دوستۇم ، سۆيگىنىم دەپ ئېتىراپلا قىلسىڭىز ، پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقىرىپ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز .
سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز : سىز مۇھەببەت قاينىمىغا ئاسان بېشىڭىزچىلاپلا كىرىپ كېتىدىغان ئادەم . شۇڭا سىز قىزىقىشىڭىزنى ھەم كەسپىڭىزنى ھۆرمەت قىلىدىغان ، سىزنى يۈزدە ـ يۈز قوللايدىغان بىر ھەمراھقا موھتاج . گەرچە سىز ھەمراھىڭىز بىلەن بەخىتلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ لېكىن كۈندە بىر – بىرىگە يېپىشىۋېلىشنى ياقتۇرمايسىز ، ئۆز –ئارا مۇۋاپىق ئارلىق ساقلاشنى ياخشى كۆرىسىز . شۇڭا پىشىپ يېتىلگەن يات جىنسلار سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ .
ئورۇندۇق.
سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز : سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز قوش بىسلىق .ئۆزىڭىز يالغۇز جىمجىت خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىسىز ، كۆپچىلىك بىللەن بىللە كۈلكە –چاقچاق قىلىپ ئۆتۈشنىمۇ ياخشى كۆرىسىز .بەزىدە باشقىلار سىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى پەقەت پەرەز قىلالمايدۇ ، ئوتتۇرۇڭلاردا ئارلىق باردەك تۇيغۇ بېرىسىز ،بىر ئىشلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كىرىشىپ كېتەلەيسىز ،باشقىلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيسىز .
سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز : سىز ئەمەلىي ئىقتىدارى بار ، خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلىيالايدىغان كىشىلەرگە ئىنتىلىسىز . ئىشلارغا نىسبەتەن ئۇ كىشىنىڭ چوقۇم مۇستەقىل كۆز قارىشى بولىشى كېرەك ؛ سىزگە نىسبەتەن ، ئۇ پىشقان بولىشى كېرەك ؛ سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدىغان بولىشى كېرەك .
قەپەس.
سىزنىڭ خاراكتىرىڭىز : سىز تۇرمۇشتىكى گۈزەل نەرسىلەرنى قېزىشقا ماھىر . ھەمدە باشقىلارغا شۇنداق گۈزەل نەرسىلەرنى يارىتىپ بېرىشنى خالايسىز ، دوستلىرىڭىز بىلەن خۇشال يۈرۈشنى ، گۈزەل نەرسىلەردىن بىرلىكتە بەھىرلىنىشنى خالايسىز .سىز ئىنتايىن ئىشەنچلىك ئادەم ، ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل خاراكتىرىڭىز بار ، سىزدەك دوست تۇتالىغان ئادەم ئۆزىنى ناھايتى تەلەيلىك ھېس قىلىدۇ .
سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز : ئەستايىدىل ۋە ئىرادىسى مۇستەھكەم كىشىلەر سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ ، سىز ھەمراھىڭىزنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىگە نىسبەتەن تەلەپنى چىڭ قويىسىز ،ئائىلە ، خىزمەتكە نىسبەتەن بەك مەسئۇلىيەتچان ، بار ئامالنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداشقا تىرىشىدىغان ئادەملەرنى خالايسىز .











