大数跨境
0
0

تېلفوننى ئەڭ زىيانغا ئۇچىرتىدىغان توك قاچىلاش ئادەتلىرى

تېلفوننى ئەڭ زىيانغا ئۇچىرتىدىغان توك قاچىلاش ئادەتلىرى aymehri
2017-05-12
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭتېلفونغا توك قاچىلاش بىزنىڭ

 


 

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

تېلفونغا توك قاچىلاش  بىزنىڭ  كۈندە چوقۇم  قىلىدىغان   ئىشلىرىمىزنىڭ بىرى  .بەزى   ۋاقىتتا   ھەتتا  بىر  كۈندە ئۈچ – تۆت   قېتىم  تەكرار توك  قاچىلاپمۇ  قالىمىز . ئۇنداقتا  تېلفونغا توك  قاچىلاشتىكى  خاتالىقلارنى بىلەمسىز  ؟  مېنىڭچە  90%   ئادەمنىڭ  ھەممىسى بىلمەيدۇ . ئۇنداقتا   تۆۋەندىكىلەرگە  قاراڭ .

1. زەرەتلىگۈچنىڭ   بېشىغا چوقۇم  تېلفونىڭىز  بىلەن زاۋۇتتىن  بىر  قاپتا  بىللە  چىققاننى ئىشلىتىڭ . ئەگەر  ئالما  تېلفوننىڭ  زەرەتلىگۈچ   بېشى  بىلەن    تاختا  كومپىيوتىرغا     توك  قاچىلىسىڭىز  ،  توك قاچىلاش   سۈرئىتىنىڭ  ناھايتى ئاستىلاپ  كەتكەنلىكىنى  بايقايسىز .ئەگەر  يۇقىرى قۇۋۋەتلىك   زەرەتلىگۈچ  بېشى بىلەن   تۆۋەن  قۇۋۋەتلىك باتارىيەگە  توك  قاچىلىسىىڭىز ،توك  قاچىلاش  سۈرئىتىنىڭ ناھايتى  تېز  ئىكەنلىكىنى بايقايسىز .لېكىن    بۇنداق  قىلىشنىڭ تېلفون  باتارىيىسىگە   ناھايتى زىيىنى  بار  . شۇڭا  توك  قاچىلىغاندا  چوقۇم تېلفونىڭىز  بىلەن  زاۋۇتتىن بىر  قاپتا   چىققان ئەسلى   زەرەتلىگۈچنى  ئىشلىتىڭ .


2.زەرەتلىگۈچنىڭ  سىمىنى   توغرا تاللىدىڭىزمۇ ؟   زەرەتلىگۈچنىڭ   سىمىمۇ  بېشىغا ئوخشاشلا  مۇھىم  ، زاۋۇتتىن  تېلفون  بىلەن بىر   قاپتا  چىققان ئەسلى  زەرەتلىگۈچ  سىمىنى   ئىشلەتكەن ياخشى  . ناۋادا   تېلفونىڭىز بىلەن  زاۋۇتتىن  بىر قاپتا  چىققان  ئەسلى زەرەتلىگۈچ  سىمىغا  ئوخشايدىغان بىر  نەچچە  سىمىڭىز  بولسا  ، ئارلاشتۇرۋالماسلىق  ئۈچۈن   ئەسلىسىگە بەلگە  سېلىۋالسىڭىز  بولىدۇ . ھازىر  كىشىلەر  تېشىغا چىققاندا  توكدان  ئېلىۋېلىشنى ياخشى  كۆرىدۇ  ، قولايلىق  بولىشى  ئۈچۈن قىسقا  سىملارنى  قوشۇپ ئېلىۋالىدۇ  .ئەگەر  ئېلىۋالغىنىڭىز  داڭلىق  ماركىلىق زاۋۇتلار  ئىشلەپچىقارغان  ئىشەنچلىك زەرەتلىگۈچ   سىمى  بولسا ھەر  ھالدا  ياخشى ،  ئۇنداق  بولمىسا چوڭ  بىخەتەرلىك  مەسىلىسى  كېلىپ  چىقىدۇ  .  

3.توك  قاچىلىغاندا  تېمپۇراتۇرىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ  .  تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا   لىتىي  باتارىيىسىنىڭ   ئىچىدىكى تۆۋەن  تېمپۇراتۇرا   قوغداش سېستىمىسى  سەۋەپلىك  باتارىيە ئىچىدە   فىزىكىلىق  رىئاكسىيە يۈز  بەرمەيدۇ  ،بۇ  باتارىيەگە  توك قاچىلانماسلىق  ،  توك قاچىلاش  سۈرئىتى  ئاستا بولۇش  ئەھۋاللىرىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  .ئەكىسچە   يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا  بولغاندا  ،لىتىي باتارىيەسى  تېخىمۇ  تۇراقسىز بولۇپ  ئېغىر  بولغاندا پارتلاشنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ .   شۇڭا  چوقۇم تېمپۇراتۇرىنىڭ  نورمال  بولىشىغا دىققەت  قىلىڭ .   

4. توك  قاچىلاش  قېتىم سانى  .مۇنداق  كۆز قاراشلار  بار  : ھەممە تېلفوننىڭ  باتارىيەسىنىڭ  مۇقىم توك  قاچىلاش  قېتىم سانى  بولىدۇ  .ئەگەر توك  قاچىلاش  قېتىم سانى   بەك  كۆپ بولۇپ  كەتسە  ، بۇ باتارىيىنىڭ   بالدۇر  قېرىشىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ  . ئەمەلىيەتتە بۇنداق  دېيىش  خاتا .  لىتىي باتارىيىمۇ  ئادەم  بىلەن ئوخشاش ، ئادەملەرنىڭمۇ   تاماقنى ئاز  يەپ  كۆپ قېتىم  يەپ  بېرىشىنى تەشەببۇس  قىلغىنىمىزغا  ئوخشاش ،تېلفونغا  كۆپ قېتىم  توك  قاچىلاپ بېرىش  ئەمەلىيەتتە  باتارىيىگە پايدىلىق  . 

5. يېڭى  تېلفوننى ئاكتىپلاشتۇرۇش  كېرەكمۇ  ؟ يېڭى سېتىۋالغان  تېلفونلارنىڭ  ئەسلىدىكى توكىنى  ساق   تۈگىتىۋەتكەندىن  كېيىن توك  قاچىلاش  كېرەك .ھەم  بۇ  جەرياننى ئۈچ – تۆت  قېتىم  تەكرارلاش كېرەك  .  بۇ تېلفوننى  ئاكتىپلاشتۇرۇش  دەپ ئاتىلىدۇ  .  ئىلگىركى  تېلفونلارنىڭ  ھەممىسىنى  مۇشۇنداق ئاكتىپلاشتۇرۇش  كېرەك  ئىدى  .  لېكىن  ھازىرقى  تېلفونلارنىڭ لىتىي  باتارىيىسىنى  ئاكتىپلاشتۇرمىسىمۇ  بولىدۇ .

6. تېلفونغا  بىرىنجى قېتىم  توك  قاچىلىغاندا بەك  ئۇزۇن  قاچىلىماسلىق كېرەك  .بىرىنجى  قېتىم  تېلفونغا  توك قاچىلىغاندا    قانداقتۇر  ئۈزۈلدۈرمەي 12  سائەت  توك قاچىلايمىز  دېيىش  توغرا ئەمەس  .بۇ  بۇرۇنقى باتارىيىلەرگە  نىسبەتەن  قوللىنىلدىغان ئۇسۇل .  ھازىرقى  باتارىيىلەر ئاساسلىقى  لىتىي  باتارىيە  ياكى  جۇغلانما  ماددىلىق لىتىي  باتارىيە .تۇنجى  قېتىم توك  قاچىلىغاندا  ئادەتتىكىگە ئوخشاش  قاچىلىسا  بولىۋېرىدۇ .

7. بىر  تەرەپتىن  توك  قاچىلاپ ،  بىر    تەرەپتىن تېلفون  ئويناش . ئەگەر  شارائىتىڭىز يار  بەرسە  توك قاچىلاۋاتقاندا  ئەڭ  ياخشىسى تېلفوننى  ئېتىۋېتىڭ  .بۇنىڭ تېلفون  باتارىيىسىگىمۇ  پايدىسى بار . بىر  تەرەپتىن  توك  قاچىلاپ  بىر  تەرەپتىن تېلفون  ئويناشنىڭ  باتارىيىگە زىيىنى  بولۇپلا  قالماستىن يەنە  بەدەنگىمۇ  زىيىنى  بار .

8.توك  قاچىلاش ۋاقتى بەك  ئۇزۇن  بولۇپ كېتىش . توك  قاچىلاپ  بولغاندىن كېيىن  ۋاقتىدا توك  مەنبەسىنى  ئۈزىۋەتمىسىڭىز ،باتارىيە  ئىزچىل  توك  قاچىلاش  ھالىتىدە تۇرىدۇ  . بۇ  باتارىيىنىڭ بۇزۇلىشىنى  تېزلەشتۈرۋېتىدۇ  . نۇرغۇن ئادەملەر  ئاخشىمى  ئۇخلاشتىن بۇرۇن  توك  قاچىلاشقا ئادەتلەنگەن  . ئەگەر  ئىشلەتكىنىڭىز تېلفون  بىلەن  بىللە چىققان  ئەسلى  زەرەتلىگۈچ بولسا  ،تېلفوننىڭ   توكى توشقاندىن  كېيىن  ،زەرەتلىگۈچ ئۆزلىكىدىن  توك  قاچىلاشنى توختىتىدۇ . ئەگەر  ئۇنداق  بولمىسا تېلفونغا  توك  قاچىلىنىۋېرىپ باتارىيە  ئاسان  بۇزۇلىدۇ .

9.توك   قاچىلاۋاتقاندا  تېلفونىڭىزنىڭ قېپىنى  ئېلىۋېتىڭ . تېلفوننى  تېخىمۇ ياخشى  ئاسراش  ئۈچۈن ، نۇرغۇن  كىشىلەر تېلفونىغا  قاپ  كىيدۈرۋالىدۇ .بەلكىم  بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ،  لىتىي  باتارىيە ئىسسىقتىن  بەك  قورقىدىغان بولۇپ ،توك  قاچىلىغاندا  تېخىمۇ قىزىيدۇ  . شۇڭا  تېلفونىڭىزنىڭ  قېپىنى ئېلىۋەتسىڭىز  ،  بۇ  ئىسسىقلىقنىڭ  تارقىلىشىغا پايدىلىق .

ئۇنىڭدىن  باشقا دوستلارغا  شۇنى  تەۋسىيە قىلىمىزكى  :  تېلفوننى پات - پات  قايتا  قوزغىتىپ بېرىڭ  . چۈنكى  ئۇزۇن  مەزگىل  ھەركەت  ھالىتىدە تۇرغان  تېلفون  ئاسان قاتىدىغان  بولۇپ  قالىدۇ .مۇۋاپىق  پەيتتە تېلفوننى  قايتا  قوزغۇتۇپ بېرىش  تېلفوننىڭ  بېسىمىنى ئازايتىپ  ،ئىشلىتىش  ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ .






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624