

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
سىز ھەرقانچە ياخشى بولسىڭىزمۇ، سىزنى ياقتۇرمايدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسە سىزدىن بىزار بولىدۇ، بەزىلەر سىزگە ھەسەت قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق، سىز قىلغان ھەربىر ئىشنىڭ ھەممە ئادەمنى رازى قىلالىشى ناتايىن، باشقىلارغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى قىياپىتىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا پىرىنسىپى ۋە غۇرۇرى بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئاغزىدىكى سىزنىڭ ھەقىقىي ئۆزىڭىز بولىشى ناتايىن، ئوخشاش كۆز، كۆرىدىغىنى ئوخشىمايدۇ؛ ئوخشاش ئېغىز، دەيدىغىنى ئوخشىمايدۇ؛ ئوخشاش يۈرەك، ھېس قىلىدىغىنى ئوخشىمايدۇ؛ ئوخشاش پۇل، خەجلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ؛ ئوخشاش كىشىلەر، ياشاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.كىشىلىك ھاياتتا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، ئىشەنچ بىلەن ياشاڭ.
«پۇل» ئادەمدىن ئايرىلسا ئۇ پەقەتلا بىر قۇرۇق قەغەز خالاس؛ «ئادەم» پۇلدىن ئايرىلسا ئوخشاشلا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.
ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ھېچكىم ئالقىش ساداسى بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا پەرۋاز قىلىدۇ. تام تۈۋىدە ئۆسۈپ قالغان ئوت –چۆپنى ھېچكىم پەرۋىش قىلمايدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆسىدۇ؛ ياۋا گۈللەرنى ھېچكىم سۇ قۇيۇپ، ئوغۇت سېلىپ باقمايدۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا خۇشپۇراق چاچىدۇ.
ئىش قىلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىش بىھاجەت، پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە؛ ئادەم بولۇشتا ھەممە ئادەمگە ياراش بىھاجەت، ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلىسىڭىزلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. چىدام غەيرىتىڭىزدىن ئايرىلمىسىڭىزلا، يالغۇز قالسىڭىزمۇ، باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىسىڭىزمۇ بۇلار سىز ئۈچۈن چوڭ مەسىلە بولالمايدۇ.
تاغنى تاغ قىلغان ئۇنىڭ ئېگىزلىكى، دېڭىزنى دېڭىز قىلغان ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى، بەسلىشىش بىھاجەت، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ.
شامالنى شامال قىلغان ئۇنىڭ ئەركىنلىكى، بۇلۇتنى بۇلۇت قىلغان ئۇنىڭ يۇمشاقلىقى. دوراپ ياشاش بىھاجەت، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرى بولىدۇ.
سىزنى خۇشال قىلالايدىغان نەرسىلەرنى قوغلىشىڭ؛ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ، دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنى ساقلاڭ. سىزنى بەخىتلىك قىلالايدىغان نەرسىلەرنى قەدىرلەڭ.
ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ چىرايلىق ئۆزىڭىز بولۇڭ، قەلبىڭىزدىن چىقىۋاتقان ساداغا قۇلاق سېلىڭ، ئۆمرىڭىزنى ئەپسۇسلىنىشلارنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەرمەڭ. كىشىلىك ھاياتتىكى بىر يول: ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىش؛ كىشىلىك ھاياتتىكى ئىككى گۆھەر: ساغلاملىق، خاتىرجەملىك.
كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ خىل دوست: سىزگە پۇل بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغان ئادەم، سىزنىڭ تويىڭىزغا قاتناشقان ئادەم يەنە سىزنىڭ ماتىمىڭىزگە قاتناشقان ئادەم.
كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ خىل ئىلاجسىزلىق: چۈشىنەلمەسلىك، قىيالماسلىق، ۋاز كېچەلمەسلىك
ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ چىدىشىڭىز كېرەك، ئالدىڭىزدىكى نەرسە ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىشنى ئۈگىنىشىڭىز كېرەك، ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ چوقۇم تېجىشىىڭىز كېرەك، ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ چوقۇم قىزغىن بولىشىڭىز كېرەك .












