大数跨境
0
0

قان تومۇرلار بۇ تۆت سائەت ئىچىدە ئەڭ ئاجىز بولىدۇ، بىلەمسىز؟

قان تومۇرلار بۇ تۆت سائەت  ئىچىدە  ئەڭ  ئاجىز بولىدۇ،  بىلەمسىز؟ aymehri
2017-12-13
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بۇ تۆت  سائەتتە  قان  تومۇرلار  ئەڭ  ئاجىز  بولىدۇ،  بۇ  ئىشلارنى  ھەرگىز  قىلماڭ

سائەت ئالتىدە ئورنىدىن   تۇرۇش،  سائەت 12  دە  چۈشلۈك تاماق  يېيىش،  كەچ سائەت  ئالتىدە  كەچلىك تاماق  يېيىش... ساغلاملىقنى  سۆيىدىغان دوستلارغا  نىسبەتەن  مانا  بۇ  ئەڭ ساغلام  بولغان  مەشخۇلىيەت ۋاقتىدۇر.

لېكىن شۇنى  بىلەمسىز،  كېسەللىكنىڭمۇ خەتەرلىك  ۋاقتى  بولىدۇ، بولۇپمۇ  بۇ  تۆت سائەت  ۋاقىت  ئىچىدە قان  تومۇرلار  ئەڭ ئاجىز  بولىدۇ،  چوقۇم دىققەت  قىلىش  كېرەك.

ئەتىگەن سائەت  6-10  غىچە بولغان  ۋاقىت  قان تومۇرلارنىڭ  ئەڭ  ئاجىز ۋاقتى  بولىدۇ.

تارقىلىشچان كېسەللىك  ئىلمى  تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە  ،  40% كە  يېقىن  يۈرەك موسكۇل  تىقىلمىسى  ۋە 29%  كە  يېقىن يۈرەك  كېسىلى  دەل سەھەر  ۋاقتىدا  يۈز بېرىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى  «ئەتىگەندىكى  يۇقىرى قان  بېسىم »  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئادەمنىڭ قان  بېسىمى  24 سائەت  دولقۇنسىمان  ھالەتتە بولىدىغان  بولۇپ،  بۇنىڭدا مەلۇم  قانۇنىيەت  مەۋجۇت. كېچىدە  ئادەم  بەدىنى ئۇيقۇ  ھالىتىدە  قان  بېسىمى  ئەڭ تۆۋەن  بولىدۇ،  سەھەر سائەت  2-3  كىچە ئەڭ  تۆۋەن  چەككە يېتىدۇ.  ئەتىگىنى  ئادەم ئويغىنىشتىن  بۇرۇن  قان بېسىم  تېز  سۈرئەتتە يۇقىرلايدۇ،  ئەتىگەن  سائەت 6-10  غىچە  بولغان ئارلىقتا  يۇقىرلاپ  ئەڭ يۇقىرى  چەككە  يېتىدۇ. كۆپ  قىسىم  كىشىلەرنىڭ مۇشۇ  ۋاقىتتىكى  قان بېسىمى  بىر  كۈن ئىچىدىكى  ئەڭ  يۇقىرى چەككە  يېتىدۇ. 


بۇ ۋاقىتتا  بۇ  ئىشلارنى قىلىشقا  ھەرگىز  بولمايدۇ، چوقۇم  دىققەت  قىلىڭ.


1. ئەتىگەندە   بەك  كۆپ چېنىقىشقا  بولمايدۇ. 

 يۇقىرى قان   بېسىمى   بار ياكى  يۈرەك  مېڭە قان  تومۇر  كېسەللىكىگە گېرىپتار  بولغان  دوستلار ئۈچۈن  ئېيتقاندا،  سەھەر ۋاقتى  ئەڭ  خەتەرلىك بولغان  چېنىقىش  ۋاقتى بولۇپ  ھېساپلىنىدۇ.   شۇڭا ئەتىگەن  سائەت  6-10 غىچە  بولغان  ۋاقىتتا كۈچلۈك  ھەركەت  قىلىشتىن ساقلىنىش  كېرەك.  چېنىقىدىغان ۋاقىتنى  چۈشتىن  كېيىنگە ياكى  كەچكە  بېكىتسە بىرقەدەر  مۇۋاپىق   ھەم بىخەتەر  بولىدۇ. 

2. ئورۇندىن  تۇرغاندا  ئالدىرماسلىق كېرەك. 


 ئالدىراپ  ئورنىدىن تۇرۇش  ياكى  ئالدىراپ ئولتۇرۇپ  قوپۇش    بەلكىم قان  بېسىمنىڭ  جىددىي ئۆزگىرىشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىشى مۇمكىن.  ئەگەر  ئەتىگەن ۋاقتىدا  سىزنىڭ  قان بېسىمىڭىز  يۇقىرى  ھالەتتە تۇرغان  بولسا، ئۇنداقتا  قان تومۇرلارغا  چۈشىدىغان  بېسىم تېخىمۇ  يۇقىرى  بولىدۇ. يۈرەك مېڭە  قان  تومۇر كېسەللىرىنىڭ  يۈز  بېرىش خەۋپى  نەچچە  ھەسسە يۇقىرى  بولىدۇ،  شۇڭا ئەتىگەندە  ئورنىدىن  تۇرغاندا كۆزنى  ئېچىپ  بىر ئاز  يېتىۋېلىپ  ئالدىرماي ئورنىدىن  تۇرۇش  كېرەك، بۇنداق بولغاندا  قان  تومۇرلارغىمۇ  بىخەتەر بولىدۇ.

3. بويۇننى ياخشى  ئاسرىماسلىق.

  بويۇن قىسىمنى  ئىسسىق  ساقلاشمۇ ئىنتايىن  مۇھىم.  بويۇن قىسىمغا  سوغۇق  ئۆتسە، بويۇن  ئارتىرىيە  جىددىي قىسقىرايدۇ،  يۈرەك  مېڭە قان  تومۇرلارغا  ئېغىز دەرىجىدە   بېسىم  پەيدا قىلىپ،  سەكتە،  پارالىچ  قاتارلىقلارنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ ھەمدە  ھاياتقا  خەۋپ كەلتۈرىدۇ. شۇڭا  بويۇن  قىسىمنى ئىسسىق  ساقلاشقا  ئەھمىيەت بېرىش  كېرەك.


4. قەۋزىيەت  بىمارلىرى   بەك كۈچىمەسلىك  كېرەك.

  تەرەت قىلغاندا  بەك  كۈچىۋەتكەندە، قورساقنىڭ  بېسىمى  ئارتىدۇ، قان  بېسىممۇ  يۇقىرلاپ كېتىدۇ.  قەۋزىيەت  بىمارلىرى تەرەت  قىلغاندا  زىيادە كۈچەپ  كەتكەندە،  پۈتۈن بەدەندىكى  قان    ۋە موسكۇللار  جىددىي  قىسقىراپ، مېڭىگە  قان  تولىدۇ.



5. قان  بېسىمنى  تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى  يېيىشنى  ئۇنتۇپ قالماسلىق  كېرەك.  دورا ئارقىلىق  داۋالاش  ئەڭ ياخشى  تەدبىر.  لېكىن ھەممە  ئادەمنىڭ  بەدەن ئەھۋالى  ئوخشاش  بولمايدۇ، بەدەننىڭ  دورىغا  بولغان تاللاشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىقلارمۇ  ئوخشاش  بولمايدۇ. شۇڭا  قان  بېسىم دورىلىرىنى  دوختۇرنىڭ  كۆرسەتمىسى ئاستىدا  ئىستىمال  قىلىش كېرەك. 






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读427
粉丝0
内容624