

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
جۇگېلىياڭ ئەزەلدىن لىيۇبېيدىن نىمىشقا بىزنىڭ يا ئوقىمىز مۇنچە ئاز ؟ دەپ سوراپ باقمىغان.
گۈەنيۈ ئەزەلدىن لىيۇبېيدىن نىمىشقا بىزنىڭ ئەسكىرىمىز بۇنچە ئاز؟ دەپ سوراپ باقمىغان.
جاڭ فېي ئەزەلدىن لىيۇبېيدىن دۈشمەن بېسىپ كەلسە قانداق قىلىمىز ؟ دەپ سوراپ باقمىغان.
شۇنىڭ بىلەن
قېيىققا قارانچۇق سېلىپ يا ئوقى يىغىلغان.
ساۋساۋنىڭ بەش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئالتە نەپەر چوڭ سانغۇنىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان.
كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ ساۋساۋنىڭ ئەسكەرلىرىنى كەينىگە چېكىندۈرگەن.
ئەگەر ھەممە ئىشلارنى بىرسى سىز ئۈچۈن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ نېمە قىممىتىڭىز بولسۇن؟
تاڭسىڭ سۇنۋۇكۇڭنى نوم ئالغىلى بېرىش يولىدا ئۇچراتقان.
جۇباجىينى نوم ئالغىلى بېرىش يولىدا ئۇچراتقان.
شا راھىپنى نوم ئالغىلى بېرىش يولىدا ئۇچراتقان.
ئاق ئاتنىمۇ نوم ئالغىلى بېرىش يولىدا ئۇچراتقان.
شۇڭا سىز بىلەن بىر سەپتە مېڭىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى تېپىش ئۈچۈن سىز چوقۇم بىر قەدەمنى ئۇلاردىن ئاۋال ئېلىشىڭىز كېرەك.
بۇ قەدەمنى ئەتراپىڭىزدا سىزنى قوللايدىغان ھەمراھلىرىڭىز بولغاچقا ئەمەس بەلكى سىزنى قوللايدىغان شۇنداق ھەمراھلارنى ئىزدەشنى نىيەت قىلىپ بېسىشىڭىز كېرەك.
ئەپسۇس، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ قائىدىنى دەل ئەكىسچە ئويلىۋالىدۇ.
شىر بىر غالجىر ئىتنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. كىچىك شىر بۇنى كۆرۈپ دەپتۇ:" دادا، سەن يولۋاس قاپلانلار بىلەن قورقماي ئېلىشىسەنيۇ، نىمىشقا بىر غالجىر ئىتتىن قورقىسەن؟ " شىر دەپتۇ :" بالام، بىر غالجىر ئىتنى يېڭىۋېلىش شەرەپلىك ئىشمۇ؟" بالا شىر بېشىنى چايقاپتۇ، شىر يەنە دەپتۇ :" غالجىر ئىت سېنى چىشلىۋالسا نەس باسامدۇ ياقمۇ؟" بالا شىر بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.
شۇنداق بولغان ئىكەن بىز بىر غالجىر ئىتنىڭ چىشىغا تېگىپ نىمە قىلىمىز؟
ھەممىلا ئادەم سىزنىڭ رەقىبىڭىز بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، ساپاسىز كىشىلەر بىلەن تالىشىپ يۈرمەڭ.
پوچتا ئىدارىسى تىرىشمىغان ئىدى، بۇنىڭ پايدىسىنى شۈنفىڭ تېز يەتكۈزۈش كۆردى؛
بانكا تىرىشمىغان ئىدى، بۇنىڭ پايدىسىنى ئەلىپاي كۆردى؛
خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكىلەر تىرىشمىغان ئىدى، بۇنىڭ پايدىسىنى ئۈندىدار كۆردى؛
سودا –سارايلار تىرىشمىغان ئىدى، بۇنىڭ پايدىسىنى تاۋباۋ كۆردى؛
ئايالى تىرىشمىغان ئىدى، بۇنىڭ پايدىسىنى ئۈچىنجى شەخس كۆردى.
بۈگۈن سىز ھەممىدىن ئاغىرنىپ،تىرىشمىسىڭىز بۇنىڭ پايدىسىنى چوقۇم باشقىلار كۆرىدۇ. سىز قىلمىسىڭىز باشقىلار قىلىدۇ، ھېچكىم سىزنى قىلىۋالسۇن، دەپ ساقلاپ تۇرمايدۇ.









