

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
دوختۇرخانا
دوختۇرخانىدىكى قاتار كەتكەن كېسەل كارۋاتلىرىغا ، ئاجىز بەدىنى سۆرەپ يۈرۈپمۇ ھاياتلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن كىشىلەرگە قاراپ بېقىڭ .
تۇرمۇشتىن ئاغىرنىۋەرمەڭ . گەرچە تەقدىر شۇنچىلىك ئادالەتسىز بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى تارتىۋالغىنى يوق . ساغلام بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا سىز نۇرغۇن كىشىلەردىن بەخىتلىكسىز .
ھاياتىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ كىشىلەرگە قاراپ ، ھاياتتىكى پىلانلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە ساغلاملىق پىلانىنىمۇ قوشۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ ئازراق تۈنەڭ ، كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇڭ ، بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇڭ .
كۇتۇپخانا
كۇتۇپخانىدا سىز ھەرخىل داڭلىق شەخىسلەر بىلەن ئۇچىرشالايسىز ، ئۇلار پۈتۈن بايلىقىنى سىز ئۈچۈن كىتاب جازىلىرىغا دۆۋىلىۋەتكەن بولىدۇ . ساناقسىز كىتاپلارنى، كىتاپتىن بالقىپ تۇرغان چېكى يوق بىلىملەرنى كۆرگەندىلا سىز ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر نادان ، بىلىمسىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلالايسىز .شۇ ئارقىلىقلا ئۆزىڭىزنى ئىزدەش ، ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بوسۇغۇسىغا قەدەم قويىسىز .
داڭلىق دۇكان
بۇ يەردە سىز تۇيۇقسىز تاۋارلارنىڭ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ناھايتى مۇۋاپىق بولغان باھاغا خالىغانچە بىر نەچچە نۆلنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ناھايتى نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . بەزىدە سىزنىڭ بىر ئايلىق مائاشىڭىز بىر سومكىنىڭ پۇلىغىمۇ چىقىشمايدۇ .مۇشۇ زەربە سىزنىڭ تىرىشىپ پۇل تېپىشىڭىزغا سەۋەپ بولىدۇ .
ئەلۋەتتە ، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئەمەس . مۇھىمى شۇكى ،كىشىنى تولىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ باھا ،سىزگە شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى :كەڭرى دۇنياغا نىسبەتەن بىز قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ، دۇنيادا بىز تېخى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ، بۇ ئىشلاردىن باشتىن كەچۈرۈش ، ھېس قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
تاغ چوققىسى
تاغ چوققىسىغا چىققىنىڭىزدا مۇنداق ئىككى ئىشنى بايقايسىز : بىرىنجى ، تاغ تولىمۇ كىچىك بىلىنىدۇ . ئىككىنجى : ئاسمان تولىمۇ كەڭرى بىلىنىدۇ .
ئېگىزدە تۇرغىنىڭىزدا ، يىراقنى كۆرىسىز . ئەتراپىڭىزدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ . ھەممىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيسىز . ھاياتىڭىزدا قايمۇقۇپ قايانغا مېڭىشىڭىزنى بىلمەي قالغاندا ، ئېگىز تاغ چوققىسىغا چىقىپ يىراقلارغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ .
قەبرىستانلىق
ئۆلۈم ھاياتنىڭ خاتىمىسى . قەبرىستانلىقتا ئۆلۈمنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكىلا ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز . ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلۈمگە قەدەممۇ - قەدەم يېقىنلاپ كېتىپ بارغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز . ئاندىن ھايات ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىسىز .
ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار . بۇ كۈندىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن ، ھاياتىڭىزنىڭ مەزمۇنى رەڭگارەڭ بولسۇن ، ھەربىر كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ.










