

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
مېۋە شۆپىكىنىڭ ئاجايىپ رولى نۇرغۇن كىشىلەر مېۋە يىگەندە شۆپىكىنى تاشلىۋېتىدۇ، لېكىن تاشلىۋەتكەن مېۋە شۆپۈكلىرىنىڭ كېسەل داۋالايدىغان ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن پايدىلىق تەرىپىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنداقتا قاراپ باقايلى، بىز دائىم يەيدىغان بەزى مېۋىلەرنىڭ شۆپىكىنىڭ زادى قانداق شىپالىق رولى باركەن؟
ئالما شۆپىكى
ئالما شۆپىكىنىڭ يارا ئېغىزىنى قورۇش تەسىرى بار بولۇپ، يېڭى ئالمىنىڭ شۆپىكىدىن 30گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ياكى دەملەپ ئىچكەندە، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، ياللۇغ قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان ئالما شۆپىكىنى ئېزىپ، 15 گىرامدىن كۈنىگە 2-3 قېتىم ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، ئاستا خاراكتىرلىك ئىچ سۈرۈش، نېرۋا خاراكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدا قىلىدۇ.ئادەتتىكى ئالما شۆپىكىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى 800گىرام ۋىتامىن cنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى بىلەن تەڭ.
بانان شۆپىكى
بانان شۆپىكىنىڭ تەركىبىدە باكتىريە ۋە زەمبىرۇغلارنى تورمۇزلايدىغان بانان پوستى ماددىسى بار بولۇپ، زەمبىرۇغلاردىن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولغان تېرە قىچىشىشقا پايدا قىلىدۇ. بانان شۆپىكىنى ئېزىپ ئۈستىگە زەنجىۋىل شەربىتى قۇيۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بانان شۆپىكىنى پۇت-قولغا سۈرىۋالغاندا ئۈششۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بانان شۆپىكىنى قۇرۇتۇپ ئەزگەندىن كېيىن ئۇپا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىشلەتكەندە تېرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاپىلسىن شۆپىكى
![]()
ئاپىلسىن پوستىنىڭ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، يۆتەل ، دېمى سىقىلىش، قورساق كۆپىۋېلىش، قۇسۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.ئاپىلسىن شۆپىكىنى قۇرۇتۇپ ئەزگەندىن كېيىن چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچسە، ئىشتىھانى ئېچىپ ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ.
تاۋۇز شۆپىكى
تاۋۇز شۆپىكىنىڭ ئىسسىق قايتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، بۆرەك كېسىلىدىن بولغان پۇت-قول ئىششىپ قېلىش، دىئابىت، قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەشپۈت شۆپىكى
نەشپۈت شۆپىكىنىڭ ئۆپكىنى ياشارتىش، قوقاقنى ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار. نەشپۈت شۆپىكىدىن 30 گىرامنى دەملەپ ئىچكەندە ، يۆتەل توختىتىپ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. نەشپۈت شۆپىكىنى ئېزىپ تېشىدىن چاپلاپ بەرگەندە ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
ئانار شۆپىكى
ئانار شۆپىكى تەركىبىدە گىراناتېنىن،مېتىل گىراناتېنىن،غەيرىي گىراناتېنىن بار بولۇپ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى، تاشقى زەخىمدىن يۇقۇملىنىش، شاخچە كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، يۆتەل قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
-END-











