

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ھەممىگە ئايان. ئەمەلىيەتتە، تاماكا چەكمىگەن تەقدىردىمۇ، تۇرمۇشتا بەزى ساغلام بولمىغان ئادەتلەرنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى، تاماكا چېكىشتىن قېلىشمايدۇ.
1.پۈتۈن بىر كۈن ئولتۇرۇش
ئۇزۇن ۋاقىت ئىشخانىدا ياكى ماشىنىغا ئولتۇرۇش، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. دائىم بەدەن چېنىقتۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنە بۇ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى تۈگىتىشكە ئامالسىز بوپ قالىمىز.كانادا ئالبېرتا سەھىيە مۇلازىمىتى راك كېسىلى ساغلاملىق مەركىزىنىڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ھەر يىلى يۈز بىرۋاتقان سۈت بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، مەزى بېزى راكى ۋە ئۆپكە راكى بىلەن ئالاقىدار كىسەللىكلەردىن 160 مىڭ ئادەمبار بولۇپ، ھەممىسى ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 3 / 2 قىسمىلا تاماكا چېكىش ئارقىلىق تاپقان بالا.
تەكلىپ : خىزمەتتە ، قەرەللىك ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى لازىم. ئائىلىدە بولسا، يەنە كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇش.2.بۇستارتقۇ ئاچماسلىقئامرىكىنىڭ «مۇھىت تازلىقىغا نەزەر» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، گاز ئوچاقنى ئىشلەتكەن چاغدا ، شامالنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن، ئۆي ئىچى كاربون ( Ⅱ ) ئوكسىد، ئازوت ( Ⅳ ) ئوكسىد ۋە فورمالدېگىد بىلەن تولۇپ كېتىدىكەن، بۇ ئۈچ خىل بۇلغىما، تاماكىدىن قالسىلا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.
تەكلىپ : مەيلى نىمىلا قورۇڭ، پەقەت گاز ئوچاق ئىشلەتكەندىلا، بۇستارتقۇنى ئېچىشڭىز كېرەك، چۈنكى بۇلغىنىشنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
3.گۆشنى كۆپ ئىستىمال قىلىشھايۋانات ئاقسىلى تەركىبىدە ھورمون ئۆستۈرگۈچى ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان،«IGF-1» بار، ئامېرىكا « ھۈجەيرە ماددا ئالمىشىش» ژورنىلىغا بېسىلغان جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ھايۋانات ئاقسىلنى كىشىلەر كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلسا، راك كىسىلى بۇلۇپ ئۆلۈش نىسبىتى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. لېكىن 65 ياشتىن ئاشقان ئادەملەرگە نىسبەتەن، ئانچە بەك زىينى يوق ئىكەن.تەكلىپ : پۇرچاق قاتارلىق ئۆسۈملۈك تەركىبىدىن بىر قىسىم ھايۋانات ئاقسىلىنى ئايرىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ھەر كۈنى بەدەن ئېغىرلىقى بويىچە ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك، ھەر ئىككى قاداققا 0.8 گرام تولۇقلاش لازىم.
4.يۇقىرى تىمپۇراتۇردا،مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر
نۇرغۇن تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يېمەكلىكلەرنىڭ ماي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئاكرولېئىن ھاسىل قىلىدۇ ۋە زور مىقداردا ئاروماتىك ھىدروكاربونلارنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تاماكا تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بىلەن ئوخشاش. ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.تەكلىپ: زەيتۇن يېغىنى كۆپرەك ئىشلىتىڭ، سەي قورۇغاندا ماي تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك يۇقىرى بوپ كىتىشىدىن ساقلىنىڭ.
5.ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقا يىتەرلىك بولماسلىقئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، سېمىزلىك ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھەر كېچە ئۇيقۇ ۋاقتى 6-7 سائەتكە يەتمىگەندە، كەلتۈرۈپ چىققان ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن ئوخشاش. ئۇندىن باشقا، ئۇيقۇ كەمچىل بولغاندا، تۇرمۇش رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، يەنە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.تەكلىپ : كۈندە 7-8 سائەتكىچە يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇخلاش بىلەن سالامەتلىك زىچ مۇناسىۋەتلىك.
6.سۇ ئىچىش يىتەرلىك بولماسلىق
گەرچە يېنىك دەرىجىدە سۇسىزلىنىش ( پەقەت % 2 نورمال خىلىت ) ئېنېرگىيە سەۋىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇسىزلىنىش قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنىڭ ھەر قايسى توقۇلما ۋە ئەزالارغا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.تەكلىپ : ئادەتتە بىز خىزمەتكە بارغاندا، ئۇزۇن مەزگىل كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرۇش سەۋەپلىك كۆپرەك سۇ تولۇقلاش ئېھتىياجلىق بولىمىز. سىز نورمال سۇ ئىچىش مىقدارىڭىزنى ھېسابلاش ئۈچۈن، سىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى قاداققا ئالماشتۇرۇڭ، يەنى ئىغىرلىقىڭىزنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئاندىن 28.35 كە كۆپەيتىڭ، بۇنداق ھىساپلىغاندا، سىزنىڭ بىر كۈندە قانچە مىللىلىتىر سۇغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.
7.ھېرىپ قالغاندا بەدەن چىنىقتۇرماسلىق
بۇ خىل ئۇسۇلدا، نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ساغلام بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەر قېتىم 20 مىنۇت، ئالتە ھەپتىدىن كېيىن ، ئۇلار چارچىماي ، ئەكسىچە تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.
دائىم بەدەن چېنىقىش، بەدەننىڭ كۈچى ۋە چىدامچانلىقى ئاشۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا پايدىلىق ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.تەكلىپ: بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چارچاشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، مەسىلەن:ناخشا ئېيتىش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سەيلە قىلىش قاتارلىقلار. ھەقىقەتەن كۈچى قالمىغاندا، تەكشى يېتىپ، ياستۇقنى پۇتىمىزنىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ، ئىككى پۇتىمىزنى سەل يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاننى باش قىسمىغا قارىتىپ ئېقىتساق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەگەكلىشىپ كىتىمىز .
8.يىتىپ تۇرۇپ تىلفون ئويناش
تەكشى يۈزلۈك كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىقلارنىڭ ئېكرانى چىقارغان كۆك مېلاتونىن ئاجىرتىپ چىقارغان ئارلاشما ماددا ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەكلىپ: ھېچ بولمىغاندا ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى تىلفوننى ئۆچۈرۈش.
9.ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىشئىسپىرىت قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتۋىتىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىنى تىزگىنلەپ، تىنىچلىنىش ئېففېكتى پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلىدۇ. چۈنكى، ئىسپىرت مېتابولىزم جەريانىدىكى بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ، قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھاراق ئىچىدىغانلار كېچىدە ئاسانلا ئويغىنىپ كىتىدۇ.
تەكلىپ:ئۇخلاشتىن 3-4 سائەت بۇرۇن ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ.بىر ساغلام تەن ، تېخىمۇ ساغلام بولغان روھىي ھالەتكە مۇھتاج.
كىشىلىك ھاياتتكى، ھايات دىگەن نېمە؟
پۇل؟ ئورۇن -مەرتىۋە؟ ھۆسن - گۈزەللىك؟ مەززىلىك تاماق؟ ئۆي؟ ماشىنا؟... ھېچقايسى ئەمەس! ئەمەلىيەتتە، ھايات دىگەن بىر «مۇھەببەت» خېتى، قېرىنداشلىق مېھرى، دوستلۇق، ئاشىقلىق!
ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل كەيپىيات.
روھى- ھالەت كىشىلىك ھاياتتا ئەڭ مۇھىم.
كەيپىيات دىگەن نىمە ؟ كەيپىيات بىر خىل تۇيغۇ، بىر ئادەمنىڭ ئادەمگە، شەيئىلەرگە، جەمئىيەتكە، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ھەركىتىگە بولغان بىر پىسخىكىلىق تۇيغۇ.
ھاياتلىق بىر چۈش، ئاتقان ئوق، مەيلى نامرات بولسۇن، باي بولسۇن، ئىرىشىش ياكى، يوقىتىش بولسۇن، ھەممىسى غايىپ بولىدۇ، پەقەت كەيپىيات ياخشى بولسىلا، ئاندىن بارلىق خەۋپ-خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
خۇشاللىق بىر خىل كەيپىيات، بىر خىل تەبىئىي، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش. ئاددى ھايات ئىچىدىن خۇشاللىق ئىزدەش كېرەك، كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاب ئىچىدىن، ئەگرى- توقايلىقلار ئىچىدىن خۇشاللىق ئىزدەش كېرەك.كىشىلىك ھايات يولى ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، مەيلى تۇرمۇش نەقەدەر ئامالسىزلىق ئىچىدە بولسىمۇ، پەقەت خوشال بولساقلا، پۇشايمان ھاجەتسىز، چۈشكۈنلۈشىش ھاجەتسىز.ناھايىتى پەرۋاسىز بولغاندا، خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، دائىم بىر ئازادە، خۇشال كەيپىيات بولغاندا، ئاندىن ياشلىق باھارىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئاندىن جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ساغلام بولغاندا ئاندىن ھەممە نەرسە بولىدۇ.تۇرمۇش پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللاقلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە كەلگۈسىدىكى خۇشاللىق، گۈزەللىك ، پەقەت ھەر بىر كۈنىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزىشىمىز، ئەڭ مۇھىم ئورۇندا،ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، خۇشال ياشىشىمىز كېرەك!تەرجىمە قىلغۇچى:كەۋسەرمەنبە:ئارتۇچ تورى
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ






