

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر كىيىمنى سېتىۋالغۇڭىز كېلىپ يەنە قىممەت كۆرۈپ قالغاندا ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ بېقىڭ...
ئەگەر بۇ كىيىمنى سېتىۋالمىسام مەن بېيىپ كېتەمدىم؟
ئەگەر بۇ كىيىمنى سېتىۋالسام نامراتلىشىپ كېتەمدىم؟
ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، ئەمسە نىمىشقا سېتىۋالمايمەن؟
پۇل تېجەش ئارقىلىق بېيىغىلى بولمايدۇ.
مەن ئەسلىدىنلا نامراتقۇ؟ بۇنى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەزەلدىن بىرەرسىنىڭ قىممەت كىيىم سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن خانىۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.
لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زىيادە پۇل تېجىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئاڭلىغان.
پىخسىقلىق قىلىپ پۇل تېجىگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟
پۇل خەجلەپ بۇنىڭ بەدىلىگە خۇشال بولىدىغان ئىش بولسا نىمە ئۈچۈن قىلمايمەن؟
ئارتۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوق، سېتىۋالسىڭىزلا بولدى...














