大数跨境
0
0

پۇل تېپىشتىكى يەتتە قانۇنىيەت:بايلارنىڭ تەپەككۇرى

پۇل تېپىشتىكى يەتتە قانۇنىيەت:بايلارنىڭ تەپەككۇرى aymehri
2017-11-04
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىرىنجى قانۇنىيەت
سىز قوي بولامسىز ياكى بۆرىمۇ


«يۆلىنىشنى  ئۆزگەرتىپ  باقسىڭىزلا، سىز  بىرىنجى»  بۇ گەپ  ئىنتايىن  توغرا ئېيتىلغان.

 نۇرغۇن كىشىلەر  ئوخشاش  يۆلىنىشتە ماڭىدۇ،ئوخشاش  تەپەككۇر  قىلىدۇ، ئوخشاش  ھەركەت  قىلىدۇ. قارىغۇلارچە  باشقىلارغا  ئەگىشىدۇ، خۇددى  قوي  توپىغا ئوخشاش.

سىز  بۆرە بولامسىز  ياكى  قويمۇ؟دۇنيادىكى  10% ئادەم  پۈتۈن  دۇنيادىكى 90%  بايلىقنى  قولىدا تۇتۇپ  تۇرىدۇ.  قالغان 90%  ئادەم  بولسا پۈتۈن  دۇنيادىكى  10% بايلىقنى  قولىدا  تۇتۇپ تۇرىدۇ.  سىز  باي بولماقچى  بولسىڭىز  ئۇنداقتا قانداق  باي  بولۇش ھەققىدە  تەتقىقات  ئېلىپ بېرىشىڭىز  كېرەك.  مىليونىرغا ئايلىنىش  ئۈچۈن  قانداق تەپەككۇر  بولۇش  كېرەك، قانداق  ھەركەت  قىلىش كېرەك،  دېگەن  مەسىللەر ئۈستىدە  پىكىر  يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك.  بۇ  ھەقتە ئۆز  ئالدىڭىزغا  مۇستەقىل پىكىر  قىلالايدىغان  بولغان ۋاقتىڭىزىلا  سىز  ناھايتى تېزلا  ھەقىقىي  مىليونىر قاتارىغا  ئۆتەلەيسىز.  

«بايلار يىراقنى كۆرەر  كېلىدۇ،  نامراتلار بولسا  پەقەت  بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا  كۆرىدۇ» مانا  بۇ پۇل  تېپىشتىكى  بىرىنجى قانۇنىيەت.


ئىككىنجى قانۇنىيەت

پۇل دېگەن ساماندەك، پۇل تېپىش ئىنتايىن ئاسان


پۇلدېگەندەك  ساماندەك،  پۇل تېپىش  ئىنتايىن  ئاسان، ىسزدە  چوقۇم  مۇشۇنداق كۆز  قاراش  تىكلىنىشى كېرەك.  ئەگەر  سىز پۇل  تېوىشنى  بەك تەس  دەپ  قارىسىڭىز ئۇنداقتا  ئۇ  راستىنلا تەسلىشىپ  كېتىدۇ.ئاشۇ  مىليونىرلارغا   نىسبەتەن ئېيتقاندا  پۇل  تېپىش ئازراقمۇ  تەس  بىلىنمەيدۇ، ئەكىسچە  پۇل  خەجلەش تەس  بىلىنىدۇ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،  پۇل  تېپىش بەك  ئاسان، ئازراق  كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ  قويسىڭىزلا  بولىدۇ. بۇ  سىزگە  پو ئېتىڭ  دېگەنلىك  ئەمەس، بۇ  كۆپ  پۇل تېپىشنىڭ،   مىليونىرغا  ئايلىنىشنىڭ تەپەككۇر  ئاساسى،  چوقۇم ئىشىنىشىڭىز  كېرەك.

پۇلنى  توغرا تونۇش،  پۇلغا  بولغان كۆز قاراشنى  توغۇرلاش،  مانا بۇ  پۇل  تېپىشنىڭ ئىككىنجى  قانۇنىيىتى.

ئۈچىنجى قانۇنىيەت
ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ئەڭ بەك پۇل تاپقىلى بولىدۇ


دۇنيادا  پۇل تېپىشنىڭ  ئۇسۇللىرى  خىلمۇ -خىل،  لېكىن  ئەڭ ئاددىي  ئۇسۇل  بىلەن ئەڭ  كۆپ  پۇل تاپقىلى  بولىدۇ.  مۇرەككەپ ئۇسۇللار  بىلەن  ئاز  پۇل  تاپقىلى بولىدۇ،  لېكىن    ئاددىي ئۇسۇل بىلەن  كۆپ  پۇل  تېپىشنى  ئەمەلگە ئاشۇرغىلى  بولىدۇ. ئۇسۇلىڭىز  قانچە  ئاددىي بولسا  شۇنچە  ياخشى. مەسىلەن  بېلگايتىس  پەقەت يۇمشاق  دېتال  بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ،  شۇنداق  بولغاچقا ئۇ  دۇنيادىكى  ئەڭ باي  ئادەمگە  ئايلانغان . ئەنگىلىيىلىك  ئايال يازغۇچى  روللىن  40 يېشىدىن  باشلاپ  يېزىقچىلىققا كىرىشكەن،  ھەم  مەخسۇس خارىي  پوتتىرنىلا  يازغان، مۇشۇنداق  يېزىپ  ناھايتى تېزلا  مىليونىر  ئايالغا ئايلانغان.  ۋاررىن  بوففىت  پەقەت  پايچېكىلا  ئوينايدۇ، ناھايتى  تېزلا ئۇمۇ  مىليونىرغا  ئايلاندى.

ھازىر  كۆپ قىسىم  كىشىلەر  مەبلەغ سالغاندا  «ھەممە  تۇخۇمنى بىرلا  ئۇۋىغا  قويماسلىق»نى تەشەببۇس  قىلىدۇ،  كۆپ خىللىشىشنى  ئەمەلگە  ئاشۇرماقچى بولىدۇ.  لېكىن  ۋاررىن بوففىت بىزگە  شۇنداق  دەيدۇكى:« كۆپ  خىللىشىشقا  ئالدىرماڭ، ھەممە  تۇخۇمنى  بىرلا ئۇۋىغا   قويۇڭ،  ئاندىن پۈتۈن  دىققەت  ئېتىبارىڭىزنى شۇنىڭغا  بېرىڭ.»

تۆتىنجى قانۇنىيەت

كۆپ پۇل تاپىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم نىشان ئېنىق بولىشى كېرەك

پۇل  تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى  ھەرخىل،  لېكىن ھەممىسىنىڭ  ئوخشاش  بىر تەرىپى  بار،  ئۇ بولسىمۇ  پۇل  تېپىشتا چوقۇم  ئېنىق  نىشان بولىشى  كېرەك.  مۇۋەپپىقىيەتنىڭ  يولى نىشاندىن  تەشكىل  تاپقان، نىشانى  كىچىك  ئادەملەر ئاز  پۇل  تاپىدۇ، ئېنىق،  يۇقىرى نىشانغا  ئىگە  بولغان كىشىلەر  كۆپ  پۇل تاپالايدۇ.  سىز  قايسى خىلغا  تەۋە؟  ھازىردىن باشلاپ  «ئۇخلىماي  چۈش كۆرۈش»  نى  باشلاڭ. قەلبىڭىزگە  ئۇلۇغۋار  غايىلەرنى پۈكۈڭ.  ئۆمۈرلۈك  نىشان، 10  يىللىق  نىشان، 5  يىللىق  نىشان، 3  يىللىق  نىشان، ھەتتا  يىللىق  نىشان... ئاندىن  قانداق  قىلىش ئۈستىدە  پىكىر يۈرگۈزۈڭ،  دادىللىق بىلەن  پىلانلىرىڭىزنى  ئىشقا ئاشۇرۇشقا  تىرىشىڭ.


بەشىنجى قانۇنىيەت
پۇل تېپىشتا كاللا ئىشلىتىش كېرەك


سىز  كىمنىڭ پۇت -قولىنىلا  ئىشقا  سېلىپ كۆپ  پۇل  تاپالىغىنىنى كۆردىڭىز؟بەلكىم  بەزى  تەنھەركەتچىلەر  تاپتىغۇ؟ دېيىشىڭىز  مۇمكىن،  لېكىن مايكول  جوردان  شۇنداق دەيدۇ:  «مەن  توپ ئوينىغاندا  پۇت –قولۇمغا  ئەمەس بەلكى  كاللامغا  تايىنىمەن.» پەقەت   پۇت –قولىڭىزنىلا  ئىشقا سېلىپ  كاللىڭىزنى  ئىشقا سالمىسىڭىز  سىز  پەقەتلا  باشقىلارنىڭ  قورالى  خالاس، باشقىلارنىڭ  چوڭ  مېڭىسىنىڭ قۇلى  بولىسىز.  بۇنداق ئادەم  كۆپ   پۇل تاپالمايدۇ.  دۇنيادىكى  چوڭ بايلارنىڭ  ھەممىسى  كاللىسىنى ئىشلىتىپ  پۇل  تاپىدۇ. سىز  ئۇنى  بىر يالاڭتۆشكە   ئايلاندۇرۇپ  قويغان تەقدىردىمۇ  ئۇ  يەنىلا ناھايتى  تېزلا  بايغا ئايلىنىدۇ،  چۈنكى  ئۇ كاللا  ئىشلىتىشنى  بىلىدۇ.  


ئالتىنجى قانۇنىيەت
چوقۇم جۈرئەت بولىشى كېرەك


دۇنيادا  ھەقسىز چۈشلۈك  تاماق  يوق، ئاسماندىكى  غازنىڭ  شورپىسىغا نان  چىلاپ  يېيىشمۇ ھەم  مۇمكىن  ئەمەس. ھەركەت  قىلىشقا  جۈرئىتىڭىز بولمىسا  سىز  پۇل تاپالمايسىز،  سىزنىڭ  باي بولۇشقا  جۈرئىتىڭىز  بارمۇ؟ مۇتلەق  كۆپ  قىسىم كىشىلەرنىڭ يوق.  ئەمەلىيەتتە  ئۇلار ھەقىقىي  باي  بولۇشنى ئويلاپ  باقمىدى.  باي بولغۇم  بار،  دېگەننى ئاغزىدىن  چۈشۈرمەي  يۈرگەنلەرلا بار،  خالاس،  لېكىن ئۇلار  قانداق  باي بولۇش  ھەققىدە  جۈرئەتكە كېلىپ  ھەركەت  قىلىپ باققىنى  يوق.

يەتتىنجى قانۇنىيەت
چوقۇم پۇل تېپىشنى ئۈگىنىشىڭىز كېرەك

دۇنيادا  ئەقىللىق ئادەملەر   كۆپ،  لېكىن نىمىشقا  كۆپ   قىسىم ئەقىللىق  كىشىلەر  پۇل تاپالمايدۇ؟  چۈنكى  ئۇلار قانداق  قىلىپ پۇل  تېپىشنى ئۈگەنمىگەن.  سىز  قانداق پۇل تېپىشنى  ئۈگەندىڭىزمۇ؟  كۆپ قىسىم  كىشىلەر  ئۈگەنمىدى. بىز  باشلانغۇچتا،  تولۇقسىز، تولۇق  ئوتتۇردا، ئالىي  مەكتەپلەردە  ھەتتا پۇل-مۇئامىلە  ئىقتىساد  كەسىپلىرىدە ئوقۇپ  تۇرۇپمۇ  پۇل  تېپىش   ھەققىدە  بەلگىلىك چۈشەنچىگە  ئىگە  بولالمايمىز. لېكىن  بۇنىڭلىق  بىلەن ئۈگىنەلمەيدىكەنمەن  دەپ  تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ،  بىزدە  چوقۇم مەكتەپتە  ئۈگەتمىسە  ئۆزۈم ئۈگىنەيچۇ،  دەيدىغان  ئىدىيە بولىشى  كېرەك.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读427
粉丝0
内容624