

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر، جۈملىدىن ئىستۇدېنتلار بارغانسېرى كۈچلۈك خىرىس ۋە رىقابەتكە دۇچ كېلىپ، روھىي بېسىمى كۈچەيمەكتە. ئىستۇدېنتلاردا روھىي بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، مەسىلەن: ئۆگىنىشتە ئارقىدا قېلىش، مۇھەببەتكە بېرىلىپ كېتىش، ئىقتىسادنى يېتىشتۈرەلمەسلىك، ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش، يۇقىرى ئىستېمال ۋە ھۇزۇر – ھالاۋەتكە ھەۋەس قىلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماسلىقتىن ئەنسىرەش ... دېگەندەك. ئادەم ئۇزاق مەزگىل بېسىم ئىچىدە ياشىسا، سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ. مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ:
ئۆزىڭىزگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ. بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇۋېلىپ، نىشانغا يېتەلمىگەنسېرى غەمگە پاتىدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇكەممەللىكنى قوغلاشقاچقا، ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىلا، كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، ئۆزىنى يارىماس كىشىدەك ھېس قىلىدۇ. كىشىلەر كەمچىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ چامى يەتكۈدەك، ئەمەلىيىتىڭىزنى چىقىش قىلغان ھالدا نىشان ۋە پىلان تۈزسىڭىز ھەم ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلاشماي، پەيدىنپەي ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرسىڭىز، مەقسىتىڭىزگە تېزرەك يېتىپلا قالماي، كۆڭلىڭىزمۇ ئازادە بولىدۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىكى بەزى ئىشلارغا ۋە كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئازادە، راھەت ھېس قىلىسىز ھەم خۇشال – خۇرام يۈرەلەيسىز.
كۆڭۈلسىزلىككە ۋە ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا دوستلىرىڭىز بىلەن سىردىشىش ئارقىلىقمۇ روھىي بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتەلەيسىز. چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، دوستلىرىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن تەكلىپلىرىدىن بىرەرسى كۆڭلىڭىزگە يېقىپ قالسا، شۇ بۇيىچە ئىش قىلسىڭىز، بەلكىم ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ، ئىچ پۇشۇقىڭىز چىقىشى مۇمكىن.
كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا ئۇزاقتىن بېرى قىلىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككەن، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىشلارنى قىلىڭ. كۆڭلىڭىز تارتقان جايلارنى سەيلە قىلىڭ، بازار ئايلىنىڭ... مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ. نۇرغۇن ئىشلارنى تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرەلەيسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قاراڭ. بىر نەرسىڭىزنىڭ كەم ئىكەنلىكىدىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا، ئەتراپىڭىزدىمۇ سىزگە ئوخشاشلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ، تەنقىدنى قوبۇل قىلىڭ. بۇ سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خاتالىقىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز، تەنقىدىي پىكىرلەرنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيسىز.
ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىڭ. سىز باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولسىڭىز، سىزنى قوللايدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ، سىزنى قوللايدىغان، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلار كۆپ بولسا، ئىشلىرىڭىزمۇ يۈرۈشىدۇ، شۇندىلا غەم – ئەندىشىلەردىن يىراق تۇرالايسىز.
ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ
قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...
ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ
گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش گىمناستىكىسى
بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ، ھەيران قالىسىز
يامغۇرلۇق كۈن ـــــ سېغىنىش كۈنىدۇر
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ








