大数跨境
0
0

يەھۇدىيلارنىڭ تەپەككۇرى

يەھۇدىيلارنىڭ  تەپەككۇرى aymehri
2017-12-11
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

مەسىللەرگە نىسبەتەن پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ تەپەككۇر  قىلىش.

بىر يەھۇدىي  نىيويوركتىكى  بىر بانكىغا كىرىپتۇ ھەمدە  قەرزبېجىرىش  كۆزنىكىگە  بېرىپ تەمكىنلىك  بىلەن  ئولتۇرۇپتۇ.

"ئەپەندىم، سىزگە  قانداق مۇلازىمىتىمىز  كېرەك؟"قەرز  ېبجىرىش  كۆزنىكىنىڭ دېرىكتورى  بىر  تەرەپتىن سورىغاچ  يەنە  بىر تەرەپتىن  ئۇ  ئادەمنى كۆزىتشكە  باشلاپتۇ: ئېسىل  كاستىيۇم، يۇقىرى  سۈپەتلىك خۇرۇم  ئاياغ، قىممەت  قول سائەت  يەنە  ئالماس بىلەن  زىننەتلەنگەن  گالىستۇك قىسقۇچ.

"مەن پۇل  قەرز  ئالاي دېگەن."

"بولىدۇ.ئەپەندىم، قانچىلىك  قەرز ئالىسىز؟"

"بىر ئامرىكا  دوللىرى"

"پەقەت بىر  ئامرىكا  دوللىرى؟"

"شۇنداق، بىر  ئامرىكا دوللىرى  قەرز  ئالسام بولامدۇ؟"

"ئەلۋەتتە بولىدۇ، پەقەت  رەنىگە  قويغۇدەك نەرسىڭىز  بولسىلا  ئۇنىڭدىن كۆپرەك  ئالسىڭىزمۇ  بولىۋېرىدۇ."

"بولىدۇ، رەنىگە  قويۇشقا بۇلار  يېتىشەمدۇ؟"

يەھۇدىي سۆزلىگەچ  ئېسىل  قول سومكىسىنىڭ  ئىچىدىن  بىر دۆۋە  پاي  چېكى، زايوم قاتارلىقلارنى  چىقىرىپ  دېرىكتورنىڭ ئۈستىلى  ئۈستىگە  قويۇپتۇ.

"جەمئىي 500 مىڭ  دوللار ، يېتەمدۇ؟"

ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە ! لېكىن  سىز راستلا  پەقەت  بىر دوللارلا  قەرز  ئالامسىز؟"

"شۇنداق" دېگەچ  يەھۇدىي  دېرىكتورنىڭ  قولىدىكى  بىر  دوللارنى قولىغا  ئاپتۇ.

"يىللىق ئۆسۈمى  %6، بىر   يىلدىن كېيىن سىز  پەقەت  %6 ئۆسۈمنى  تۆلىۋەتسىڭىزلا  بۇ پايچېكى  قولىڭىزغا  قايتىدۇ."

"رەھمەت."  يەھۇدىي قايتىش  ئۈچۈن  تەييارلىنىپتۇ.

ئىزچىل بۇلارنىڭ  يېنىدا  ئەھۋالنى كۆزىتىپ  تۇرغان   بانكا باشلىقى 500 مىڭ  دوللار   پۇلى بار  ئادەمنىڭ  بانكىغا كېلىپ  بىر  دوللار قەرز  ئېلىشىنىڭ  سەۋەبىنى پەقەت  چۈشەنمەپتۇ-دە،  يەھۇدىينىڭ كەينىدىن  يۈگۈرۈپتۇ:"  ئەپەندىم، توختاپ  تۇرۇڭ..."

"بىرە ئىشىڭىز   بارمىتى؟"

"بىر ئىشنى  پەقەت  چۈشىنەلمىدىم، سىزنىڭ  500 مىڭ  دوللار   پۇلىڭىز بار تۇرۇپ  نىمىشقا  پەقەت بىر  دوللارلا  قەرز ئالىسىز؟  ئەگەر  سىز   300 مىڭ دوللار  ياكى  400 مىڭ دوللار  قەرز  ئالماقچى بولسىڭىز، بانكىمىز  سىزگە  قەرز بېرىشنى  جان  دەپ  خالايدۇ..."

" مەن ئۈچۈن  غەم  يېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ  بانكىغا  كېلىشتىن بۇرۇن  مەن  بىر نەچچە  بانكىدىن  سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم، ئۇلارنىڭ  بىخەتەرلىك  ساندۇقىنىڭ ئىجارىسى  ئىنتايىن  قىممەتكەن، شۇڭا  مەن ئاخىر  پايچەكلىرىمنى  مۇشۇ بانكىنىڭ  بىخەتەرلىك  ساندۇقىدا ساقلاشنى  لايىق  تاپتىم، ئىجارىسى  بەكلا ئەرزانكەن، يىللىقى  ئاران  6 سېنتكەن."

قىممەتلىك بۇيۇملار  قائىدە  بويىچە بانكىنىڭ  بىخەتەرلىك  ئىشكابىدا ساقلىنىدىغان  بولۇپ، نۇرغۇن  كىشىلەرگە نىسبەتەن  ئېلىپ  ئېيتقاندا بۇ  بىردىنبىر  تاللاش يولى، ئەمما  يەھۇدىي  سودىگەر ئۆزى  ئۈچۈن  يەنە بىر  تاللاش  يولىنى تاپالىغان. ھەمدە  ئىنتايىن  ئاسانلا ئۆزىنىڭ  پايچەك، زايوملىرىنى  بانكىنىڭ بىخەتەرلىك  ئىشكابىغا  سالىدىغان ئامالنى  ئويلاپ  چىققان. ئىشەنچلىك  بولۇش، بىخەتەر  بولۇش نۇقتىسىدىن چىقىش  قىلغاندا،بۇ  ئىككىسىنىڭ  ھەق ئېلىش  ئۆلچىمىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقىدىن  باشقا  ھېچقانداق پەرقى  يوق.

نۇرغۇن ئەھۋال  ئاستىدا  كىشىلەر قەرز  ئېلىش  ئۈچۈن قىممەتلىك  نەرسىلىرىنى  رەنىگە قويىدۇ، ھەمىشە  رەنىنى  ئاز قويۇپ  كۆپرەك   پۇلغا ئېرىشىشنى  ئويلايدۇ. لېكىن  بانكا بىخەتەر  بولىشى  ھەم ئۆزىنىڭ  پايدىسىنى  كۆزدە تۇتۇپ، ئەزەلدىن  قەرز  سوممىسىنى رەنىنىڭ  ھەقىقىي  قىممىتىگە يېقىنلاشتۇرمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە  پەقەت  قەرز ئېلىش  سوممىسىنىڭ  يۇقىرى چېكى  ھەققىدە  بەلگىلىمە بار، تۆۋەن  چېكىنى  بەلگىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى  يوق. بۇ بوشلۇقتىن  پايدىلىنىپ، پىكىر  قىلىش يولىنى  ئۆزگەرتىپ  ئاز پۇل  بىلەن  كۆپ پايدىغا  ئېرىشىش.  مانا بۇ  يەھۇدىيلارنىڭ  تەپەككۇر ئۇسۇلى  جەھەتتىكى  ئاقىلانىلىكى.

پىكىر يولىنى  ئۆزگەرتىپ  تەپەككۇر قىلىش  ئادەمنى  ئويلاپمۇ باقمىغان  مۇۋەپپىقىيەتلەرگە  ئېرىشتۈرىدۇ.

ئەقىل پاراسىتىگە  تايىنىپ  بايلىق يارىتىش.


نۇرغۇن يىللار  ئىلگىرى  ئوسۋېتسىم جازا  لاگىرىدا  بىر يەھۇدىي  ئوغلىغا  دەپتۇ:"بىزنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر  بايلىقىمىز  بولسا  بىزنىڭ  ئەقىل – پاراسىتىمىز. باشقىلار  بىرگە بىرنى  قوشسا  ئىككى بولىدۇ، دېگەن  ۋاقىتتا  سەن ئۈچتىن  چوڭ  بولىدۇ، دېگەننى  ئويلىيالىشىڭ كېرەك."

ناتسىسلار ئوسۋىتسىم  جازا  لاگىرىدا نەچچە  يۈز مىڭ  ئادەمنى زەھەرلەپ  ئۆلتۈرىدۇ،  لېكىن ئاتا – بالا  ئىككىسى  ھايات  قالىدۇ.

1946- يىلى  ئۇلار  ئامرىكىغا  كېلىدۇ،  ھەم  شۇ يەردە  مىس  بۇيۇم تىجارىتى  بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بىر  كۈنى دادىسى  ئوغلىدىن  بىر قاداق  مىسنىڭ  باھاسى قانچىلىك،  دەپ  سورايدۇ. ئوغلى  35 سېنت، دەپ  جاۋاپ  بېرىدۇ. دادىسى  دەيدۇ:" توغرا، پۈتۈن  تېكساس  شىتاتىدىكىلەر بىر  قاداق  مىسنىڭ باھاسىنىڭ  35  سېنت ئىكەنلىكىنى  بىلىدۇ، لېكى  يەھۇدىينىڭ ئوغلى  بولۇش  سۈپىتىڭ بىلەن، سەندىن  بىر  قاداق مىسنىڭ  باھاسى  سورالسا 3.5  دوللار ، دەپ  جاۋاپ بېرىشىڭ  كېرەك.بىر  قاداق مىستىن  بىر  ئىىشىك ياساپ  سىناپ  باق."

20 يىلدىن  كېيىن  دادىسى ۋاپات  بولىدۇ،ئوغلى  ئۆزى يالغۇز  مىس  دۇكىنىنى ماڭدۇرىدۇ.  ئۇ مىستىن  دۇمباق  ياسايدۇ، شىۋىتسارىيە  سائىتىگە ئورنىتىلدىغان  پۇرژىنا  ياسايدۇ، ئولىمپىك  تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ  مىس  مېدالىنى ياسايدۇ. ئىلگىرى  بىر قاداق  تۆمۈرنى  3500 دوللارغىمۇ  ساتىدۇ، بۇ  ۋاقىتتا ئۇ  ئاللىبۇرۇن  مايكول شىركىتىنىڭ  باش  لېدىرىغا ئايلىنىپ  بولغان  ئىدى.ئەكىسچە ،  ئۇنىڭ نامىنى  يىراق – يېقىنغا  تارقاتقىنى بولسا  نىيويورك  شەھىرىدىكى بىر  دۆۋە  ئەخلەت بولۇپ  قالىدۇ.

1974-يىلى نىيويورك  شەھىرى  ھۆرلۈك ئىلاھىنى  يېڭىلاش  سەۋەبىدىن دۆۋىلىنىپ  قالغان  كېرەكسىز ماتىرياللارنى  بىر   تەرەپ قىلىش  ئۈچۈن  جەمئىيەتكە ئاشكارە  ئېلان  چىقىرىدۇ.لېكىن  بىر نەچچە  ئاي  ئۆتۈپ كەتكەن  بولسىمۇ، بۇ  ئىشنى قىلىدىغان  بىرمۇ  شىركەت چىقمايدۇ.  شۇ  ۋاقىتتا ئۇ  فىرانسىيىدە  ساياھەت قىلىۋاتقان  بولۇپ، بۇ  خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن  كېيىن  دەرھال نىيويوركقا   قايتىدۇ ، ھۆرلۈك  ئىلاھىنىڭ ئاستىدا  دۆۋىلىنىپ  كەتكەن مىس  پارچىلىرىنى ،  ۋېنتا ۋە  ياغاچ  ماتىرياللىرىنى  كۆرگەندىن كېيىن  ئۇ  شەرتسىزلا توختامغا  ئىمزا  قويىدۇ.

نىيويوركتىكى نۇرغۇن  شىركەتلەر  ئۇنىڭ بۇ  قىلمىشى  ئۈچۈن ئۇنى  مازاق   قىلىشىدۇ، چۈنكى  نىيويوركتا ئەخلەتلەرنى  بىرتەرەپ  قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك  بەلگىلىمىلەر  ئىنتايىن قاتتىق  بولۇپ،  ئىشنى بۇزۇپ  قويسا  مۇھىت ئاسراش  تەشكىلاتى  تەرىپىدىن ئەرز  قىلىنىشى  مۇمكىن ئىدى.  نۇرغۇن  كىشىلەر بۇ  يەھۇدىينىڭ  تاماشىسىنى كۆرۈش  ئۈچۈن چىشىنى  بىلەپ  تۇرغاندا، ئۇ ئىشچىلارنى  تەشكىللەپ  ئەخلەتلەرنى تۈرگە  ئايرىيدۇ.  ئۇ مىسنى  ئېرىتىپ  نۇرغۇن كىچىك  ھۆرلۈك  ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى  ياسايدۇ. سېمونت  پارچىسى ۋە  ياغاچلارنى  قايتا پىششىقلاپ  ئىشلەپ  ھەيكەل ئۈچۈن  تەگلىك  قىلىدۇ. كېرەكسىز  قەلەي ۋە  ئاليۇمىنلاردىن   پايدىلىنىپ ئاچقۇچ  ياسايدۇ، ھەتتا  ھۆرلۈك ھەيكىلى  ئۈستىدىن  سۈپۈرۋېلىنغان توپىلارنى  يىغىپ  ئورىغاندىن كېيىن  گۈل  دۇكىنىغا سېتىپ   بېرىدۇ.ئۈچ  ئايغا يەتمىگەن  ۋاقىت  ئىچىدە ئۇ  بۇ  بىر دۆۋە  كېرەكسىز  ئەخلەتنى 3مىليون 500مىڭ  دوللار  نەخ پۇلغا  ئالماشتۇرىدۇ.ھەربىر  قاداق مىسنىڭ  باھاسى  بىر ھەسسە  قاتلىنىپ  ماڭىدۇ.

يەھۇدىيلار تۇغۇلىشىدىنلا  باشقا  مىللەتلەردىن ئەقىللىق  ئەمەس،لېكىن  ئۇلار پۇلنى  قولغا  كەلتۈرۈشنىڭ ئېپىنى  ئۇقىدۇ، ئۇلارنىڭ  بالىلىرى ئەمدى  ئىش  ئۇقۇشقا باشلىغاندا  ئۇلار  كىتابنىڭ  بېتىگە ھەسەل  سۈرۈپ  بالىلىرىغا كىتابنىڭ  ئۈستىدىكى  ھەسەلنى  يالاتقۇزىدۇ، بۇنداق  قىلىشتىكى مەخسەت  ئۇلارغا  كىتابنىڭ تاتلىق  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.

ئەقىل – پاراسەت  مەڭگۈلۈك بايلىق، ئۇ  كىشىنى  مۇۋەپپىقىيەتكە  قاراپ يېتەكلەپ  ماڭىدۇ. 





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624