

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
رازۋىتچىك بولۇش ئۈچۈن چوقۇم سىزنىڭ كاللىڭىز سەگەك بولىشى كېرەك . تەپسىلىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىلىمىڭىز مول، تەپەككۇرىڭىز ئەتراپلىق، ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندە بىر نەچچە مەسىلە بېرىلدى، ئەگەر سىز رازۋىتچىك بوپ قالسىڭىز مۇشۇلارنى قانداق ھەل قىلغان بولاتتىڭىز؟
بىرىنجى : تۈرمىدىن قېچىش
جېك بىر تاق كىشىلىك كامىرغا سولىنىپ قالدى. يەر يۈزى توپا بولۇپ، گەرچە دەرىزە بولسىمۇ، لېكىن بەك ئېگىز بولغاچقا جېكنىڭ بويى يەتمەيدۇ. كامىردا پەقەت بىر تاللا گۈرجەك بار، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە يوق. ھاۋا ئىسسىق، ئىچىدىغان سۇ، يەيدىغان يېمەكلىك بولمىغاچقا جېك چوقۇم ئىككى كۈن ئىچىدە كامىردىن قېچىپ چىقىشى كېرەك.بولمىسا ئۇ كامىردا جېنىدىن ئايرىلىدۇ. يەرنى كولاپ تونېل قازسىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ئىككى كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنداقتا جېك زادى قانداق قىلغاندا قېچىپ چىقالايدۇ؟
ئىككىنجى : ئوغۇرلانغان زەنجىر
سىمىس خانىم زەنجىرىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ساقچىغا دېلو مەلۇم قىپتۇ. ساقچىلار نەخمەيدانغا كەلگەندە ئۆينىڭ دەرىزىسىنىڭ بىر كۆز ئەينىكىلا چېقىلغان بولۇپ، ئۆي ئىچىدە قالايمىقان ئاياغ ئىزلىرى بار ئىكەن. ئىككىنجى كۈنى سىمىس خانىم ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
ئۈچىنجى : مەكتەپتىكى قاتىللىق دېلوسى
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ بىرىنجى كۈنى جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى قەستلەپ ئۆلتۈرلۈپتۇ، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىدىن تۆتنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ: باغۋەن، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى،مەكتەپ مۇدىرى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ جىنايەت نەخمەيدانىدا يوقلىقىنى ئېيتىشىپتۇ:
باغۋەن گۈللەرنى قىرقىۋاتقانلىقىنى، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ چارەكلىك ئىمتاھانغا كومسىيەلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ئويناۋاتقانلىقىنى،مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
قاتىل دەرھال تۇتۇلۇپتۇ، ساقچىلار دېلونى قانداق پاش قىلغان؟
تۆتىنجى : كۇمىلاچ دورا
زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدا قاتىل تۇتقۇننى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىككى تال كومىلاچ دورا ئىچىدىن بىرنى تاللاپ يىگۈزىدىكەن، ئۇ تۇتقۇنغا بۇ ئىككى تال كومىلاچ دورا ئىچىدىكى بىر تال كومىلاچ دورىنىڭ زەھەرسىز، يەنە بىرسىنىڭ بولسا زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى دەيدىكەن، ئاندىن ئۆزى تۇتقۇن تاللاپ بولغاندىن كېيىن قالغان بىر تال كومىلاچ دورىنى يەيدىكەن.لېكىن تۇتقۇن مەيلى قانداقلا تاللىمىسۇن، دورىنى ئاغزىغا سېلىپ ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچكەندىن كېيىنلا جېنىدىن زامىن بولىدىكەن. نىمىشقا قاتىل داۋاملىق زەھەرسىز كومىلاچ دورىنى يېيەلەيدۇ؟
بەشىنجى : مۇز تۇتقان دەرىزە
قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، جون دوستى جېكنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە دېلو مەلۇم قىپتۇ، ئۇ ساقچىلارغا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىشىكنى قاتتىق ئۇرغانلىقىنى، لېكىن جېكنىڭ ئىشىكنى پەقەتلا ئاچمىغانلىقىنى، دەرىزىنىڭ تۇمانلىشىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆي ئىچىنىڭ يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرىزىنى سۈرتۈپ جېكنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى كۆرگەنلكىنى دەپتۇ.ساقچىلار جوننى قولغا ئاپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
ئالتىنجى : خىمىيە ئالىمىنىڭ ئۆلىمى
خىمىيە ئالىمى تەجىربىخانىسىدا قەستكە ئۇچراپتۇ.ئۇنىڭ يېنىدا بىر قەغەز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىمىيە ئالىمى بىلەن ئۈچلا ئادەم كۆرۈشكەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ ئايالى مارىي، ئۇنىڭ جىيەنى نىكولاس ۋە ئۇنىڭ دوستى جوھانسون ئىكەن. ساقچىلار ناھايتى تېزلا قاتىلنى قولغا چۈشۈردى. قاتىل كىم؟
جاۋابىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
بىرىنجى: گۈرجەك بىلەن يەردىن توپا قازغاندىن كېيىن دەرىزىنىڭ ئاستىغا دۆۋىلەپ، شۇنىڭغا دەسسەپ يامىشىپ چىقسىلا قاچالايدۇ.
ئىككىنجى: ئەگەر دەرىزە تېشىدىن چېقىلغان بولسا ئۆي ئىچىدە ئەينەك پارچىلىرى بولغان بولاتتى، لېكىن نەخ مەيداندىن قارىغاندا دەرىزە ئىچىدىن چېقىلغان، بۇنىڭدىن سىمىس خانىمنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئۈچىنجى: قاتىل ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، چۈنكى ئۇ كۈنى يېڭى ئوقۇش باشلانغان بىرىنجى كۈنى بولۇپ، ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنى چارەكلىك ئىمتاھانغا كومسىيەلىك قىلىۋاتقانتىم ، دېگەن.
تۆتىنجى: ھەر ئىككى كۇمىلاچ دورا زەھەرسىز، زەھەر تۇتقۇن ئىچكەن سۇنىڭ ئىچىدە. زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى دورىنى يەپ سۇنى ئىچكەندىن كېيىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، قاتىل بولسا كۇمىلاچ دورىنى بىۋاستىلا يۇتىۋەتكەن.
بەشىنجى: قىش كۈنلىرى دەرىزىنىڭ تۇمانلىشىپ قېلىشى ئۆي ئىچىنىڭ تېمپۇراتۇرىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولىشى سەۋەبىدىن ھاۋادىكى سۇ سوغۇق دەرىزىگە يولۇققاندىن كېيىن قېتىشىپ مۇزغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا تۇمان دەرىزىنىڭ ئىچى تەرەپتە بولىدۇ، ئۆينىڭ سىرتىدىن ئۇنى سۈرتىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.
ئالتىنجى: خىمىيە ئالىمىنىڭ يېنىدىكى قەغەزگە يېزىلغان ئېلمىنتلارنىڭ باش ھەرىپىنى ئېلىپ قۇراشتۇرساقلا قاتىلنىڭ ئىسمى چىقىدۇ:
قانچە سوئالغا توغرا جاۋاپ بېرىپسىز؟ سىزنىڭ رازۋىتچىك بولۇش يوشۇرۇن تالانتىڭىز بارمىكەن؟













