

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كۈز كىردى، كېچە – كۈندۈزنىڭ تېمپۇراتۇرا پەرقى بارغانسىرى چوڭىيىشقا باشلىدى، تېمپۇراتۇرىمۇ بارغانسىرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇنداق پەسىلدە بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ بۇ ئۈچ ئورۇن بەك مۇھىم.
باش قىسىم
![]()
تىببى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ھاۋا سوۋۇغان مەزگىلدە ئادەمنىڭ باش قىسمى ئوچۇق تۇرىدىغان بولغاچقا ئاسانلا قان- تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ سەۋەپلىك باش قېيىش، باش ئاغرىش، ھەتتا يۈرەك سىقىلىش،ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۇيقۇسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كېلىپ چىقىدىكەن.
ئىسسىق ساقلاش ئۇسۇلى
تۆۋەن تېمپۇراتۇرا ياكى شامال چىققان كۈنلىرى پوسما كىيىش ئارقىلىق باش قىسىمنى ئىسسىق ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، پوسما پېشانە قىسىمنىمۇ سوغۇقتىن ساقلايدىغان بولۇپ، ئازراق تەرلەپ قالسىڭىزلا پوسمىڭىزنى ئېلىۋەتمەڭ،بۇنداق بولغاندا ئاسان زۇكامداپ قالىسىز.
چاچ تاراش ئەڭ ئاددىي بولغان باشنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى بولۇپ، تاغاقتا تارىغاندىن باشقا بارماقلىرىڭىزنى سەل ئېگىپ تاغاق ھالىتىگە كەلتۈرۈپ پېشانە قىسمىڭىزدىن باشلاپ كەينىگە يۆلىنىش بويىچە تارىسىڭىز بولىدۇ، بىر قېتىمدا 3~5 قېتىم تەكرارلىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا باش قىسىم قان تومۇرلار ئېچىلىپ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىپلا قالماستىن يەنە باشنى ئىسسىق ساقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا باشنى سەل ئىسسىقراق سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك، قان –تومۇر كېسەللىكى،بوغۇم كېسەللىكلىرى، ئاسان زۇكامداپ قالىدىغان كىشىلەر باش قىسىمنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
قورساق قىسىم
![]()
قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە قورساق قىسىمدىكى قان – تومۇرلاردا قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاغرىيدىغان، قىزلاردا ھەيىز مەزگىلىدە ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
ئىسسىق ساقلاش ئۇسۇلى
كۈز پەسلى بەك قىسقا ياكى بېلى بەك تۆۋەن كىيىملەرنى كىيمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاشقازىنى دائىم بىئارام بولىدىغان كىشىلەر سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىشى، قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى ئۇۋۇلاپ ئىسسىتقاندىن كېيىن سول قولنى كىندىك ئۈستىگە، ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كىندىكنى مەركەز قىلىپ، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئون مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا قورساق قىسىمغا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بىئارام بولۇش يوقايدۇ، ئاشقازان ئۆتنى ئاسرايدۇ، تەرەت راۋانلىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا كۈز پەسلى ئاشقازان كېسىلى بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدۇ، يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە ئاز يېيىش ، كۆپ قېتىم يېيىش، ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيىنى بولغان يىمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مەسىلەن مايدا پىشۇرۇلغان، ئاچچىق، قېنىق چاي،قېنىق قەھۋە ، ھاراق، زىيادە قىززىق ھەم زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
پۇت قىسىم
![]()
بىزدە سوغۇق پۇتتىن ئۆتىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، پۇت پۈتۈن بەدەندىكى ئەڭ سوغۇقتىن قورقىدىغان ئەزا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇت قىسىمنىڭ تېرىسى نېپىز بولۇپ، ئاقسىل مىقدارى ئاز، ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن، شۇڭا پۇتنىڭ تېمپۇراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، ھەم ئاسان سوغۇق ئۆتىدۇ.
ئىسسىق ساقلاش ئۇسۇلى
پۇتنى قىززىق سۇغا چىلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بار، قان – تومۇرلارنى ئېچىپ،سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، پۇت – قول مۇزلاشقىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىسى بار، ئىسسىق سۇغا ئازراق خام زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن قوشىۋەتكەندە سۇغۇق ھەيدەش ئۈنىمى تېخىمۇ يۇقىرلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۇنىڭ تېمپۇراتۇرىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، ۋاقتىمۇ بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك، 40سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۇغا 20 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە بولىدۇ.
داۋاملىق تاپاننى ئۇۋۇلاپ بېرىش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇت مۇزلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تاپاننىڭ پۈتۈن يۈزىنى نۇقتىلارغا بۆلۈپ تۇرۇپ، ھەربىر نۇقتىنى 3~5 سېكونتقىچە بېسىپ تاكى پۇت ئىسسىغىچە ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.








