大数跨境
0
0

پادىشاھنىڭ ئوغرىنى قويىۋېتىشى

پادىشاھنىڭ  ئوغرىنى قويىۋېتىشى aymehri
2017-10-13
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


 




بۇرۇن  ئىنتايىن دانا  بىر  پادىشاھ بولۇپ، دائىم  ئەل  ئارىلاپ، ئەل ئىچى  ئەھۋالىنى  كۆزىتىشنى   ياخشى كۆرىدىكەن.

بىر  كۈنى پادىشاھ  ئەل  ئارىلاپ بىر  شەھەرگە  كەلگەندە، تۇيۇقسىز  بىرىنىڭ «ئوغرىنى  تۇتۇڭلار!»  دەپ ۋارقىرىغىنىنى  ئاڭلاپتۇ.

شۇ  شەھەرنىڭ يامۇلىنىڭ  ئەسكەرلىرى  ناھايتى تېزلا  ھېلىقى  ئوغرىنى تۇتىۋاپتۇ.  ئەسلىدە  ئۇ ئوغرى  ئاسارە- ئەتىقە  دۇكىنىدىن بىر  قاشتېشىنى  ئوغىرلىغان ئىكەن.

پادىشاھ  ناھايتى خۇشال  بوپتۇ.  يەرلىك ئەمەلدارلارغا  ناھايتى  كۆپ ئىنئام  بېرىپتۇ، قاشتېشى  ئوغۇرلىغان ئوغرىنى  بولسا  قاتتىق جازاغا  بۇيرۇپتۇ.

ئارىدىن  ئۇزۇن ئۆتمەي  پادىشاھ  ئەل ئىچىنى  ئارلاپ  يەنە  بىر  شەھەرگە  كەپتۇ. ئۇ  تۇيۇقسىز  بىرىنىڭ «ئوغرىنى  تۇتۇڭلار!»  دەپ ۋارقىرىغىننى  ئاڭلاپتۇ.

شۇشەھەرنىڭ  يامۇلىنىڭ  ئەسكەرلىرى ناھايتى  تېزلا  ئوغرىنى تۇتۇپتۇ، ئەسلىدە  ئوغرى  بىر ئاشخانىدىن  مانتا  ئوغۇرلىغان ئىكەن.

پادىشاھ  ناھايتى غەزەپلىنىپتۇ،  ھەم  يەرلىك ئەمەلدارلارنى  قاتتىق  جازالاپ، ئۆز  قولى  بىلەن مانتا  ئوغۇرلىغان  ئوغرىنى قويىۋېتىپتۇ،  يەنە  تېخى ئۇنىڭغا  پۇل  بېرىپ جېنىنى  جان  ئېتىشكە بۇيرۇپتۇ.

ئەگەر  ھادىسە ئارقىلىق  ماھىيەتنى  كۆزىتىشنى ئۈگىنىۋالسىڭىز، سىزمۇ  دانا  ئادەمگە ئايلىنالايسىز.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624