

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر جۈپ ئاياغ : نەيكېنىڭ 600 نەچچە يۈەن ؛ 361 نىڭ 200 نەچچە يۈەن ؛ تېبۇنىڭ 300 نەچچە يۈەن ؛ لىنىڭنىڭ بولسا 400 نەچچە يۈەن ؛ شۇڭا كېلىپ چىقىشىڭىز بەك مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : يايمىدا 10 نەچچە يۈەن ، ماگىزىن ، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا بولسا نەچچە يۈز يۈەنگە ئۆرلەيدۇ ، شۇڭا سىزنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرىشىڭىز بەك مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : باشقىلار پۇتىغا سېپىپ ، دەل كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن سېتىۋالىدۇ ، شۇڭا چۈشىنىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش بەك مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : بىرى كەم بولۇپ قالسا ، پۇلغا يارىمايدۇ . شۇڭا ھەمرايىڭىز ناھايتى مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : پاسونى كونا بولغانلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولىدۇ . شۇڭا ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇش ناھايتى مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : نەچچە يىل بېسىلىپ قالسا باھاسى چۈشۈرلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ، شۇڭا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىرسىنى تاپسىڭىزلا ئۆمۈرلۈك ئىشىڭىزنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ .
بىر جۈپ ئاياغ : بەزىلەر تۆت - بەش يىل كىيسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ ، بەزىلەر بىر يىل كىيە – كىيمەيلا جۇلىقىنى چىقىرۋېتىدۇ ، شۇڭا ياخشى بىر خوجايىنغا ئۇچراش ناھايتى مۇھىم .
بىرجۈپ ئاياغ : پاسونىنىڭ قانچىلىك يېڭى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، پۇتقا كىيگەندىن كېيىنلا كونىغا ھېساب بولىدۇ ، شۇڭا قەدىرلەش ناھايتى مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : لاھىيىلىنىشىنىڭ قانچىلىك مۇكەممەل بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھامان بەزى نۇقسانلىرى بولىدۇ ، شۇڭا كەڭ قورساقلىق ناھايتى مۇھىم .
بىر جۈپ ئاياغ : قانچىلىك قىممەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، پۇتقا دەل كەلمىسە ئۆز مەنىسىنى يوقىتىدۇ ، شۇڭا ماس كېلىش ناھايتى مۇھىم .






