

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى تۆت ھايۋان ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان بىر ھايۋاننى تاللاڭ.
سىناق نەتىجىسى
Aنى تاللىغانلار
ئۆزىنى سۆيۈشكە %80 يىراقلىقتا.
بۇ خىلدىكى كىشىلەر راستىنلا ئۆزىنى قانداق سۆيۈشنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. گەرچە سىز ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەم بولۇش ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشقان بولسىڭىزمۇ، لېكىن بۇلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلمايسىز، پەقەت سىز سۆيگەن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشنى خالىمايسىز،خالاس. سىزدە ئۆزۈم ئۈچۈن بىر قېتىم ياشاپ باقاي ، دەيدىغان ئىدىيە ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرىشىڭىز شەرت،پەقەت بولمىدى دېگەندىمۇ سىزنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك.بۇنداق قىلغاندا گەرچە باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويسىڭىزمۇ، لېكىن كۆڭلىڭىز خالىغاننى قىلالايسىز، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خوجايىنى بولالايسىز.
Bنى تاللىغانلار
ئۆزىنى سۆيۈشكە %60يىراقلىقتا.
پەقەت ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكنىلا كۆرەلەيدۇ، ئارتۇقچىلىقنى كۆرەلمەيدۇ. ئۆزىنى سۆيۈش دەيدىغان ئىدىيە يوق. سىز ئۆزىڭىز تونۇپ كەتكەن يېتەرسىزلىكلىرىڭىزنى بىر خىل ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. كەمچىلىك بولسا ئەلۋەتتە تۈگىتىش كېرەك. لېكىن ئۆزنى ھېچ ئىش قىلالمايمەن دەپ قاراش، بەزىدە ئۆزىنى كەم سۇندۇردىغان پىسخىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، باشقىلارغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە ئۆزىنى سۆيۈشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئەتراپىڭىزدىكى گۈزەللىكلەرنى ھېس قىلىڭ، كۆكسى – قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ئۆزىڭىزگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىڭ. ئاكتىپ روھىي-ھالەتنى ساقلاڭ. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنى سۆيەلەيسىز.
Cنى تاللىغانلار
ئۆزىنى سۆيۈشكە %40 يىراقلىقتا.
بەزىدە ئەتراپىدىكىلەرنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ئۇۋالچىلىققا قېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ. پەقەت باشقىلار بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمىسىلا، سىز ھەممىگە چىدىيالايسىز. ھەممە ئادەم سىزنى مىجەزى بەك ياخشى دېيىشىدۇ. كۆڭلىدە سىزنى بەك گەپ چىشلەيدۇ، رەت قىلىشنى ئۇقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئارقا – ئارقىدىن سىزنى ئاۋارە قىلىۋېرىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى باشقىلارنىڭ ئاۋارچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنىمۇ ئۈگىنىپ قويۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ بېقىڭ. سىزنىڭ نىشانىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ غۇرۇرىنى قوغداشلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي خۇشاللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولىشى كېرەك.
Dنى تاللىغانلار
ئۆزىنى سۆيۈشكە %20 يىراقلىقتا.
سىزنى ھەرھالدا ئۆزىنى قانداق سۆيۈشنى بىلىدىغان ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئۆزىڭىزنى دەپلا ياشىمايسىز. ھەم شەخسىي مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن باشقىلارغا ئازارمۇ بەرمەيسىز. ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرغاندا جۈرئەتلىك ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇۋالچىلىقىنى سۆزلىيەلەيسىز. ئەتراپتىكىلەرنىڭ سىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئۆزىنى بۇنداق سۆيۈش بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بەزىدە دوستىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ئۇۋال قىلىپ قويسىڭىزمۇ، لېكىن ئۆزىڭىزگە زىيادە كۆڭۈل ئاغرىقى كەلتۈرمەيسىز. مۇشۇ پوزىتسىيە بىلەن ھاياتقا،ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلىسىز. بۇ سىزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ياخشى. سىز ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى بىلگەچكىلا باشقىلارمۇ سىزنى قەدىرلەيدۇ.







