

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. مەيلى سىز قانداق ئەھۋالدا بولۇڭ ،چوقۇم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ئۈگىنىڭ .
سەۋەبى:چۈنكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ سىزنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك قىلىپلا قالماي ، يەنە پۇتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۈتۈن بەدەن موسكۇللىرىڭىز چىڭىيدۇ ، بولۇپمۇ پۇت قىسمىڭىزنىڭ .ئۇزۇن مەزگىللىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنىڭ پۇت شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار .ئەڭ مۇھىمى يول ماڭغاندا قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ماڭىدىغان بولىسىز .
قانداق تاللايمىز ؟بۇ يەردە دېيىلگەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى يەتتە سانتىمىردىن يۇقىرى ئاياغنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان بولسىڭىز ،ئاۋال بەش سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكىنى تاللاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ پاشنىسى بەك ئىنچىكە ياكى بەك كۆزگە چېلىقىدىغان رەڭدىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى تاللىۋالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز . چۈنكى يېڭى ئۈگىنىۋاتقان بولغاچ بەزىدە سورۇنغا ، يەنە بەزىدە كىيىمىڭىزگە ماسلاشتۇرالماي قالىسىز .
قىزلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە بىئارام بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بەلكىم ئاياغنىڭ پاشنىسىنىڭ بەك ئىنچىكە بولغانلىقى سەۋەپلىك دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھازىر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ ، ئەگەر كىيسەم پۇتۇمنى ئاغرىتارمۇ ، دەپ ئەنسىرسىڭىز ،پاشنىسى تومراقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا پۇتىڭىزغا چۈشىدىغان بېسىم ئازىيىدۇ . دەسلەپتە باشلىغاندا بىر ھەپتىدە 2-3 كۈن ، ھەر كۈنى 4-5 سائەت كىيىپ مەشىق قىلسىڭىز بولىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كۆنۈپ قالىسىز.
2. تېرىڭىزنىڭ رەڭگى سەل قارا بولسا ، ھال رەڭدىن يىراق تۇرۇڭ .
سەۋەبى: تېرىڭىز دېگۈدەك ئاق بولمىغان سىز ھال رەڭنى ياخشى كۆرىمەن دەمسىز ؟ سىزگە تەكلىپىمىز ھال رەڭدىن يىراق تۇرۇڭ . چۈنكى ھال رەڭ تېرىڭىزنى ئەسلىدىكىدىنمۇ قارا ، نۇرسىز ، خۇنۈك كۆرسىتىدۇ .
قانداق تاللايمىز ؟ ئاچ سېرىق ، سۇس كۆك رەڭ قاتارلىقلار ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ .
3.قورسىقىڭىز سەل چىقىپ قالغان بولسا ياكى بەل قىسمىڭىزدا ئارتۇق گۆشلەر بولسا بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ ،لېكىن ئازادە كىيىملەردىن تاللاشقا بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىلا تەنتەربىيە كىيىملىرىغۇ ، دەپ قالماڭ .
سەۋەبى : بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب بىرى بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەر بەدەننىڭ يېتىلىشىگە زىيانلىق . يەنە بىرى بولسا بەل قىسمىڭىزدىكى ئارتۇق گۆشلەرنىڭ باشقىلارغا كۆرىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش . لېكىن بۇ سىزنىڭ داۋاملىق تەنتەربىيە كىيىمى كىيىشىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ تاللىشىڭىز يەنىلا كۆپ .
قانداق تاللايمىز ؟ يۇقىرى بەللىك پاسونلارنى ، ئازادە ئۇزۇن مايكىلارنى ، ئوتتۇرھال ئۇزۇنلۇقتىكى توقۇلما مايكىلارنى ، چېچىلما كۆينەكلەرنى كىيسىڭىز بولىدۇ . ئۈستۈن بەدىنىڭىزدىكى كىيىملەرگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئاستى بەدەنگىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك . مەسىلەن قونچىلىق ئۆتۈكلەرنى ، ئۇزۇن ئۆتۈكلەرنى تاللاپ كىيسىڭىز بولىدۇ.







