大数跨境
0
0

مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ 13خىل ئادىتى، سىزدە قانچىسى بار

مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ 13خىل ئادىتى، سىزدە قانچىسى بار aymehri
2017-09-22
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

توماس  كورلى بەش  يىل  ۋاقىت سەرپ  قىلىپ177  نەپەر مىليادىرنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇش ئادەتلىرىنى  يەكۈنلەپ چىققان.

ئۇ  مۇنداق دەيدۇ:" تەتقىقات  ئارقىلىق، مەن  بىر  ئادەمنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇش  ئادەتلىرىدىن  ئۇنىڭ  ھاياتىدا  ئۇتۇق قازىنالايدىغان –قازىنالمايدىغانلىقىنى  بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى  بايقىدىم."ئۇ  ئادىتىڭىزنى  ئۆزگەرتىپ تۇرمۇشىڭىزنى  ياخشىلاڭ " دېگەن  كىتابىدا "  كۈندىلىك ئادىتىڭىز  تۇرمۇشىڭىزدىكى  سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ"دەيدۇ.

"تۇرمۇش  ئادىتىنىڭ  ياخشى ياكى  يامان  بولىشى سىزنىڭ  باي  ياكى نامرات  بولىشىڭىزنى،   خۇشال ياكى  خاپا  بولىشىڭىزنى، بېسىم  ھېس قىلىش  قىلماسىلىقىڭىزنى،كىشىلىك  مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ  ياخشى بولۇش – بولماسلىقىنى، بەدىنىڭىزنىڭ ساغلام  بولۇش - بولماسلىقىنى  بەلگىلەيدۇ."

كورلى  مۇنداق دەيدۇ:  ياخشى  تەرىپى شۇكى  ئادەمنىڭ  بارلىق كۈندىلىك  ئادەتلىرىنى  ئۆزگەرتكىلى ۋە  ياخشىلىغىلى  بولىدۇ." تۆۋەندىكىلەر  بولسا  سىز  ھازىرلاشقا  تېگىشلىك مىليادىرلارنىڭ  13  ئادىتى.

بىرىنجى: دائىم  كىتاب ئوقۇش

باي  كىشىلەر كىتاپ  ئوقۇشنى  ياخشى كۆرىدۇ،  كىتاب  ئوقۇشتىن ئۆزىگە  خۇشاللىق  تاپىدۇ.كورلى مۇنداق دەيدۇ:" %88 بايلار  ھەركۈنى  30 مىنۇت   ۋاقىت   چىقىرىپ كىتاب  ئوقۇيدۇ. ئوقۇغان كىتابلىرى  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش  ۋە ئۆزىنىڭ  بىلىمىنى  مۇكەممەلتۈرۈش تىپىدىكى  كىتاپلارنى  ئاساس قىلىدۇ.كۆپ  قىسىملىرى  پەقەت كۆڭۈل خۇشلۇقى  ئۈچۈنلا  كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشتىكى  مەقسىتى  بىلىم ئېلىش  ئۈچۈن."كورلى  ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان  كىتابلىرىنى مۇنداق  ئۈچ  تۈرگە يىغىنچاقلىغان : بىرىنجى: مەشھۇر كىشىلەرنىڭ  تەرجىمھالى؛ئىككىنجى:ئۆزىنىڭ  ساپاسىنى  يۇقىرى كۆتىرىش  ۋە تەرەققىي  قىلدۇرۇش  توغۇرسىدىكى  كىتاپلار؛ ئۈچىنجى: تارىخىي  كىتابلار.

ئىككىنجى: ئۇلار  ئۈزلۈكسىز بەدەن  چېنىقتۇرىدۇ.

"%76  بايلارنىڭ ھەركۈنى  30مىنۇت  بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان  ئادىتى  بار" كورلى  كىتابىدا  شۇنداق يازىدۇ.

ئوكسىگىنلىق  ھەركەت يۈگۈرۈش، قىسقا  ئارلىققا  يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، ۋېلىسپىت  مىنىش   قاتارلىقلارنى  ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ.

ئۇ  مۇنداق دەيدۇ:"  ئوكسىگىنلىق  ھەركەتنىڭ بەدەنگە  پايدىسى  بولۇپلا قالماستىن  يەنە  چوڭ مېڭىگىمۇ پايدىسى  بار. ئوكسىگىنلىق  ھەركەت نېرۋا  ھۈجەيرىلىرىنى  كۆپەيتىپلا قالماستىن  يەنە  بەدەن چېنىقتۇرۇش  بەدەندىكى  گىلىكوزا ماددىسىنى  كۆپەيتىدۇ.  گىلىكوزا چوڭ   مېڭىنىڭ  يېقىلغۇسى بولۇپ  ھېساپلىنىدۇ . چوڭ  مېڭە قوبۇل  قىلغان  ئوزۇقلۇق ماددا  قانچە  كۆپ بولسا، تەرەققىياتى  شۇنچە  ياخشى بولىدۇ، سىزمۇ  شۇنچە  ئەقىللىق بولىسىز."

ئۈچىنجى:باشقا  مۇۋەپپىقىيەت  قازانغان شەخىسلەر  بىلەن  ئالاقە باغلايدۇ.


"مۇۋەپپىقىيەت  قازانغان شەخىسلەر  بىلەن  باردى – كەلدى  قىلىش سىزنىمۇ  مۇۋەپپىقىيەت  يولىغا باشلايدۇ،باي  كىشىلەر  ھەمىشە نىشانى  ئېنىق،  پىكىر  يولى  ئوچۇق،قىزغىن، تۇرمۇشقا  ئاكتىپ پوزىتسىيە  تۇتىدىغان  كىشىلەر بىلەن  دوست  بولىدۇ."كورلى  شۇنداق دەيدۇ.

ئۇنىڭدىن  باشقا پاسسىپ  ئېنىرگىيەلىك   كىشىلەردىن يىراق  تۇرۇش   كېرەك، كورلى مۇنداق دەيدۇ:"  تۇرمۇشقا  دائىم ئۈمىدسىز  مۇئامىلە قىلىدىغان، پاسسىپ   كىشىلەر بىلەن  مۇئامىلە  قىلىش سىزنىڭ  مۇۋەپپىقىيەت  بىلەن بولغان  ئارلىقىڭىزنى  يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ."

تۆتىنجى:ئۇلار  يۈرەكلىك  ھالدا ئۆزىنىڭ  نىشانى ئۈچۈن كۆرەش  قىلىدۇ.


"ئۆزىنىڭ  غايىسى ۋە  نىشانى  ئۈچۈن كۆرەش  قىلىش  ئادەمدە بەخىت  تۇيغۇسى  شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ  ئەڭ  ئاخىردا  غايەت  زور بايلىققا  ئايلىنىدۇ."  كورلى شۇنداق  دەيدۇ.  بەزىلەر باشقىلارنىڭ  ئارزۇ-ئارمانلىرىنى  (مەسىلەن ئاتا – ئانىسىنىڭ) ئىشقا ئاشۇرۇش  ئۈچۈن  تىرىشىدۇ، بايلار  بولسا  توختىماستىن  ئۆزىنىڭ  ئارزۇ- ئارمانلىرىنى  ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  كۆرەش  قىلىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى  شۇ  بىرلا ئىشقا  ئاتايدۇ.  " پۈتۈن  دىققەت  ئېتىبارى بىلەن  ئىشلىگەندە   ئاندىن خىزمەتنىڭ  مەنىسى  بولىدۇ." كورلى  شۇنداق دەيدۇ.

بەشىنجى: ئۇلار  بالدۇر تۇرۇشنى  ئادەت قىلىدۇ.

كورلىنىڭ  تەتقىقاتىدا يېرىمدىن  كۆپرەك  ئۆز كۈچىگە  تايىنىپ  بېيىغان مىليادىرلار  ئۆزىنىڭ  خىزمەت  ۋاقتىدىن  ئۈچ سائەت  بۇرۇن  ئورنىدىن تۇرىدىكەن.  بۇ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك  خىزمەت جەريانىدا  يۈز بېرىش  ئېھتىماللىقى  بولغان بەزى  ئىشلارغا  تاقابىل تۇرۇشتىكى  ھەل  قىلىش چارىسى  ئىكەن. مەسىلەن  يىغىن ۋاقتى  ئۇزىراپ  كېتىش، يول توسىلىپ  قېلىش، ياكى  مەكتەپكە بېرىپ  ئاغرىپ  قالغان بالىسىنى  دوختۇرخانىغا ئېلىپ  بېرىش  دېگەندەك.تۇرمۇشتا   يۈز بېرىدىغان  بەزى  تۇيۇقسىزلىقلار  بەزىدە بىزنى  گاڭگىرىتىپ   قويىدۇ،ئاخىردا  بىز  ھەل  قىلالمايدىغان دەرىجىگە  بېرىپ  قالىدۇ. سائەت بەشتە  ئورنىڭىزدىن  تۇرۇپ بۈگۈن  سىز  قىلمىسىڭىز بولمايدىغان  ئىشتىن  ئۈچنى تاماملىۋەتسىڭىز، كۈندۈزى خىزمەت  ۋاقتىدا  بەزى تاساددىپىيلىقلار  يۈز بېرىپ قالغاندا تەييارلىقىڭىزنىڭ  بولماسلىقى  سەۋەپلىك جىددىيلىشىپ  قالمايسىز.

ئالتىنجى:ئۇلارنىڭ  كىرىمىنىڭ كېلىش  مەنبەسى  ھەرخىل بولىدۇ.

"قۇرۇق  قول ئىگىلىك  تىكلىگەن   مىليادىرلار ھەرگىزمۇ  بىرلا  كىرىم مەنبەسىگە  قاراپ ئولتۇرمايدۇ.  ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ  كېلىش  مەنبەسى ھەرخىل.  مېنىڭ  تەتقىقاتىمدا%65   مىليادىرلار تۇنجى  قېتىم  بىر مىليارد  پۇل  تېپىشتىن ئىلگىرى  ئۇلارنىڭ  ئاز دېگەندىمۇ  ئۈچ  خىل كىرىم  مەنبەسى  بولغان"دەپ  يازىدۇ كورلى.بۇ  خىل   كىرىم مەنبەسى  ئۆي  مۈلۈكچىلىك، پايچېكىنى  بازارغا سېلىش، قوشۇمچە  ئىگىلىكنىڭ  ئىگىدارلىق ھوقۇقى  قاتارلىقلارنى  ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ.

يەتتىنجى:ئۇلارنىڭ  يېتەكچى  ئوقۇتقۇچىسى بار.

"ئۆزىڭىزگە   بىر يېتەكچى  ئۇستاز  تۇتۇش   سىزنىڭ بايلىق  توپلاش  سۈرئىتىڭىزنى تېخىمۇ  تېزلاشتۇرىدۇ،بىر  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان  يېتەكچى  ئۇستاز سىزنىڭ  تۇرمۇشىڭىزغا  ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپلا  قالماستىن يەنە  سىزگە نېمىنى  قىلىش، نېمىنى  قىلماسلىق توغۇرسىدا  مەسلىھەت  بېرىدۇ، سىزنىڭ  مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى  ئۇلىڭىزنى  چىڭىتىدۇ، ئۇلار  سىزگە قىممەتلىك  تەجىربىلىرىنى  سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ خىل  تەجىربە  بىر بولسا  سىزنىڭ  ئۇستازىڭىز تەرىپىدىن  كېلىدۇ،يەنە  بىر بولسا  مەغلۇب  بولغان بىر  ئۆتمۈشتىن  كېلىدۇ. "كورلى  شۇنداق دەپ  يازىدۇ .

سەككىزىنجى:ئۇلارغا  ھاياتقا   نىسبەتەن ئاكتىپ  پوزىتسىيە  تۇتقۇچىلار.

"ھاياتقا  نىسبەتەن ئاكتىپ  پوزىتسىيە  تۇتقاندىلا ئاندىن  ئۇزاق  مەزگىللىك مۇۋەپپىقىيەتكە  ئېرىشەلەيسىز.مېنىڭ  تەتقىقاتىمدا  ئاكتىپلىق  بىلەن ئالغا  ئىلگىرلەش  بارلىق ئۆز  كۈچىگە  تايىنىپ ئىگىلىك  تىكلىگۈچىلەرنىڭ  ئورتاق بەلگىسى."

مەسىلە  شۇكى كۆپ  قسىم  كىشىلەر ئۇلارنىڭ  ئويلىرىنىڭ  ئاكتىپ ياكى  پاسسىپ  ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئۇ  مۇنداق  دەيدۇ:" ئەگەر  سىز  قەدەملىرىڭىزنى  توختىتپ ئۆزىڭىزنىڭ  قەلبىدىن  چىققان سادانى  تىڭشاپ  باقسىڭىز، ئۇلارنىڭ  كۆپ  قىسمىنىڭ پاسسىپ  ئىكەنلىكىنى ھېس  قىلىسىز.قەلبىڭىزدىكى  مۇشۇ پاسسىپ  ئىدىيەلەرنى  ۋاقتىدا بايقاش  مەسىلىنىڭ  تۈگۈنى بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ."

توققۇزىنجى:ئۇلار  قارىغۇلارچە باشقىلارغا  ئەگەشمەيدۇ.

بىز ھەمىشە  جەمئىيەتنىڭ   قاتلىمىغا سىڭىپ  كىرىشنى، جەمئىيەتكە  ماسلىشىشنى، ھەمدە  شۇ جەمئىيەتنىڭ  بىر ئەزاسىغا  ئايلىنىشنى ئارزۇ  قىلىشىمىز،  شۇڭا بىز  بار  ئاماللار بىلەن  باشقىلاردىن  ئانچە پەرقلىنىپ  كەتمەسلىك  ئۈچۈن تىرىشىمىز، لېكىن  دەل  مۇشۇ قارىغۇنىڭ  شەھىرىگە  بارساڭ بىر  كۆزۈڭنى  قىسىۋال دەيدىغان  ئىدىيە  بىزنىڭ مۇۋەپپىيەت قازىنالماسلىقىمىزدىكى  سەۋەپ.

مۇۋەپپىقىيەت قازانغان  كىشىلەر  ئۆزىگىلا مەنسۇپ  بولغان  چەمبىرەكنى قۇرۇپ  چىقىدۇ،ھەمدە  باشقىلارنى شۇ  چەمبىرەك  ئىچىگە ئەكىرىدۇ. " سىز باشقىلاردىن  پەرقلىنىپتۇرىدىغان  بولغاندىلا  ئاندىن ئۆزىڭىزگىلا  خاس  بولغان چەمبىرەكنى  قۇرۇپ  چىقالايسىز، شۇ  چاغدا ئاندىن  باشقىلارمۇ  سىزگە قوشۇلىدۇ."

ئونىنجى: ئۇلار ئىنتايىن  سىلىق –سىپايە، ئەدەپلىك.

ئۆز كۈچىگە  تايىنىپ  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان  مىليادىرلار  كىشىلىك ئالاقىدىكى  ئەدەپ-قائىدىگە  بەك ئەمەل  قىلىدۇ. ئەگەر  سىز مۇۋەپپىقىيەت  قازانماقچى  بولسىڭىز مۇشۇ  پىرىنسىپ  ئېسىڭىزدە چىڭ  تۇرسۇن.

بۇ ئەدەپ قائىدىلەر  باشقىلارغا  تۇغۇلغان كۈنىنى  تەبرىكلەپ  ئاتكرىتكا يېزىش، ئۇلارنىڭ  مۇھىم  بولغان خاتىرە  كۈنلىرىنى  ئېسىدە تۇتۇش، تاماق  ئۈستىلى  ھەمدە ئوخشىمىغان  سورۇندىكى  ئەدەپ – قائىدىلەرگە  پىششىق بولۇش، كىيىمنى  ماسلاشتۇرۇپ  كىيىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئون بىرىنجى: ئۇلار  باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقيەت  قازىنىشى ئۈچۈن  ياردەم  قولىنى سۇنىدۇ.

باشقىلارنىڭ نىشانىغا  يېتىشى  ھەمدە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى  ئىشقا  ئاشۇرۇشى ئۈچۈن  ياردەمدە  بولۇش  ئارقىلىق  سىزمۇ پايدىغا  ئېرىشىسىز. ئەگەر  ئەتراپىڭىزدا سىزدىن  باشقا مۇۋەپپىقىيەت   قازانغان كىشى  بولمىسا  سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىڭىزگە  ئېنىقلىما  بېرىشمۇ تەسكە  چۈشىدۇ.مۇۋەپپىقىيەت  قازانماقچى بولسىڭىز  ئەڭ  ياخشى ئۇسۇلى  باشقىلارغا  ياردەم قىلىش.

لېكىن ياردەمنى  ئۇدۇللا  كەلگەن ئادەمگە  بېرىۋەرسىڭىز  بولمايدۇ. كورلى  مۇنداق  دەيدۇ:" سىز  ياردەمنى چوقۇم  ئاكتىپ پوزىتسىيەدىكى، نىشانى  ئېنىق  بولغان، قەلبىگە  ئارزۇ - ئارمانلارنى  پۈككەن  ئادەمگە بېرىشىڭىز  كېرەك."

ئون ئىككىنجى :  ئۇلار  ھەركۈنى 15~30 مىنۇتقىچە  ۋاقىت  چىقىرىپ تەپەككۇر  قىلىدۇ.

تەپەككۇر قىلىش  مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.  مىليادىرلار  ھەركۈنى ئەڭ  ئاز  بولغاندىمۇ 15  مىنۇت ۋاقىت  چىقىرىپ ئويلىنىدۇ،  تەپەككۇر  قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ  ئويلايدىغانلىرى  ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان   ئىشى  ھەققىدە، مالىيەسى  ھەققىدە بولىدۇ،  يەنە  ساغلاملىق پىلانى، خەيىر  ساخاۋەت  پىلانلىرىنى ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ.ئۇلار ھەركۈنى   ئۆزىدىن   مۇنداق سوئاللارنى  سورايدۇ"  قانداق قىلسام تېخىمۇ  كۆپ   پۇل تاپىمەن؟ مەن  خىزمىتىمدىن  خۇشاللىق تاپالىدىممۇ  ياقمۇ؟ مېنىڭچېنىقىش  ۋاقتىم  يېتەرلىكمۇ؟ مەن  يەنە قايسى  ساخاۋەت  پائالىيەتلىرىگە  قاتناشسام بولار؟"

ئون ئۈچىنجى: ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ پىكرىنى  ئاڭلاشنى  ياخشى كۆرىدۇ.


تەنقىد ئاڭلاپ  قېلىشتىن  ئەنسىرەپ بىز ھەمىشە  باشقىلارنىڭ  پىكرىنى  ئاڭلاشنى  خالىمايمىز.  لېكىن  پىكىر-تەكلىپ  سىزنىڭ  قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ  توغرا  ياكى خاتالىقىنى  ئايرىپ  بېرىدىغان مۇھىم  ھالقا. باشقىلارنىڭ  پىكرىنى ئاڭلاش  ئارقىلىق  ئۆزىڭىزنىڭ توغرا  يولدا  مېڭىۋاتقان ياكى  ماڭمايۋاتقانلىقىڭىزنى  بىلەلەيسىز.ئەگەر  تەكلىپ - پىكىر  تەنقىد  بولغان  تەقدىردىمۇ  مەيلى  ياخشى بولسۇن  ياكى  يامان بولسۇن سىزنىڭ  ئۈگىنىش  ۋە مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىشىڭىزدىكى  مۇھىم ئامىل   ھېساپلىنىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读460
粉丝0
内容624