

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بۇ ماقالىلارنى زېرىكمەي - تېرىكمەي تەكشۈرەلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قول قويىمەن .
بۈگۈن يامغۇر ياغدى ، مەن گۈلنارنىڭ كۈنلۈك ئالمىغىنىنى كۆرۈپ ، بۈگۈن لېيفىڭدىن ئۈگىنىش كۈنى ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى .شۇنىڭ بىلەن مەن دىلنارنىڭ كۈنلىكىنى گۈلنارغا ئېلىپ بەردىم ،ئاندىن گۈلنار بىلەن خۇشال ئۆيگە قايتتىم .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : دىلنار ئۆيىگە قانداق قايتتى ؟
مەن بۈگۈن بىر چوڭ ئاپاشنىڭ يانچۇقىدىن 4 ۋاراق 500 يۈەننىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،دەرھال پۇلنى تېرىۋېلىپ چوڭ ئاپاشقا قايتۇرۇپ بەردىم .چوڭ ئاپاش مېنىڭ ئىسمىمنى سورىغان ئىدى ، مەن چوڭ ئاپاشقا ، مېنىڭ ئىسمىم قىزىل گالىستۇك ، لېيفىڭ تاغا مېنىڭ ئۈگىنىش ئۆلگەم ،دېدىم .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : 4 ۋاراق 500 يۈەن ، كېلەر قېتىم ئالغاچ كەل ، مەنمۇ كۆرۈپ باقاي .
بۈگۈن لېيفىڭدىن ئۈگىنىش كۈنى ، مەن ئالتۇن تېپىۋالساممۇ كۆز قىرىمنى سالمايدىغان ياخشى پىئونىر .بۈگۈن باغچىدا ھەممىسى 10 يۈەنلىكتىن بىر مىليون پۇل تېپىۋالدىم ، بۇ پۇل مېنىڭ ئەدەبىيات كىتابىمدەك توملۇقتا ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن پۇلنى ساقچى تاغىغا تاپشۇرۇپ بەردىم ، ھەمدە تەقدىرلەندىم .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : ئەدەبىيات كىتابىڭ راستىنلا بەك تومكەن .
2-ئاينىڭ 30- كۈنى دۈشەنبە ھاۋا ئوچۇق
بۈگۈن بىر كۈن ئاپتاپ چىقمىدى . ئەڭ چاتاق يېرى ، دادام سېتىۋالغان ئىككى تال ئالتۇن بېلىقنىڭ بىرسى سۇ ئىدىشىدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالدى ، مەن بەك ئازاپلاندىم .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : مەنمۇ بەك ئازاپلاندىم ، شۇنچە يىل ياشاپتىمەن ، 2- ئاينىڭ 30- كۈنى بارلىقىنى بىلمەيمەن ، ھەم ئەزەلدىن ئاپتاپ چىقمىغان ھاۋا ئوچۇق كۈننىمۇ بىلمەيمەن ،سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدىغان بېلىقنى تېخىمۇ بىلمەيمەن .
تېما : بىر تەرەپتىن ... يەنە بىر تەرەپتىن ...
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : ئۇ بىر تەرەپتىن كىيىمىنى سېلىپ ، بىر تەرەپتىن ئىشتان كىيدى.
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : ئۇ زادى كىيمەكچىمۇ ياكى سالماقچىمۇ ؟
تېما : ئىچىدە
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : مېنىڭ بارلىق پۇتۇمنىڭ ئىچىدە بىر پۇتۇم يارلاندى .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : سەن سەكسەن پۇتما ؟
تېما : ئارقا - ئارقىدىن
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى ، دادام ئارقا - ئارقىدىن ئۆيگە قايتتى .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : زادى قانچە داداڭ بار ؟
تېما : ... ھەم ... ھەم ...
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : مېنىڭ ئاپام ھەم ئورۇق ھەم سېمىز ، ھەم ئېگىز ھەم پاكار .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : سېنىڭ ئاپاڭ ئۆزگىرىشچان ۋاجراما ؟
تېما : قارا
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : نېمىگە قارايسەن ؟ كۆرۈپ باقمىغانما ؟
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : كۆرۈپ باقمىغان .
تېما : ئەلەي - بەلەي
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : ئەلەي بەلەيگە تەلەپ قويدى .
مۇئەلىمنىڭ باھا سۆزى : تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئازراق كۆر .
تېما : يېيىشلىك
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : پوق يېيىشلىق بولمىسۇن .
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : بەزى نەرسىلەرنى يىگىلى بولمايدۇ .
تېما : تاق
كىچىك دوستنىڭ يازغىنى : بىر پويىز ئۆتتى ، تاق...تاق...تاق...تاق...تاق...تاق...تاق...
مۇئەللىمنىڭ باھا سۆزى : تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسەت دائىرسىدىن ھالقىپ كېتىپتۇ ...


















