大数跨境
0
0

ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار aymehri
2017-07-15
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

 

ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

: چايلىق

. بىر چىمدىم قارىچاي،ئىككى قۇشۇق ھەسەل

تەييارلاش : قارىچاينى بىر چىنە قايناق سۇدا دەملەپ سۈزۈپ،ئاندىن ھەسەلنى ئېرىتىپ ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا   ئىچىلىدۇ

. تەسىرى : گالدىن غىزا ئۆتمىگەندە ئېچىلىدۇ

 

قان خىلىتىدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

: كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

ئىچ سۈرىدۇ،پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ،قىززىيدۇ،باش لوقۇلداپ

ئاغرىيدۇ،باش قايىدۇ.يۈز-كۆزى ئىششىيدۇ.قان خىلىتىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر ۋە ئاشقازان كىسىلىگە ئائىت ئالامەتلەر كۈرىلىدۇ.

 

 : چايلىق

 قەلەمپۇر،ئارپا بەدىيان،لاچىندانە ھەر بىرىدىن توققۇز گىرامدىن،قاقىلە 10 گىرام

تەييارلاش : دەملەپ،گۈلقەنىت قۇشۇپ ئىچىلىدۇ

تەسىرى:قان خىلىتىدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ،ئىشتىھانى ئاچىدۇ

 

: چايلىق

كۆڭ يانتاق چېچىكى مۇۋاپىق مىقداردا

تەييارلاش :چايلىق تەييارلاپ ئېچىلىدۇ

تەسىرى : قاندىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

: چايلىق

ئىگىر،مامكاپ،ئارپا ئۈندۈرمىسى،تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10گىرام

تەييارلاش:مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ،چايلىق ئورنىدا ئىچسە بولىدۇ

تەسىرى:سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

 

سەپرادىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

ئالامىتى : ئاشقازان قاتتىق ئاغرىيدۇ،كۈيۈشۈپ ئېچىشىدۇ،قىززىتما بولىدۇ،ئۇسسايدۇ،تىل گېزى سېرىق كۆرىنىدۇ،پۇت-قوللىرى سوۋۇپ كېتىدۇ.سەپرا خىلىتىغا ئالاقىدار ئالامەت كۆرۈلىدۇ


: چايلىق

بەدىيان، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ،كاسىنە ئۇرۇقى ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن

تەييارلاش : دورىلارنى چالا سوقۇپ،چايلىق تەييارلاپ بېرىلىدۇ

تەسىرى : سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

: چايلىق

نىلۇپەر،كاسىنە ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن،دورىلارنى ئېلىپ كاشكاپ تەييارلاپ بېرىلىدۇ. بىنەپشە،كاسىنە شىرنىسى،قەلەمپۇر، بەدىيان،قاقىلە،لاچىندانە ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن

تەييارلاش : بۇ دورىلارغا ئاز مىقداردا گۈلقەنىت قۇشۇپ،چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىلىدۇ

تەسىرى : ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

چايلىق : ئىتئۈزۈمى،كاسىنە ئۇرۇقى،گاۋزىبان قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن،بىنەپشە ئالتە گىرام ،ئوغىرتىكەن تۆت گىرام

تەييارلاش : دورىلارنى چالا سوقۇپ ،چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ،كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچلىدۇ

تەسىرى : ئۆتكۈر ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

 

 

بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

 

ئالامىتى : قىززىيدۇ،ئېغىزىدىن شالۇك ئاقىدۇ،ئىشتىھا تۇتىلىدۇ،تىلى ئاق ،توم گەز باغلايدۇ،بەدەن تېرە رەڭگى ئاقىرىدۇ ھەم بەلغەم خىلىتىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ

 

چايلىق : لاچىندانە ، ئارپىبەدىيان،قارىچاي ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن.

تەييارلاش : دورىلارنى سوقۇپ ،چايلىق تەييارلاپ بېرىلىدۇ

تەسىرى : بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

چايلىق : ئىزخىر يىلتىزى،بەدىيان،قەلەمپۇر،لاچىندانە قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن،ئەنجۈر قېقى ئۈچ تال

تەسىرى : بەلغەم خىلىتىدىن بولغان سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

تەييوارلاش : ئەنجۈردىن باشقا دورىلارنى چالا سۇقۇپ، ئەنجۈرنى قۇشۇپ دەملەپ،چايلىق ئورنىدا ئېچىلىدۇ

 

يەلدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغىغا شىپا چايلىقلار

ئالامىتى : قورساق كۆپىدۇ،ئاشقازان ئېچىشىدۇ،سېسىق كېكىرىدۇ،كۆڭۈل ئېلىشىدۇ،بەزىدە قۇسىدۇ،چوڭ تەرەت ئادەتتىكىدىن سېسىق پۇرايدۇ،يەلگە ئالاقىدار ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ

 

چايلىق : بەدىيان ، جۇۋىنە،زىرە ، ئوغىرتىكەن،تەرەتجىن،كەرەپشە ئۇرۇقى،گۈلدارچىن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن

تەييارلاش : دورىلارنى سوقۇپ چايلىق تەييارلاپ، دەملەپ ئىچىلىدۇ. تەسىرى : يەلدىن بولغان ئاشقازان ئاغىرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ

 

چايلىق : گاۋزىبان،ئاپلىسىن 

پوستى،لاچىندانە،خولىنجان،بەدىيان،زىنجۋىل،خېنە،قاقىلە 

،ئۈستىقۇددۇس،بادرەنجىبۇيا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن

تەييارلاش : چالا سوقۇپ ،چايلىق دەملەپ ئىچىلىدۇ

تەسىرى : يەلدىن بولغان ئاشقازان ياللۇغى ،ئاشقازان ئاغرىقلىرى،ئاشقازان ئاجىزلىقلىرىغا مەنپەئەت

قىلىدۇ



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624