

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر يىگىت يولدا بىر بوۋاينىڭ يېقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ، يېنىدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا قىز دوستىغا تېلفون قىپتۇ.
قىز دوستى دوختۇرخانىغا كىرىپلا يىگىتنى تىللاشقا باشلاپتۇ : "ساراڭمۇسىز، نىمە ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىپ يۈرىيسىز؟"
قىز كېسەل كارۋىتىدا ياتقان بوۋاينى كۆرگەندىن كېيىن ھەيران قاپتۇ: " دادا..."
بوۋاي قىزىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يىگىتكە دەپتۇ:"بالام، سەن بەك ياخشى بالىكەنسەن، بىر ئېغىز نەسىھىتىمنى ئاڭلاپ قىزىم بىلەن ئايرىلىپ كەت."
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن بوۋاي قىزىغا دەپتۇ:" بۇنداق ئەخمەقلەرگە ياتلىق بولساڭ ھەرگىز بولمايدۇ!"
...






