大数跨境
0
0

​سوقۇر ئۈچەي ئارتۇقچە نەرسىمۇ

​سوقۇر ئۈچەي ئارتۇقچە نەرسىمۇ aymehri
2017-07-26
0


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


سوقۇر ئۈچەي ئادەتتە ئادەم بەدىنىدە ھېچقانداق رولى بولمايدىغان ھەم ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان ئارتۇقچە ئەزا دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سوقۇر ئۈچەي بەدەندىكى ئارتۇقچە نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۈچەينى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە بىلەن تەمىنلەپ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. تەتقىقاتچىلار سوقۇر ئۈچىيى ئېلىۋېتىلگەن تەجرىبە چاشقانلىرى بىلەن سوقۇر ئۈچىيى ئېلىۋېتىلمىگەن تەجرىبە چاشقانلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، سوقۇر ئۈچىيى ئېلىۋېتىلگەن تەجرىبە چاشقانلارنىڭ چوڭ ئۈچىيىدە بىر خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىمى كېڭىيىپ كېتىپ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۈچەيدىكى باكتېرىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشى يارىلىنىش خاراكتېرلىك چوڭ ئۈچەي ياللۇغى ۋە باسقۇچ خاراكتېرلىك يانپاش ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىشى ھەم ئاسانلا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا سوقۇر ئۈچەينى يېنىكلىك بىلەن ئېلىۋەتمەسلىك كېرەككەن. بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىمۇ سوقۇر ئۈچەينىڭ پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە بوغماق ئۈچەيگە كىرىپ كۆپىيىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ھەم سوقۇر ئۈچەينى «پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) لەرنىڭ پاناھ جايى» دېگەنىكەن.



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读1.2k
粉丝0
内容624