

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. كۆز قارچۇقنى ھەركەتلەندۈرۈش .
بۇنىڭدا باشنى ئوڭ - سول ، ئاستى - ئۈستى تەرەپكە ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسە بولىدۇ .شۇنىڭغا ماس ھالدا كۆز قارچۇقىمۇ تەڭ ھەركەتلەندۈرىلىدۇ .
2. كۆزنى چىمچىقلىتىش .
باشنى كەينىگە قىلىپ ، ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ ، كۆزنى توختىماستىن چىمچىقلىتىپ بەرسە بولىدۇ .
3. ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكۈزۈش
5 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، 5 مىنۇت سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ . ( قايناق سۇغا چىلانغان ئىسىسىق لۆڭگىدە كۆزىمىزنى يېنىك بېسىپ تۇرۇپ ، ئىسسىق ئۆتكۈزسەك بولىدۇ .لېكىن لۆڭگە بەك قىزىق بولۇپ كەتمىسۇن )
4. يىراق - يېقىنغا قاراش .
ئاۋال 3 مىنۇت يىراققا قارىغاندىن كېيىن ، 1-2 مىنۇت ئالقانغا قاراپ بەرسە بولىدۇ .










