

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ، يېمەك –ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاشقازان كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇڭا كىشىلەر يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق ئاشقازاننى ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەق بىر ۋاقىتتا يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق ئاشقازاننى ئاسراشتا يەنە بەزى خاتا كۆز - قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
ئاشقازان ئاسراشتىكى خاتا كۆز -قاراشلار
ئۇزۇن مۇددەت سۈت ئىچىشنى ئاشقازانغا پايدىلىق دەپ قاراش
ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئاشقازىنى كۆپۈپ بىئارام بولغاندا ھەمىشە بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچىۋالسا ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ،بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ سۈت ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە بىر قەۋەت ۋاقىتلىق قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئادەمگە ياخشىلىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.لېكىن ئۇزۇن مۇددەت سۈت ئىچىشنىڭ ئاشقازان كېسىلىنى ساقايتالىشى ناتايىن.
كېلىنىكىلىق تەجىربىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، سۈتنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئۇنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇش رولىدىن كۈچلۈك ئىكەن. ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى ئاشقازان كىسلاتاسىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە سۈت ئىچىش ياخشى ئەمەس، بولمىسا داۋالاش ئۈنىمىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن يەنە كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
دائىم شوۋىگۈرۈچ ئىچىشنى ئاشقازانغا پايدىلىق دەپ قاراش
نۇرغۇن كىشىلەر شوۋىگۈرۈچنى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئاشقازانغا يۈك چۈشۈرمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش تازا توغرا ئەمەس. شوۋىگۈرۈچ بەزى مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر،بولكا، پىشۇرۇلغان قوناق، ھورنان قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان ھەزىم بولىدۇ،شۇڭا ئاشقازان كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار كېسەل قوزغالغان پەيتتە شوۋىگۈرۈچ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت شوۋىگۈرۈچ ئىچىشنىڭ ئاشقازانغا ھېچقانداق پايدىسى يوق.
چۈنكى شوۋىگۈرۈچ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى سۇيۇلدۇرىۋېتىدۇ، ئاشقازاننىڭ كۆپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇ سەۋەپلىك ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۆلگەي سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئامىلازا ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، ئادەم يېمەكلىكلەرنى چاينىغاندىلا ئاندىن بۇ خىل ماددا ئاجىرلىپ چىقىدۇ، دائىم شوۋىگۈرۈچ ئىچىش بۇ خىل ماددىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنى تورمۇزلايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشىغا پايدىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شوۋىگۈرۈچ زىيادە قىززىق بولۇپ كەتسە ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
خام زەنجىۋىلنى ئاشقازان كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ دەپ ئويلاش
نۇرغۇن كىشىلەر خام زەنجىۋىل شورپىسىنى ئاشقازاننى ئىللىتىدۇ، شۇڭا ئاشقازىنى بىئارام بولغاندا بىر قاچا خام زەنجىۋىل شورپىسى ئىچىۋەتسە ئاشقازىنىدىكى بىئاراملىق يوقايدۇ، دەپ ئويلايدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىش ياخشى ئەمەس.چۈنكى خام زەنجىۋىل غىدىقلىغۇچى يىمەكلىك تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىمار كېسەل قوزغالغان مەزگىلدە زەنجىۋىل شورپىسىنى زىيادە كۆپ ئىچىۋەتسە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ ئاشقازان كىشلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپ ئاجىرلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ.









