大数跨境
0
0

توشقان توي قىلىپ بولغان بۆرىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،نەتىجىدە

توشقان توي  قىلىپ  بولغان  بۆرىنى  ياخشى  كۆرۈپ  قاپتۇ،نەتىجىدە aymehri
2017-11-11
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

توشقان  توي قىلىپ  بولغان  بۆرىنى ياخشى  كۆرۈپ  قاپتۇ، شۇنىڭ  بىلەن  بۆرىنىڭ تۈلكە  بىلەن  ئاجىرشىپ ئۆزى  بىلەن  توي قىلىشىنى  ساقلاپتۇ.  شۇ كۈنگىچە  ئۈچىنجى  شەخس بولۇپ  بۆرىنىڭ  يېنىدا  ياشاپتۇ.

بۆرە  توشقانغا بەك  كۆيىنىدىكەن،  ئۇنىڭ توققۇزىنى  تەل  قىلىپ بېرىدىكەن.  كۆپچىلىكنىڭ  ئالدىدا ئوچۇق –ئاشكارە  توشقاننى  ئايالىم دەپ  ئېتىراپمۇ  قىلغان  ئىكەن. 

شۇ  كۈنلەردە توشقان  مۇھەببەت  دېڭىزىغا غەرق  بوپتۇ،  ئۇ ئۆزىنىڭ  گۈزەل  بەدىنىنىڭ بولغانلىقىدىن  بەكمۇ  پەخىرلىنىدىكەن،  چۈنكى بۆرە  توشقانغا  سېنىڭ گۈزەل  بەدىنىڭنى  بەكمۇ ياخشى  كۆرىمەن،  دېگەن ئىكەن.

توشقان  بۆرىنى كۈندىن –كۈنگە  ياخشى  كۆرۈپ قاپتۇ. لېكىن  بۆرە  كۈندىن كۈنگە  تۈلكىنى  ئەسلەپ قاپتۇ:  تۈلكە  ياش ۋاقتىدا  توشقاندىنمۇ  نەچچە ھەسسە  چىرايلىق  ئىدى، ئۇنىڭغا  ئەگىشىپ  تالاي –جاپا  مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن  ئۆتكۈزگەن ،  يەنە مىڭ  ئۆلۈپ  بىر تىرىلىپ  ئۇنىڭغا  بالا تۇغۇپ  بەرگەن  ئىدى.  ئۇ  بەك قورقۇنچاق  بولۇپ،  قاراڭغۇدىن قورقاتتى،  چىرايلىق  ئەتىرگۈلنى ياخشى  كۆرەتتى.  تۈلكە ياش  ۋاقتىدا  بۆرىنى بەك چىڭ  تۇتاتتى،  ئۇنىڭ ئۆيگە  قايتمىغىنىغا  شۇنچە كۈن  بوپتۇ،  تۈلكە زادى  نىمە ئىشلارنى  قىلىۋاتقاندۇ؟

بۆرە  مۇشۇلارنى خىيال  قىلىۋاتقاندا،  ساددا توشقان  ئۇنى  يەنە تۈلكە  بىلەن  ئاجىرشىش ئىشىنى  ئويلاپ  بېشى قېتىۋاتىدۇ،  دەپ  قالدى-دە، كۆيۈمچانلىق  بىلەن  چاي دەملەپ  بۆرىنىڭ ئالدىغا  قويدى، ئاندىن  بۆرىنىڭ  يېنىدا ئولتۇرۇپ  ئەركىلىگەن  ھالدا: قەدىرلىكىم،  تۈلكىنى زىيان  تارتقۇزمايلى،  دېدى. بۆرە  كۈلدى  ۋە  توشقاننىڭ  مۆرىسىگە شاپىلاقلاپ  قويۇپ،  ماقۇل، دېدى.

بۆرە  توشقان بىلەن  ئۇزاققا  سوزۇلغان قانۇنسىز  ئەر –ئاياللىق  تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىۋەردى،  ئۇنداقتا  تۈلكە نىمىش  قىلىۋاتقاندۇ؟

تۈلكەئەڭ  ئالدى  بىلەن «  نىكاھ  قانۇنى»نى پىششىق  ئوقۇدى،  مۇقىم  مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى  بالىسىنىڭ  نامىغا يۆتكىدى.  ئادەتتىكىگە  ئوخشاشلا خىزمىتىنى  داۋاملاشتۇردى،  مائاشىنى ئىشەنچلىك  ئادەمنىڭ  ساقلىشىغا بەردى.   تەرەققىي  قىلىشقا بولىدىغانلىكى  پۇرسەتنىڭ  ھېچقايسىسىنى قولدىن  بەرمىدى.  ھۆسىن تۈزىتىشكە،  بەدەن  چېنىقتۇرۇشقا باشلىدى،  بۇلارنىڭ  ھەممىسىگە  بۆرىنىڭ پۇلىنى  خەجلىدى.  ئۆزىنىڭ بىر  تىيىن  پۇلىغىمۇ چېقىلمىدى.

بۆرە  تۈلكىنىڭ ئۆزىنى  كەچۈرىشىنى  ئۈمىد قىلىۋاتقان  شۇ دەقىقىدە،  تۈلكە  ئىككى خىل  تەييارلىق  قىلدى. تۈلكىنىڭمۇ  ئۆزىگە  يارىشا غۇرۇرى  بار  ئىدى، يولدىن  چىققان  ئەر  خۇددى  نىجاسەت ئۈستىگە  چۈشۈپ  كەتكەن پۇلغا  ئوخشايدىغان بولۇپ،  ئالاي دېسە  ئادەمنىڭ  كۆڭلى ئېلىشاتتى،  ئالماي  دېسە ئىچى ئېچىشاتتى. 

بۆرە  چارچاشقا باشلىدى،  توشقان  بىلىمسىز ئىدى،  يەپ،ئىچىپ،  ئويناشنىلا بىلەتتى،  بۇرنىنىڭ  ئۇچىنىلا كۆرەتتى.  ئۇنىڭ  سىرتىدا بۆرە  يەنە  ۋاقىت ئاجىرتىپ  ئۇنىڭغا  قارىمىسا بولمايتتى.  تۈلكىگە  ئوخشاش مۇستەقىل  كۆز -  قارىشى يوق  ئىدى،  مۇستەقىل تۇرمۇش  كەچۈرەلمەيتتى.  بۆرە تۈلكىنى  تېخىمۇ  سېغىنىشقا باشلىدى.

ئاخىر  بۆرىنىڭ سەۋر-تاقىتى  تۈگىدى، توشقاننىڭ  كۆز ياشلىرىمۇ  ئېقىپ  تۈگىدى.



بۆرە  كەينىگە قاراپمۇ  قويماستىن  توشقاندىن ئايرىلىپ  كەتتى،  توشقان ئۆزى  يالغۇزلا  قالدى. توشقان  كۆڭلىدە  قەسەم ئىچتى:  بۇ  ئۆمرۈمدە ئەمدى  ھېچكىمگە  بوزەك بولمايمەن.  شۇنىڭدىن  كېيىن توشقان  ئۈگىنىشنى  باشلىدى، ئالاقە  دائىرسىنى  كېڭەيتتى. توختىماي  زىيان  تارتىپ تۇردى،  شۇ  جەرياندا ئاستا-ئاستا  پىشىپ  يېتىلدى. ئاخىر  تۈلكىگە  ئۆزگەرگەن   شۇ كۈنى  ئۇ  توي قىلدى،باشقىلار  ئۇنىڭدىن  قانداق ھېسياتتا  بولىۋاتقانلىقىنى  سورىغاندا ئۇ  كۈلۈپ  تۇرۇپ: ئادەم ھاياتىدا  بىر  نەچچە  داشقالغا  ئۇچىرمىسا، قانداقمۇ  مۇنداق  ئاسانلا توي  قىلىشقا  رازى بولسۇن،  دېدى.

بۆرە  يۈزىنى يېشى بىلەن  يۇيۇپ  تۈلكىنىڭ ئالدىغا  بېرىپ  ئۇنىڭ ئۆزىنى  كەچۈرىشىنى  ئۆتۈندى. تۈلكە   بېشىنىمۇ  كۆتۈرمەستىن : مۇشۇنداق  ئۆتەيلى،  بالىمىز تېخى  كىچىك،  دېدى. بۆرە   ئىچ –ئىچىدىن  خۇشاللىققا چۆمدى،  تۈلكىنىڭ  كۆڭلىدە ھازىرمۇ  ئورنۇم  باركەن، دەپ   ئويلىدى.

بۆرە  كەتكەندىن كېيىن،  تۈلكە  بىر تال  تاماكىغا  ئوت ياقتى.  تاماكىنىڭ  ئىسى ئىچىدە  ئۆزىنىڭ  تېخى تۈلكىگە  ئۆزگىرىپ  بولالمىغان ساددا  توشقان  ۋاقتىدا ياخشى  كۆرۈپ  قالغان شىرنى ئەسلەپ  قالدى،  تارىخ ھەمىشە  ئادەمنى  چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە  ئوخشىشاتتى...

ئاڭلىغانلارنىڭ  ئېسىدە بار،  ئەمما  سۆزلىگەنلەر ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتقان،  مانا  بۇ ئاتالمىش  ۋەدە.  بىر ئايال  بىر  ياخشى ئەرگە  ئۇچىرسا  ئۇنىڭ پىشىپ-  يېتىلىشىنىڭ  ھاجىتى قالمايدۇ.  بىر  ئايالنىڭ بارغانسىرى  قەيسەرلىشىپ،  پىشىپ - يېتىلىۋاتقانلىقى  ئۇنىڭ  ھاياتىدا  بىر ياخشى  ئەرگە  ئۇچىرمىغانلىقى  سەۋەبىدىن بولىدۇ.

بەزىدە  بىر ساراڭنىڭ  بىر  ئەخمەقتىن ۋاز  كېچىشى  پەقەت ۋە  پەقەت  بىر ئالدامچى  سەۋەبىدىن  بولىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624