

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئاتاچى ماي پارچىلاش تابلىتىنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈم دائىرسى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى: قەۋزىيەت
ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ قەۋزىيەت ئەتراپىمىزدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ قەۋزىيەتنىڭ ئاياللاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە تەرتىپى بىر قەدەر قالايمىقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار ھامىلدار بولۇش مەزگىلىدە ئۈچەينىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ لۆمىلدەش ئاستا بولۇش سەۋەبىدىن قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر قەۋزىيەت دېگەننىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوققۇ، دەپ سەل قارايدۇ.تىبابەتتە قەۋزىيەت ئۆسمىنىڭ ئۇرۇقى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك قەۋزىيەت بولغان ئادەمدە ئۆسمە، راك كېسەللىكى بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قەۋزىيەت بولغان ئادەمدە قان - تومۇر كېسەللىكى ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ. قان تومۇر كېسەللىكى دېگەندە يۈرەك، مېڭە ، قان-تومۇر كېسەللىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئومۇمەن ، بەدەندىكى ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ ئېشىپ قالغان ئېشىندى ماددىلار چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىشى كېرەك. لېكىن قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بۇ ماددىلار بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانماي، بەدەندە چۆكمە ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىپ، تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ،قان تومۇر تارىيىش ،قان تومۇر توسۇلۇش قاتارلىق يۈرەك، مېڭە ، قان –تومۇر كېسەللىكىنى ، ئۆسمە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ قەۋزىيەتنىڭ سەل قارىسا بولمايدىغان ئاقىۋەتلىرى.
ئاتاچى ماي پارچىلاش يۈرۈشلىكىنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدىغىنى قەۋزىيەت. مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان پۇنۇس ئۇرىقى ئاساسلىق تەركىبنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، پۇنۇس ئۇرۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچەينى يۇمشىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش. ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن قەۋزىيەت دورىلىرى بار، لېكىن بۇ دورىلار ۋاقىتلىق ئىچىنى سۈرۈپ ، قەۋزىيەت ئازابىدىن ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاتاچى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى تولۇق بىر باسقۇچ ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا ئۈچەينى يۇمشىتىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش ، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنى تولۇق ياخشىلاشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئاتاچى ماي پارچىلاش تابلىتىنىڭ رېتسىپى تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان رېتسىپلارنىڭ بىرى، ئۈنۈم جەھەتتە قەۋزىيەتكە %95 مەنپەئەت قىلىدۇ دېسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
ئىككىنجى:يۇقىرى قان بېسىم
ئۈستىدە دېيىلگەندەك ، قەۋزىيەتنىڭ تەسىرىدىن ھەرخىل قان – تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ،يەنى قان -تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن قان – تومۇرلارنىڭ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاپ قان ئايلانغاندا كۈچلۈك قارشىلىق ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسم ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە بىرسى قان تومۇرلاردىكى توسۇلۇش ، تارىيىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاتاچى ماي پارچىلاش يۈرۈشلىكىمىز قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش، قاندىكى ئېشىندى ماينى پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن بۇنى نوقۇل ھالدا قان بېسىم دورىسى دېيىشكە بولمايدۇ.ئالاھىدە يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرمۇ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ باشقا قان بېسىم دورىلىرى بىلەن قوشۇپ ئشلەتسە بولىدۇ،بىز دەۋاتقان يۇقىرى قان بېسىمغا شىپا قىلىدۇ دېگىنىمىز ئاتاچى ماي پارچىلاش تابلىتىمىز يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، بۇ ئۈنۈمنى %80-%90 دىن يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ، يەنى ئاتاچى ماي پارچىلاش تابلىتىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن سىزنىڭ قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىڭىز %80-%90 تۆۋەنلەيدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر "ئۈچ يۇقىرى" ئىنتايىن كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ، بۇ يېمەك – ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىلگىرى قان – تومۇر كېسەللىكى ئوتتۇرا ياشلىق ياكى ياشانغان كىشىلەردە كۆپ كۆرىلەتتى، ھازىر بولسا بۇ كېسەلنىڭ ياشلاردا كۆرىلىش نىسبىتىمۇ بارغانسىرى يۇقىرلاپ كەتتى. تىببى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاندىكى خولىستىرىننىڭ ئېشىپ كېتىشى دەپ قارىلىدۇ.تىببى ئىلىمدا قاندا خولىستىرىن بولمىسا تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىمۇ بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. خولىستىرىننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى نورمال بولسا بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى يوق،يەنى قاندىكى ماي ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان ئېنىرگىيەنىڭ بىرى ، بۇ ئېنىرگىيە بىز قانچىلىك سەرپ قىلساق شۇنچىلىك خورايدىغان ئېنىرگىيە، لېكىن بىزنىڭ ئېنىرگىيەنى قوبۇل قىلىشىمىز ناھايتى كۆپ ، سەرپ قىلىشىمىز ناھايتى ئاز بولغاچقا بەدەندە ئېشىندى خولىستىرىن ساقلىنىپ قالىدۇ. بەدەندە ساقلىنىپ قالغان بۇ ئارتۇق خولىستىرىن قان – تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ ،قان – تومۇرلاردا تارىيىش پەيدا قىلىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا قاندا ماي يۇقىرى بولۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇنى ئەڭ ئېغىر كېسەل دەپ قارىساق تامامەن خاتا بولمايدۇ. ئاتاچى ماي پارچىلاش تابلىتىنىڭ بەدەندىكى ئارتۇق، كېرەكسىز خولىستىرىننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ نورمال بەدەن ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار.قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىكى ئۈنىمىنى %95 دىن يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئاتاچى ماي پارچىلاش يۈرۈشلىكىنىڭ يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەنلىرىدىن باشقا يەنە جىگەردىكى ماينى پارچىلاش، قورساق قىسىمدىكى ئارتۇق ماينى پارچىلاش، ئاياللاردىكى ھەيىز ئازلاپ كېتىشكە نىسبەتەن ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەندىكى توكسىننى تازلاشرولى بار ھەمدە بەدەندىكى توكسىن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.









