大数跨境
0
0

بۇ8خىل ئالامەتتىن ساغلام ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز

بۇ8خىل ئالامەتتىن ساغلام ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز aymehri
2017-09-07
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىرىنجى: يارا ئېغىزىڭىزنىڭ  ئىنتايىن  تېز ساقىيىشى  سىزنىڭ  ساغلام ئىكەنلىكىڭىزنى  بىلدۈرىدۇ.يارا  ئېغىزىڭىزنىڭ  ئىنتايىن تېز  پۈتىشى   قاننىڭ ئۇيۇشۇش  ئىقتىدارى، ئاق  قان  ھۈجەيرىلىرىنىڭ  مىكروب ئۆلتۈرۈش  ئىقتىدارى   ھەمدە قان  تومۇرلار  ئەھۋالىنىڭمۇ ئىنتايىن  ياخشى  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر  يارا  بەك كىچىك  تۇرۇپمۇ    يەنە ئىتتىك  ساقايماي  ئۇزۇنغىچە يارا  بوپ  قالىدىغان ئەھۋاللار  بولسا  دوختۇرغا كۆرىنىش  كېرەك.


ئىككىنجى: بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ  نورمال  بولىشى بەدىنىڭىزنىڭ  ئىنتايىن   ساغلام ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرىدۇ. ئەگەر  بەدەن ئېغىرلىقىڭىزدا  نورمالسىزلىق  كۆرۈلۈپ ، تۇيۇقسىز  بەك يېنىكلەپ  كەتسىڭىز  ياكى تۇيۇقسىز  بەك  ئېغىرلاپ كەتسىڭىز  چوقۇم  ھەسسىلەپ ئېھتىيات  قىلىشىڭىز  كېرەك.



ئۈچىنجى: ئەگەر  بىر  كۈنلۈك ئۇيقۇڭىزغا  قانسىڭىز  سىزنىڭ ئىنتايىن  ساغلام  ئىكەنلىكىڭىزنى   بىلدۈرىدۇ. ساغلام  ئۇيقۇ ھالىتى  بولسا  ئاز چۈش  كۆرۈش ،  كېچىسى كۆپ  ئويغىنىپ  كەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. ناچار  ئۇيقۇ  ھالىتى بولسا  ئۇيقۇ  سۈپىتى ناچار  بولۇش،  كېچىسى كۆپ  ئويغىنىش، كۆپ  چۈش كۆرۈش، ناھايتى  ئۇزاق  ئۇخلىغان بولسىمۇ  يەنىلا   ئۇيقۇسىغا قانماسلىقنى  كۆرسىتىدۇ.بۇنداق  ئەھۋالدا  چوڭ مېڭە  يېتەرلىك  ئارام ئالالمايدۇ. 



تۆتىنجى: تىرنىقىڭىز  قىزغۇچ بولسا. تىرناق  ئارقىلىقلا  ئادەمنىڭ سالامەتلىك  ئەھۋالىغا  ھۆكۈم قىلغىلى  بولىدۇ. تىرناقنىڭ  قىزغۇچ  بولىشى  ھەم تىرناق  ئوتتۇرسىدا  قىر شەكىللىك  سىزىقنىڭ  بولماسلىقى سىزدە  قان  ئاز ئەمەسلىكىنى، كالىتسىي  كەم  ئەمەسلىكىنى، ئىچكى  ئاجراتمىلارنىڭ  نورمال ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرىدۇ. 


بەشىنجى: چېچىڭىزنىڭ سىلىق، پارقىراق بولىشى.چاچنىڭ  ئۆسىشى  ۋە چۈشىشى، سىلىق  بولىشى  ياكى قۇرغاق  بولىشى، بۆرەك  بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولۇپلا قالماي  يەنە قاننىڭ تەمىنلىنىشى  بىلەنمۇ  مۇناسىۋەتلىك. ئادەم  قانچە  ساغلام بولسا  چېچى  شۇنچە سىلىق،  پارقىراق  بولىدۇ.


ئالتىنجى: قورساق قىسمىڭىزدا  ئارتۇق  گۆشلەر بولمىسا.قورساق  قىسىمنىڭ  سېمىز بولىشى  نۇرغۇن  كىشىلەرنىڭ بېشىنى  ئاغرىتىۋاتقان  مەسىللەرنىڭ بىرى. بۇ  بەدەننىڭ  سىرتقى قىياپىتىگە  تەسىر  كۆرسىتىپلا قالماستىن  يەنە  يۇقىرى قان  بېسىم، يۈرەك  سانجىقى، يۈرەك  تىقىلمىسى، دىئابىت  قاتارلىق كېسەللەرنىڭ  كېلىپ  چىقىشىنىڭ ئالدىن  بېشارىتى  بولىشى مۇمكىن. شۇڭا  ئادەتتە  بەل ئايلانمىسىغا  كۆپرەك  دىققەت قىلىش كېرەك،  قىزلارنىڭ  بەل ئايلانمىسى 85سانتىمېتىردىن، ئوغۇللارنىڭ 90سانتىمېتىردىن  ئېشىپ كەتمىسە  مۇۋاپىق  بولغان بولىدۇ.


يەتتىنجى: خاراكتىرىنىڭ  ئوچۇق-يورۇق بولۇش- بولماسلىقى. كەيپىياتنىڭ خۇشال بولىشى  بەدەننىڭ  بىر خىل  خۇشال  ھالىتىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ  ئۇزۇن   ئۆمۈر كۆرۈشكە  پايدىسى  بار.


سەككىزىنجى: ھەر  كۈنى 1-2  قېتىم   چوڭ تەرەت قىلىش.  چوڭ  تەرەتنىڭ راۋان  بولىشى  ھەزىم قىلىش ، ئاجىرتىپ  چىقىرىش   سېستىمىسىنىڭ ساغلام ياكى  ئەمەسلىكىنى  ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ  بىرى. داۋاملىق  چوڭ تەرەت  توسۇلۇپ  قېلىش ئادەمدە  ئۈچەي-ئاشقازان  ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، ئىچكى ئاجراتمىلار  قالايمىقانلىشىش،روھىي  جىددىيلىكنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624