大数跨境
0
0

شى جىنپىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا

شى جىنپىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا aymehri
2017-07-13
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

شى جىنپىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 10-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى زور. ئېلىمىزدىكى سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەتەرگە دادىل تەۋەككۈل قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئويلاپ ۋە تەكىتلەپ كەلگەن، بىراق يولغا قويالمىغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن زامانىۋى پەن- تېخنىكىنى قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ج خ ئىسلاھاتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىسلاھاتى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.


  مەملىكەتلىك ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5- ۋە 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى قىبلىنەما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور سانلىق مەلۇماتلار، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىنى تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىدىيە تەسەۋۋۇرىنى ئاشۇرۇش، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پەن- تېخنىكىنى تەتبىقلاشنى قانۇن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ئالاقىدار يانداش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق سوتسىيالىستىك ئەدلىيە تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.


 دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرى گو شېڭكۇن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.


 مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى




ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624