大数跨境
0
0

جانغا زامىن چوكا مۇز

جانغا  زامىن  چوكا   مۇز aymehri
2017-06-29
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

   يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىقلىرىدا ئىسسىق تاماقلارغا قارىغاندا، مېۋە-چېۋىلەرگە، مۇزدەك ئىچىملىكلەرگە كۆڭلىمىز تارتىپلا تۇرىدۇ. ياڭزا ياڭزا ھەر خىل تەملىك ماروژنى، چوكا مۇز، قايماقلىق مۇز قاتارلىقلار ئادەمگە شۇنچىلىك خوشياقىدۇكى، بەزىدە بىر بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىك، شېرىن تەملىك چوكا مۇز ياكى ماروژنىلار بىزگە سالقىن ھاۋالىق باغلارنىڭ ھۇزۇرىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ دېسەك ئېشىپ كەتمەس. ( (شۆلگىيى ئېقىپ كەتكەن چىراي ئىپادىس)

 


بۈگۈن چوكا مۇز توغرىسىدا پاراڭلىشايلى...  

بىز ئادەتتە بىلىدىغان چوكا مۇزلار ئادەتتە تەم جەھەتتىن قايماقلىق، شاكىلاتلىق دېگەندەك نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىلغان.

لېكىن بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز «دېڭىز قۇلۇلىسى تەملىك، «تاماكا قالدۇقى تەملىك»، «قەغەز بوتقىسى تەملىك» چوكا مۇزلار. سىرتىدىن قاراشقا شۆلگەينى ئېقىتىدىغان بۇ چوكا مۇزلارنىڭ ئىسىملىرى نېمىشقا بۇنچە غەلىتە .

ئەسلىدە بۇ چوكا مۇزلارغا ئىشلىتىلگەن سۇ ئالاھىدە بولۇپ، پۈتۈنلەي بۇلغانغان سۇ ئىشلىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇلارنى يېگىلى بولمايدىغان بولۇپ، پەقەتلا چوكا مۇزلارنىڭ مودېلى. بۇ مودېللار تەيۋەنلىك ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇھىت ۋە سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

 

مۇھىت بۇلغىنىشى، سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئىنسانلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك چوڭ تېما بولغىنىغا قارىماي، تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ بۇلالمايدۇ. لېكىن بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان چوكا مۇزلارنى بۇ خىل ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىمىزدا بەلكىم كاللىمىزدا مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش شەكىللىنىش مۇمكىن.

مۇشۇ خىل ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەيۋەننىڭ 100دىن ئارتۇق بۇلغانغان سۇ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىدۇ ۋە ماتېرىيال يىغىپ چوكا مۇز مودېللىرىنى ياساپ چىقىدۇ. ھەربىر چوكا مۇزنىڭ رەت نومۇرى بار بولۇپ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ھەر خىل تەملىك چوكا مۇزلارنىڭ ئىسمى دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. يەنى بۇلغانغان سۇدىكى ھەرخىل قالدۇق چىرىندى ماددىلار چوكا مۇزنىڭ سۈزۈك سىرتىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 

كېرەكلىك بولغان سۇلارنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۈسكۈنىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئەۋرەز يوللىرىدىن ۋە سېسىق سۇ كۆلچەكلىرىدىن ئالىدۇ. ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقماي، بۇلغانما قويۇپ بېرىشى يۇقىرى زاۋۇتلارنىڭ ئەتراپلىرىدىن ماتېرىيال يىغىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇلار تەيۋەندىكى بۇلغانغان سۇ رايونلىرىدىن 100نى كېزىپ چىقىدۇ. ۋە بۇ 100 رايوندىكى سۇدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇنىڭدىن چوكا مۇز قاتۇرغاندىن كېيىن، خىرۇستال يىلىم ئارقىلىق قاتۇرۇپ مودېل ھالىتىگە ئەكىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتىش ئۈچۈن، ئۇلار چوكا مۇزلارنىڭ ئورالما قاپلىرىنى لايىھەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، ئىنتايىن كۆركەم قىلىپ لايىھەلەپ چىقىدۇ. بۇ قاپلارنى كۆرگەنلا ئادەمنىڭ يەپ باققۇسى كەلمەي قالمايدۇ، لېكىن ئىچىدىن چىققان چوكا مۇزنى كۆرگەندە ھەركىم ھەرخىل ئوي خىياللاردا بولۇشى ئېنىق...


ئورالما قاپ بىلەن ئىچىدىكى «%100بۇلغانغان سۇدا ياسالغان چوكا مۇز»دىكى پەرق كىشىلەردە ساپ سۇ ۋە بۇلغانمىغان مۇھىت ھەققىدىكى قاراشلىرىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

 



ئەلۋەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان تور دەۋرىدە بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىنى تورداشلارنىڭ باھاسىدىن ئايرىپ قويغىلى بولمايدۇ. نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ۋە بەس بەستە تارقىلىشقا ئېرىشكەن بۇ چوكا مۇزلار يەنە كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، 2017يىللىق نۇرغۇن لايىھەلەش مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.

 





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624