

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
سىز بەلكىم داۋاملىق «بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى كونتىرول قىلالمىسڭىز، پۈتۈن ھاياتىڭىزنى كونتىرول قىلالمايسىز» دېگەنگە ئوخشاش ئېلانلارنى ئاڭلاپ تۇرىسىز . يەنە نۇرغۇن ئېلانلاردا بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچ خانىلىق ساندىن ئېشىپ كەتكەن قىزلارنى كەلگۈسىنى يوقىتىپ قويغان قىزلار ، دەپ مازاق قىلىشلارمۇ ئاز ئەمەس . ۋاختىنچە يۇقىرقى بايانلارنىڭ توغرا – خاتالىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشماي تۇرايلى ، لېكىن بەزى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئورۇقلاش ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىش ، ھەتتا ئازاپلىق ئىش . نۇرغۇن ئادەملەر تامىقىنى ئازايتىش ، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ، ھەرخىل ئىشتىھانى تۇتىدىغان دورىلارنى يېيىش قاتارلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ .لېكىن نېمىشقا نەتىجىسى يەنىلا «ئورۇقلىيالماسلىق » بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؟
ئورۇقلاشتا مەغلۇب بولۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى بار . ئورۇقلاش مەغلۇب بولۇشنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئورۇقلاشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك . ماتىرياللاردا دېيىلىشىچە ، ئەسلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 5% تى چۈشۈش مۇشۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى بىر يىل ساقلاپ قېلىش ئورۇقلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن . ئەكسچە ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 5% چىلىك چۈشمىسە ھەمدە بۇ ساننى بىر يىل ساقلاپ قالالمىسا بۇ ئورۇقلاش مەغلۇب بولغانلىقنى بىلدۈرىدىكەن . يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولسىمۇ ، ھەتتا سەل يېنىك بولسىمۇ ، تېخىمۇ چىرايلىق بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ، يەنىلا ئورۇقلاشنى تاللايدۇ ، يەنە كېلىپ بۇ ناھايتى تەس بىر جەريان بولىدۇ . چۈنكى بەدىنىڭىز سىزگە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ :« سىزنىڭ ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئەڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى » . بۇنداق ئادەملەر يەنە زورلاپ ئورۇقلاش جېڭى قىلماسلىقى كېرەك .
ئادەم بەدىنىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆزلىكىدىن ئۆلچەيدىغان تارازا بار. ئادەمنىڭ بەدىنى ئۆزىدىكى ماي ۋە ئېغىرلىقنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ناھايتى سەزگۈر بولىدۇ . ناۋادا بۇ ئىككىسىنىڭ كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپلا قالسا ، دەرھال ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلاپ ، كۆپرەك تاماق يەپ ئەسلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشنى ئەسكەرتىدۇ .مورسىۋېسكىي ۋە پوۋلىي 1977-يىلى تەڭشەش نۇقتىسى نەزىريەسىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، مۇنداق دېيىلگەن : ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ كەلگەن بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەدەن سۈپىتىگە نىسبەتەن ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى شەكىللىنىدۇ . خۇددى سائەتنى توغۇرلاپ قويغاندەك ياكى بىر ئاگاھلاندۇرۇش نۇقتىسى بەلگىلەپ قويغاندەك ، بەدەن ئېغىرلىقى ياكى بەدەندىكى ماي مىقدارى ئەسلىدىكى سەۋىيىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە ، دەرھال ئىشتىھا ئاچىدىغان ھورمۇنلارنى غىدىقلاپ ، يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدىكى سەۋىيىنى ساقلاپ قېلىشنى ئەسكەرتىدۇ .ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچى بەدەننىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئادەتلىنىشچانلىقى بىلەن كۆرەش قىلىشتۇر .
ساغلام ئورۇقلاشنى ئويلىشىۋاتقانلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىمىز :
ئىسسىقلىقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ، خورىشى چوقۇم ئۆلچەملىشىش كېرەك .
1. يېمەك –ئىچمەكتىكى ئېنىرگىيەنى ئۆلچەش . ئوزۇقلىنىش ئادىتى بولسا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ چۈشمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن داۋاملىق كولا ، قەھۋە ، ئاپىلسىن شەربىتى قاتارلىق يۇقىرى كالورىيەلىك ئىچىملىكلەر بىلىپ – بىلمەيلا ئادەم بەدىنىگە نۇرغۇن ئىسسىقلىقنى بىللە سۆرەپ كىرىدۇ . يەنە مەسىلەن مۇنداقلا يەپ قويغان بىر پارچە شاكىلات سەۋەپلىك قورسىقىڭىزغا نەچچە يۈز كالورىيە ئىسسىقلىق يىغىلىدۇ . تاماق قاچىسىنى ئۆلچەش ۋە باشقا تېلفونىڭىزدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلىك ئەپلەردىن پايدىلىنىپ ، ناھايتى ئېنىق ئۆلچەملىكتە قىلالمىسىڭىزمۇ ،لېكىن كۆرۈش سېزىمىڭىزگە تايىنىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئورۇقلىشىڭىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيە ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئىستىمال قىلىۋاتقان تاماقلىرىڭىزدىكى ئېنىرگىيە ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ تۇرسىڭىز بولىدۇ .
2. قەدەم ھېساپلاش ئەسۋابى ئارقىلىق ھەركەت مىقدارىنى ئۆلچەش . بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشتا ،ئېنىرگىيەنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ، تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۇنۇتماڭ . ئامرىكىلىق بىر پىروفىسسور مۇنداق دېگەن : ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئەسلىدىكىدىن 10% چۈشكەن بولسا ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىز چوقۇم ئورۇقلىماستىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا 22% ئېنىرگىيەنى ئاز قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك . بۇنىڭدا پەقەت يېمەك – ئىچمەكنى كونتىرول قىلىشقىلا تايىنىۋېلىش ياخشى ئەمەس . ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەركۈنلۈك ھەركەت مىقدارى 6000-10000 قەدەم ئەتراپىدا كونتىرول قىلىنسا بولىدۇ ، بۇ ئوتتۇرھال قەدەم بىلەن 40 مىنۇتتىن 1 سائەتكىچە ماڭغانغا باراۋەر بولىدۇ . ئەگەر يەنە داۋاملىق ئورۇقلاش ئېھتىياجى بولسا ، مۇشۇ ئاساستا يەنە يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرىدىغان ۋە ئېنىرگىيە خورىتىدىغان ئوكسىگىگىنلىق ھەركەتلەرنى قوشۇپ ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ . ھەركەت قىلغاندا خورايدىغان ئېنىرگىيە نۇرغۇن ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ،مەسىلەن ھەركەتلىنىش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى ۋە ھەركەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار . ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ، يۈگرەش ، ئاستا مېڭىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە ئېنىرگىيە خورىتىدىغان ھەركەتلەردۇر .
3. پەلەمپەي شەكىللىك ئورۇقلاش ھالىتىنى ساقلاش . ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۈندە ئاز –ئازدىن ئېشىپ ماڭىدۇ ، شۇنىڭغا ئوخشاش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشىشى ئۈچۈنمۇ مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ ، نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ كەتمەسلىك ، ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇقىم پەلەمپەي شەكىللىك ئۆرلەش پىلانى تۈزۈش كېرەك . بۇنداق بولغاندا ھەر بىر قەدەم يۇقىرى ئۆرلەپ بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئازراق چۈشسە سىزدە ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ . نىشان بېكىتىشتىن ئاۋال ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقىڭىز بىلەن نىشانىڭىزدىكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ پەرقىنى تېپىپ چىقىڭ ، ئاندىن ھەر ھەپتىدە 1-2 كىلوگىرامغىچە ئورۇقلايمەن دېگەن نىشان بىلەن شۇنىڭغا كېتەرلىك ۋاقىتنى ھېساپلاڭ ، باسقۇچلۇق نىشان تۈزۈڭ . ئورۇقلاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىڭىز 5%-10% كىچە چۈشكەندە ، سىز يەنە بەدەن ئېغىرلىقىڭىز مۇقىملىقنى ساقلاپ ئۆزگەرمەيدىغان بىر باسقۇچقا كىرىسىز . بۇ ۋاقىت دەل بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت بولىدۇ . ئەگەر نىشانىڭىزدىكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزغا يېتىپ بولغان بولسىڭىز ، مۇشۇ بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىشقا ھەركەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز . ئەگەر تېخى نىشانىڭىزدىكى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز ، ئالدىرماڭ ،ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاپ قالسىڭىز ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تەڭشەش نۇقتىسىغا كەلگەندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىللىك تۆۋەنلەش باسقۇچىنى كۈتىۋالىسىز .










