

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش
كۆپىنچە خانىم – قىزلار خىزمەت كىيىمى ۋە باشقا كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇتنىڭ بېسىمى ئارتىپ، يېتەرلىك ئارام ئالالمايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، پۇت بارمىقى سىرتقا چىقىپ قېلىش، پۇت بېغىشى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
يانفوننى بوينىغا ئېسىۋېلىش
ئىلىم–پەن ساھەسىدە گەرچە يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ قانچىلىكلىكى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يانفوننى دائىم بوينىغا ئېسىۋېلىش يەنىلا مەلۇم تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يانفوننى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە، تارتمىغا سېلىش، سىرتقا چىققاندا سومكىغا سېلىۋېلىش كېرەك.
گىرىمنىڭ ئۈستىگە گىرىم قىلىش
بىر قىسىم خانىم–قىزلار ئەتىگەن قىلغان گىرىمىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۈستىلەپ گىرىم قىلىدۇ. گىرىم قىلىپ سىرتقا چىققاندا ھاۋادىكى توپا–چاڭلار تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ، يۈزدىكى ماي ۋە ئۇپا قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ، تېرىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ناۋادا ئىشخانىدا گىرىم قىلىشىقا توغرا كەلگەندە يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن گىرىم قىلىش كېرەك.
لەۋ سۇرۇخنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش
لەۋ سۇرۇخنى سۈركەپ گەپ قىلغاندا، ئىچىملىك ئىچكەندە ۋە يېمەكلىك يېگەندە ھەر خىل مىكروبلارنىڭ ئېغىزدىن كىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا لەۋ سۇرۇخنى ئورتاق ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.
خىزمەت ۋاقتىدا نائۇشنىك تاقاش
بەزىلەر خىزمەت ۋاقتىدا باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، ياكى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن قۇلىقىغا نائۇشنىك تاقاپ مۇزىكا ئاڭلايدۇ، لېكىن بۇنداق بولغاندا قۇلاق نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ







