大数跨境
0
0

كۈندە بىر تائام-يىمىشلىك پولو تەييارلاش

كۈندە بىر تائام-يىمىشلىك پولو تەييارلاش aymehri
2017-07-29
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


 خام ماتىريالى: قوي گۆشى،سەۋزە،پىياز، ﮔﯜﺭﯛچ ،سۇ يېغى ،يىمىش،نۇقۇت،گۇلە 

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،ئاق شېكەر،زىرە 
تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى گۇلە چوڭلىىقتا پارچىلۋالىمىز.سەۋزىنى پاكىز ئادالاپ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﻪﻟﻪمچە  ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻳﺎﻟﭙﺎﻕ توغرايمىز.




گۇرۇچنى 3~5قېتىم پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ مۇۋاپىق مىقداردا(ئۇچ چىنە گۇرۇچكە بىر چىنە سۇماي ئولچەم قىلىنىدۇ ) ﻣﺎﻱ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﭼﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺩﺍﻏﻼﭖ ، ( چوڭراق قوشۇقتا ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﻗﻮﻱ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﮔﯚﺵ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﯗﭖ ، ( ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ) ﺗﻮﻏﺮﺍﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﯗﻳﻤﯩﺰ ، ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ، ( ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﮔﯜﺭﯛﭼﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﺳﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ( ﺗﯘﺯﻯ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺗﯜﭘﺮﻩﻙ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ) ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯩﺸﯩﻨﻰ نۇرماللاشتۇرۇپ ( ﺳﻪﯞﺯﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﭼﯚﻛﻜﻪﻧﺪﻩ )سەۋزە ئۇستىگە ئاق شېكەر سېلىپ بۇلۇپ ، ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ، ﺳﯜﻳﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻛﺎﭘﻜﯩﺮﻧﻰ ﺳﻪﯞﺯﯨﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﮔﯜﺭﯛﭼﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺭﯛﭖ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﮬﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﺎ 2-3 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺷﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭسىغا  ﻳﯩﻐﯩﭗ چۇكا ﺳﺎﻧﭽﯩﻴﻤﯩﺰ ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ ﺯﯦﺮﻩ ﺳﯧﭙﯩﭗ  ﺩﯗﻣﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ يىمىش،نۇقۇت،گۇلە ﻳﻪﻧﻪ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺩﻩﻡ ﻳﯩﮕﯜﺯﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﭼﺴﺎﻕ ﺋﺎﺵ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﺸﯩﺪﯗ ، ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﻮﻟﻮﻧﻰ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺳﺴﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 


ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۈۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈل بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ. 
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : گۇرۇچكە چوكا سانجىغاندا قازاننىڭ تىگىگە چۇكا تەككۇزىشتىن ساقلىنىڭ! ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﻪﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ





ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624