

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
يۈرەك : 40 ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ .
بەدىنىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە قېرىشىغا ئەگىشىپ ، يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ .بۇ قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئارتىريە تومۇرمۇ قېتىشىپ قېلىشى ياكى توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .بۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىدىغان تۈپكى سەۋەپ بولسا تاجىسىمان ئارتىريىدە ماي يىغىلىپ قېلىش بولۇپ ،بۇ سەۋەپلىك يۈرەككە قايتىپ بارىدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ ، ئاندىن يۈرەك سانچىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .45 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر ۋە 55 ياشتىن يۇقىرى ئاياللاردا يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ .
ئاسراش تەدبىرى :
ئۈچ ئۇۋۇلاش ، بىر سىيرىش ئۇسۇلى . بۇنىڭدا كۆكرەك پەللىسىنى تاللاپ (كۆكرەك پەللىسى ئىككى سۈت بېزىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىچىك ئويمان يەرگە جايلاشقان ) ئۇۋۇلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئادەتتە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندا ، مۇشۇ جاينى ئۇۋۇلاپ بەرسە ،نەپەس راۋانلىشىپ ، بىمار سەل راھەت ھېس قىلىدۇ .
كۆكرەك پەللىسىنى ئۇۋۇلىغاندا ، ئۈچ ئۇۋۇلاش بىر سىيرىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش كېرەك . ئۈچ ئۇۋۇلاش بولسا كۆكرەك پەللىسىنى ئۇۋۇلاشنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇۋۇلىغاندا ئىككى قولنى گىرەلەشتۇرۈپ يۇمۇپ ، قولنىڭ ئاستى قىسمى بىلەن كۆكرەك پەللىسىنى ئۈستىدىن ئاستىغا يۆنىلىش بويىچە ئۈچ قېتىم ئۇۋۇلاپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ . بىر سىيرىش بولسا ئۇۋلاپ بولغاندىن كېيىن قولنى ئاجراتماي تۇرۇپ تۈز قىلىپ جىپسىلاپ كۆكرەك پەللىسىدىن تاكى كىندىكنىڭ ئاستىغىچە سىيرىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ . مۇشۇ تەرىقىدە 10-12 قېتىم ئەتراپىدا تەكرار ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ .
چىش : 40 ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ .
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ شۆلگەي سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىشىمۇ ئازىيىدۇ .شۆلگەينىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلارنى تازلاش رولى بولۇپ ،ئازلىغاندىن كېيىن چىش ۋە چىش مىلىكلىرى ئاسانلا چىرىيدۇ ، چىشنىڭ ئەتراپىدىكى چىش مىلىك توقۇلمىلىرى ئازلاپ كېتىدۇ ، شۇ سەۋەپلىك چىش ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ ، بۇ 40 ياشتىن يۇقىرى ئادەملەردە ئومۇميۈزلۈك كۆرىلىدىغان ئەھۋال .
ئاسراش ئۇسۇلى :
1. كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر چىشقا زىيانلىق .بولۇپمۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەر . ئۇزۇن مەزگىل ئىچكەندە ، چىشنىڭ ئۇپىراپ پارچىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭا بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك .
2.چىشنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش . ھەر يىلدا ئىككى قېتىم چىش يۇيغۇزۇش ئېغىز بوشلۇقۇڭىزدىكى مىكروبلارنى تازلاپ ، چىش يىلتىزىنى چىڭىتىدۇ ، چىشنىڭ ئاسان چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
بۆرەك : 50 ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ .
بۆرەك ئىقتىدارى 50 ياشتىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭىدىغان بولۇپ ، بۆرەكنىڭ ئۆزىنىڭ قان تەركىبىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈزۈش ئىقتىدارى بار بولىدۇ ، بۆرەكنىڭ بۇ خىل سۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى نەتىجىسىدە ، ئادەمنىڭ كېچىدە سۈيدۈك تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ ،75 ياشلىق ياشانغان كىشىلەرنىڭ بۆرەك سۈزۈش ئىقتىدارى 30 ياشلىق ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا 50% تۆۋەن بولىدۇ .
ئاسراش ئۇسۇلى :
1. يېتەرلىك سۇ ئىچىش ، سۈيدۈكنى بەك ئۇزۇن قىسىپ تۇرىۋالماسلىق كېرەك .ھەركۈنى 1500-2000 مىللىلېتىر سۇ ئىچىپ بېرىشكە ، سۈيدۈك مىقدارىنىڭ 1500 مىللىلېتىر ئەتراپىدا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
2.دورا ئىشلىتىشكە ئۈگىنىپ قالماسلىق كېرەك . بەزى دورىلارنىڭ بۆرەككە ئىنتايىن زىيىنى بار بولۇپ ، ئاغرىق توختاتقان بىلەن بۆرەككە سالىدىغان زىيىنى ناھايتى ئېغىر . شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بولمىسا قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
ئۈچەي : 55 ياشتىن باشلاپ قېرىشقا باشلايدۇ .
ساغلام بولغان ئۈچەي پايدىسىز - پايدىلىق باكتىريىلەر ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان تەڭشەش رولىنى ئۆتەيدۇ . ئەمما ئۈچەينىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى ئادەمنىڭ يېشى 55 ياشقا بارغاندىن كېيىن ئاستا - ئاستا تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ ،چوڭ ئۈچەيدە تېخىمۇ كۆرىنەرلىك بولىدىكەن .بۇنىڭ تەسىرىدە ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدىكەن . قەۋزىيەت بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن .
ئاسراش ئۇسۇلى :
قورساقنى ئۇۋۇلاش + پۇتنى كەينىگە تېپىپ بېرىش . ئەتىگەن - كەچتە سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشىدە ۋە سائەت ئىستىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ . ياكى چۈشلۈك تاماقتىن 20 مىنۇت كېيىن پۇتنى كۈچەپ ئارقىغا تېپىپ بەرسە ، كىچىك ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .
جىگەر : ساقلاش مۇددىتى 70 يىل .
جىگەر بەدەندىكى بىردىنبىر قېرىشقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى ئەزا بولۇپ ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا پەيدا بولۇش ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك . ئوپىراتسىيە قىلىپ بىر پارچە جىگەرنى كېسىپ ئېلىۋەتسە ، 3 ئايدىن كېيىنلا جىگەر يەنە ئۆسۈپ ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىگە كېلىدۇ .ئەگەر جىگەر تەقدىم قىلغۇچى ئەزەلدىن ھاراق تاماكىغا يېقىن كەلمىگەنلا بولسا ، 70 ياشلىق ئادەم جىگىرىنى 20 ياشلىق ئادەمگە ئىئانە قىلسا بولىدۇ .
ئاسراش ئۇسۇلى :
1.كۈندە يېشىل كۆكتات يەپ بېرىش .ئۆي تامىقى يېيىشكە ئادەتلىنىش ، سەي -كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك ، مۇۋاپىق مىقداردا گۆش ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ .
2.يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش . ھەدىسىن زىيادە يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەلىكلەر جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ ، جىگەردە ماي يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .










