

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
- دادا ، مەن بۈگۈن مەكتەپتە ئىش تېرىپ قويدۇم، مۇئەللىمنى يىغلاتتىم.
-يەنە نىمە ئىش تېرىدىڭ؟ ئېيتە مۇئەللىمنى نىمە قىلدىڭ؟
ـدەرس ۋاقتىدا ماگىنىت ئويناۋاتقانتىم، مۇئەللىم بايقاپ قېلىپ تارتىۋالدى.
-بۇ تىلغا ئالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەنغۇ.
-مۇئەللىم ماگىنىتنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالتۇن بېلەزۈكىگە تەككۈزۈپ باققانتى، ماگىنىت بىلەزۈك بىلەن چاپلىشىپ قالدى ، ئاندىن مۇئەللىم يىغلاپ كەتتى.يەنە تېخى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ بېرىپ قاتتىق سوقۇشتى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يۈزىنى مورلاپ قان چىقىرۋەتتى. نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمىدىم.
دادىسى بىر ھازا ھاڭۋېقىپ قالغاندىن كېيىن دېدى:
- بولدى ، بېرىپ ئوينا، بۇنىڭدىن كېيىن ماگىنىتقا يېقىن كەلمە.






