大数跨境
0
0

مىكرو ھېكايە : تويدىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىن

مىكرو ھېكايە : تويدىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىن aymehri
2017-09-26
0
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

  تويدىن  كېيىن  ئەر ئايالىغا  تويدىن  بۇرۇنقىغا قارىغاندىمۇ  ياخشى  مۇئامىلە قىلدى ،بىر  قېتىملىق  يىغىلىشتا دوستلىرى  ئۇنى   توي قىلىپ بولۇپ  تۇرۇپمۇ  يەنە ئايالىنىڭ  سىزىقىدىن  چىقمايدۇ، ئايالىدىن  بەك قورقىدۇ، دەپ  مازاق  قىلىشتى.

ئۇ  كۈلۈپ قويۇپ  مۇنداق  دېدى:" تويدىن  بۇرۇن ئۇنى  نۇرغۇن  ئوغۇللار قوغلاشقان ، يەنە  نۇرغۇن  ئوغۇللار ئۇنىڭغا  ياخشى  مۇئامىلە قىلغان، ئۇ  ۋاقىتتا  مەن  ئۇنىڭغا  ھەممىدىن  بەك ياخشى  مۇئامىلە  قىلغاندىلا ئاندىن  ئۇنى  قولغا كەلتۈرەلەيتتىم.  تويدىن  كېيىن ئۇنىڭغا  ياخشى  مۇئامىلە قىلىدىغان  ئوغۇللار  بارغانسىرى ئازىيىپ  كەتتى، پەقەت  مەن ئۇنىڭغا  تېخىمۇ  ياخشى مۇئامىلە  قىلغاندىلا  ئاندىن ئۈنى  ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ  قويمايمەن. مېنىڭ  پەقەت  ئۇنى بەخىتلىك قىلغۇملا  بار."

ئۇنىڭ  گېپىنى ئاڭلاپ  سورۇندىكى  ھەممىسى جىمجىتلىققا  چۆمدى...



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读536
粉丝0
内容624