大数跨境
0
0

كۈندە بىر تائام--قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى

كۈندە بىر تائام--قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى aymehri
2017-07-27
2


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

خام ماتېرىيالى : گۈرۈچ ،سېرىق سەۋزە 1.2كىلو،قىزىل سەۋزە800 گىرام،لوق گۆش بىر 1.5 كىلو،قوينىڭ سوڭىكى 2 كىلو،ياغ 300 گىرام،كالا سوڭىكى بىر دانە ئارقا پۇت سوڭىكى(شورپا)،پىياز ئىككى باش،غولپىياز،ئىككى تال،قۇرۇق ئۈزۈم گىرام،ئانار20 گىرام،

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ئۇچ قوشۇق ، شېكەر ئىككى قوشۇق 

تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن كالا سوڭىكى بىلەن قوي سوڭىكىنى پارچىلاپ 600 گىرام ياغ بىلەن قۇرۇپ ئارقىدىن باش پىياز سېلىپ سوڭەكلەر قارىداپ قۇرۇلغاندا غولپىياز سېلىپ مەزلىك پۇراق چىقىپ رەڭگى قىزغۇچ قارا رەڭگە كەلگەندە ئىككى كىلو ئەتراپىدا شورپا قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن سۆڭەك پىيازلارنى سۇزۋېتىمىز.بوش ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىىپ قارا پولۇ شورپىسى تەييارلىۋالىمىز.

گۈرۇچنى ئۇچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە يۇيۇپ ئىلمان سۇغا  يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلاپ قۇيىمىز. لوق گوشنى قەنت شەكلىدە توغرىۋالىمىز،سەۋزىلەرنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،يېرىم باش باش پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز،قۇرۇق ئۇزۇمنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.

ئېتىش ئۇسۇلى:قازانغا 250 گىرام ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ سارغايغۇچە قورۇپ كەينىدىن باش پىيازنى سېلىپ قورۇپ كەينىدىن سەۋزىلەرنى سېلىپ سەۋزە يۇمشىغىچە قۇرۇپ تەييارلىۋالغان قارا پولۇ شورپىسىدىن  بەش چۇمۇچ قۇيۇپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ 3 قوشۇق تۇز سېلىپ تۇزنى تېتىپ بولغاندىن كىيىن ئىككى قوشۇق شېكەر سېلىپ  شورپىسىدىن 3 چۇمۇچ بىر قاچىغا ئېلۋېلىپ تەييارلىۋالغان گۈرۇچنى سېلىپ 7 مىنۇت ئەتراپىدا ھوردا دۇملەيمىز.ئاندىن ئېلىۋالغان ئۇچ چۆمۈچ شورپىنى گۈرۈچ ئۇستىدىن تەكشى قۇيۇپ يەنە 5 مىنۇت ئەتراپىدا سۇس ئوتتا دۇملەپ ئۈستىگە قۇرۇق ئۇزۇمنى سېلىپ قاينىتىمىز.ئاندىن كىيىن گۇرۇچنى بىر ئۇرۇپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۋالىمىز .پولۇ پىشقاندىن كىيىن تەخسىلەرگە ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .

ئەسكەرتىش: يۇقىرى قان بېسىمى كىشىلەر ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى ياكى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك



ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624