

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
سېتىۋېلىپ تېخى ئىستىمال قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندە ئىنتايىن ئىچىمىز ئېچىشسىمۇ لېكىن يەنىلا چىداپ ئۇنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولىمىز.
لېكىن سىز ئۇلارغا ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساقلا تۇرمۇشىمىزغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى ئۆتكەن سۈت
ياغاچ پولنى سۈرتۈش
ۋاقتى ئۆتكەن سۈت تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ئىنتايىن ياخشى بولغان كىر چىقارغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ياغاچ پولنى سۈرتكەندە ياغاچ پول ئۈستىدىكى كىرلارنى ئىنتايىن ياخشى ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتى ئۆتكەن سۈت تەركىبىدە بەزى ماددىلار بار بولۇپ، ياغاچ پولغا بىر قەۋەت ئاسراش پەردىسى قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
پول سۈرتكەندە ئۆيدىكى ۋاقتى ئۆتكەن سۈت بىلەن سۇنى 2:1 نىسبەت بويىچە سۇيۇلدۇرۇپ ئاندىن نورمال قەدەم باسقۇچ بويىچە پول سۈرتسەكلا بولىدۇ. ۋاقتى ئۆتكەن سۈت بىلەن بىر قاتار سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتۈشنى ئۇنۇتماڭ.
خۇرۇم ئاياغنى سۈرتۈش
لاتىنى ۋاقتى ئۆتكەن سۈت بىلەن ھۆلدەپ خۇرۇم ئاياغنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ قۇرىغاندىن كېيىن قۇرۇق لاتا بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتىۋەتسىڭىز ئايىغىڭىز پارقىراپ يېڭى ئالغان ھالىتىگە كېلىدۇ، يەنە خۇرۇمنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
داتنى چىقىرىش
ۋاقتى ئۆتكەن سۈتكە كۈمۈش زىبۇ زىننەتلەرنى چىلاپ قويغاندا، زىبۇ زىننەتلەر ئۈستىدىكى دات ۋە كىر-داغلارنى ئالىدۇ.
چىلاپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ سۈرتىۋەتسىڭىزلا زىبۇ –زىننەتلىرىڭىز پارقىراپ كېتىدۇ.
گۈل سۇغىرىش
ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈت ئېچىق پۇراپ قالغان بولسا گۈلنىڭ توپىسىدىن بىر ئورەك كولاپ سۈتنى شۇ ئورەككە تۆكۈپ قويسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەم سېسىق پۇرىمايدۇ، ھەم گۈلگە ئوزۇقلۇق بولىدۇ. لېكىن بۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم قىلىشقا بولمايدۇ، بىر ئاي ئىچىدە بىر قېتىملا قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
چاچ ئاسراش
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتنى سۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن چاچ ئاسراش مەلھىمىگە ئوخشاش چاچقا تەكشى سۈرىمىز، ئاندىن بىر ئاز ۋاقىت ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇيۋەتسەك بولىدۇ. چاچنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.
خۇرۇم ماتىرياللىق ئۆز جاھازلىرىنى سۈرتۈش
خۇرۇم ئاياغنى سۈرتكەنگە ئوخشاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈت بىلەن خۇرۇم ماتىرياللىق ئۆي جاھازلىرىنى بىر قېتىم سۈرتۈپ قۇرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم سۈرتىىۋەتسەك بولىدۇ.
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سۈتتە سۈرتۈلگەن كېرىسلو يېڭىلا سېتىۋالغاندەك پارقىراق بولىدۇ.
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھەسەل
ھەقىقىي ساپ ھەسەلدە ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش دەيدىغان ئۇقۇم مەۋجۇت بولمايدۇ. چۈنكى ھەسەلنىڭ ئەسلىدىنلا باكتىريەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا ئۇ تۇرمۇشىمىزدىكى بىردىنبىر سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان تەبىئىي يېمەكلىك ئىكەن.
چاچ ئاسراش
ھەسەل چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، ھەم يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىر قوشۇق ھەسەل+ بىر ئىستاكان سۇ + ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ . مۇشۇ بويىچە تەييارلاپ چاچقا ئىشلىتىپ بەرسە بولىدۇ.
كالپۇك يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
كۈز ، قىش پەسلىدە كالپۇك يېرىلىپ تېرە ئۆرلەپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەسەل بىلەن قارا شېكەرنى ئارلاشتۇرۇپ كالپۇكقا سۈرۈپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ بەرسىڭىز كالپۇكىڭىزنىڭ يېرىلىشى ناھايتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.
تارتۇقنى سۇسلاشتۇرىدۇ
ناۋادا تېرىڭىزدە ئېھتىياتسىزلىقتىن قالغان تارتۇقلار بار بولۇپ قالسا،ئۇخلاشتىن بۇرۇن تارتۇقنىڭ ئۈستىگە ھەسەل سۈرۈپ داكا بىلەن تېڭىپ ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەندە پاكىز يۇيۋەتسىڭىز بولىدۇ. بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىزلا تارتۇق سۇسلىشىدۇ.
دانىخورەكنى يوقىتىدۇ
ھەسەلنىڭ باكتىريىگە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، تېرىدىكى قالدۇق ماددىلارنى تازلايدۇ، دانىخورەك يوقىتىش ئۈنىمى تولىمۇ ياخشى. دانىخورەك چىقىپ قالغاندا ئۈستىگە ئازراق ھەسەل سۈرۈپ بىر ئاز ۋاقىت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۋەتسە بولىدۇ.




















