

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
شۇنچە كۆپ كىيىملىرىڭىز ئارىسىدا قايسىسىنىڭ جەزبىدارلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان ، قايسىسىنىڭ سىزنى تېخىمۇ ياش ، تېتىك ، قايسىسىنىڭ سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلىدۇ ، بولۇپمۇ سۇرۇنلارغا بارغاندا قانداق كىيىنىش مەسلىسى ئاياللارنىڭلا ئەمەس ، ئەرلەرنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدۇ ، چۈنكى ھەر قانداق ئەر ئايالىنىڭ چاكىنا كىيىنىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ .
بەزى ئەرلەر:‹‹ ئايال كىشى چىرايلىق بولسا ، قانداقلا كىيىم كىيسە يارىشىۋېرىدۇ›› دەپ قارايدۇ ، لېكىن كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ .
ئەرلەر ئايالىنىڭ ھەر ۋاقىت جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ جەزبىدار تۇرقىنى باشقىلارغا ، ئاددىي (كۆرۈمسىز) ھالىتىنى ئۆزىگە كۆرسىتىشىدىن نارازى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇمۇ ئاجرىشىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن .
زىيادە ئوچۇق ، تار كىيىم كىيگەن ئايال ئېرىگە چاكىنا تەسىر بېرىپ قويىدۇ . بەزى ئاياللار تېخىمۇ ياش ، ئوماق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، يېشىغا ماس كەلمىگەن كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ . ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى ئېرىگە ئوماق كۆرۈنمەستىن ، ئەكىسچە تېتىقسىز تەسىر بېرىدۇ .
سورۇنغا قاراپ كىيىنەلەيدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ جەلپكار ئايال ھېسابلىنىدۇ .
ئاياللار :‹‹ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە ، گۈزەللىكنى تېخىمۇ نامايەن قىلغىلى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ ، لېكىن بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ .
قىسقىسى، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى جەلپكار ئايال بولاي دېسىڭىز، سورۇنغا قاراپ كىيىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ، شۇ چاغدىكى تۇرقىڭىز بەلكىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن .
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ










