大数跨境
0
0

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىقمۇ؟ aymehri
2017-07-19
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

   چېڭدۇدا بىر ئايال مېترو بېكىتىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماقچى بولغان خادىم بىلەن جاڭجاللىشىپ، ئۇنى پەلەمپەيدىن ئىتتىرىۋەتكەندە، تەكشۈرگۈچى خادىم ھوشىدىن كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال ئون كۈن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلار خېلى كۆپ. كۆپچىلىكنىڭ بۇنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ پىرىنسىپىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىدىندۇر. تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

X نۇرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى

X نۇرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يەنە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياكى يۈك – تاق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ، مېترو، ئايرودۇرۇم، پويىز ئىستانسىسى، سودا سارايلىرى... قاتارلىق ئورۇنلاردا يۈك – تاقلارنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، X نۇرىنىڭ ماددىلاردىن ئۆتۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. نەرسىلەرنىڭ زىچلىقى، قېلىنلىقى ۋە تەركىبى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىسا X نۇرىنىڭ ئىچ – ئىچىدىن ئۆتۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، X نۇرى ئاپپاراتى دەل مۇشۇ ھەر خىل ماددىلارنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن يۈك – تاقلار ئىچىدىكى نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ. X نۇرى ئاپپاراتى نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى پەرقلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە رەڭگىنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

بەزى كىشىلەر سومكىلىرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن X نۇرىدىن بۇلغىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى يۈك – تاق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا ھاسىل بولىدىغان X نۇرىنىڭ قۇۋۋىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە قوبۇل قىلىدىغان رادىياتسىيە مىقدارى بەش مىكرو سېۋېرت (SV) تىن تۆۋەن بولىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنى رادىياتسىيەلىك مىكروبسىزلاپ يېڭى پېتى ساقلاشتىكى رادىياتسىيە مىقدارىدىن كۆپ تۆۋەن.

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى يەنە مېتال تەكشۈرۈش ئىشىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى يولۇچىلار يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن تىغلىق مېتال قوراللارنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئېلېكتىر ماگنىت ئىندۇكسىيەسىدىن پايدىلىنىلىدۇ. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىنىڭ ئىككى يېنى تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ماگنىت مەيدانى ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلمايدۇ، ئەمما مېتاللار تېز ئۆزگىرىۋاتقان ماگنىت مەيدانىدا خېلى كۈچلۈك قۇيۇن توك ھاسىل قىلىدۇ، بۇ قۇيۇن توكنىڭمۇ ماگنىت مەيدانى بولىدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى بۇ يېڭى ھاسىل بولغان ماگنىت مەيدانىنى بايقىغان ھامان سىگنال چىقىرىدۇ ياكى چىراغ ياندۇرىدۇ.

كىشىلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتكەندە سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق، لېكىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى X نۇرى ئاپپاراتى ئەمەس، ئۇنىڭ ھاسىل قىلىدىغىنى ئىيونلۇق رادىياتسىيە بولماستىن، بەلكى ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ خىل ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كۈچىنىشى ئارانلا بىر مىكرو تېسلا ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇمات دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹ئۆتمە شەكىللىك مېتال تەكشۈرۈش ئىشىكلىرىنىڭ ھەممىباب تېخنىكا ئۆلچىمى››دە بەلگىلەنگەن 30 مىكرو تېسلادىن كۆپ كىچىك بولىدۇ.

تېرا ھېرتس بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى

كىشىلەرگە مەلۇمكى ھەر قېتىم ئايروپىلانغا چىقىدىغان چاغدا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى باشتىن ئاياغقىچە بىر قېتىم ‹‹سىلاپ››چىقىدۇ، بۇ يولۇچىلارنىمۇ بىزار قىلىدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىمۇ بىزار قىلىدۇ.

دائىملىق تەكشۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى قانداق تەشۋىقات قىلايلى، ھامان بەزى يولۇچىلار رادىياتسىيەدىن ئەندىشە قىلىدۇ. نېمىلا دېمەيلى، دائىملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ ئىسراپ بولىدۇ. شۇڭا بىز كىشىلەرنىڭ يېنىنى ئاختۇرمايدىغان، X نۇرى ياكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى چىقارمايدىغان بىر خىل بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تېرا ھېرتس بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتىمىز.

ئۇنداقتا، بۇ خىل ئۈسكۈنىنى تىلغا ئېلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ‹‹تېرا ھېرتس›› نىڭ نېمىلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

‹‹تېرا›› بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ‹‹كىلو››، ‹‹مېگا›› ۋە ‹‹گىگا›› قاتارلىقلارغا ئوخشاش سانلىق مىقدار دەرىجە بىرلىكى بولۇپ، ‹‹T›› بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ‹‹ھېرتس›› بولسا چاستوتىنىڭ بىرلىكى بولغاچقا، ‹‹تېرا ھېرتس›› بىر چاستوتا دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ چاستوتىسى 0.3THz تىن 3THzقىچە، ماس ھالدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر مىللىمېتىردىن 0.1 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ. شۇڭا ئېلېكتىرون ئىلمى ساھەسىدە تېرا ھېرتس چاستوتا بۆلىكىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى مىللىمېتىر دولقۇن ياكى ئىككىلەمچى مىللىمېتىر دولقۇن دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما يورۇقلۇق ئىلمى ساھەسىدە يىراق ئىنفرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. تېرا ھېرتس چاستوتا بۆلىكىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ چاستوتىسىدىن كىچىك، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىكى مىكرو دولقۇننىڭ چاستوتىسىدىن چوڭ بولىدۇ.

بىزنىڭ بەدىنىمىز ھەرۋاقىت ئىنفرا قىزىل نۇر تارقىتىپ تۇرىدۇ، يەنى ھەر ۋاقىت تېرا ھېرتس چاستوتا دائىرىسىدىكى رادىياتسىيەنى تارقىتىپ تۇرىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، تېمپېراتۇرىسى 10 كىلىۋېن (تەخمىنەن℃263– )دىن يۇقىرى بولغان ھەرقانداق جىسىم تېرا ھېرتس چاستوتا دائىرىسىدىكى رادىياتسىيەنى تارقىتىدۇ.

تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېرا ھېرتس رادىياتسىيەلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات چوڭقۇرلاشماقتا. خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشقا ئاساسلانغاندا، تېرا ھېرتس رادىياتسىيەلىرىنى يېڭى ھەم ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بىر خىل رادىياتسىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا تېرا ھېرتس بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلاردىن پايدىلىنىشنىڭ مەھسۇلى.

تەڭرىتاغ تورى


ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读460
粉丝0
内容624