

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
دوستلار چەمبىركىنى كېڭەيتىشتىكى تالانت ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مايۈننىڭ سىياسىي ساھە، سودا ساھەسى ۋە تاماششا ساھەسىدىكى دوستلىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.ئۇنداقتا مايۈننىڭ دوستلار چەمبىركىدە زادى قانداق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بار؟
بىلگىيە پادىشاھى:مايۈن ئۈچۈن خان ئوردىسىدا زىياپەت راسلىغان
مايۈن بېلگىيە پادىشاھى فېلىپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، 9-ئاينىڭ23-كۈنى بىلگىيىدە زىيارەتتە بولغاندا ،بېلگىيە پادىشاھى بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغان، بېلگىيە پادىشاھى مايۈن ئۈچۈن زىياپەت ھازىرلاپ 20 نەچچە داڭلىق كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مايۈن ئۈچۈن بىر مەيدان بېلگىيە كارخانىچىلار يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن.
مايۈن ۋە ئەلى بابا بېلگىيەدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، بېلگىيە پادىشاھى فېلىپ ۋە باش ۋەزىرى مىچىل ئارقا –ئارقىدىن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مايۈن بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى يوللاپ بېلگىيە بىلەن ئەلى بابانىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا ۋە ئەلىپاي قاتارلىق جەھەتلەردە رايون ھالقىغان ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
بېلگىيە پادىشاھى مۇنداق دېگەن: ئەلى بابا ئېلىكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى، مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى بېلگىيە خەلقىگە بەش قولدەك ئايان.
ئوباما:ئاق سارايدا مايۈن بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەن
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە مايۈن ئاقسارايغا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئوباما بىلەن چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولغان، بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن تور ساھەسىنى زىل –زىلىگە سالغان.
بۇ ئوبامانىڭ يېرىم يىل ئىچىدە مايۈن بىلەن ئىككىنجى قېتىم كۆرىشىشى بولۇپ، ئىككىسى 2015- يىلى 11- ئايدا مانىلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا بىر قېتىم ئۇچراشقان، ئەينى ۋاقىتتا ئوباما مايۈندىن دۆلەت ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قانداق قوللىشى كېرەك؟ دەپ سورىغاندا ، مايۈن مۇنداق دېگەن:" ناھايتى ئاددىي، باجنى ئازراق ئالسىلا بولىدۇ، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردىن باج ئالمىسىمۇ بولىدۇ" دېگەن، مەيداندا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلگەن، ئامرىكا زوڭتۇڭى مۇنداق دېگەن :" سىز CEO تىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىڭىز."
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون :مايۈننى ئالاھىدە ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلغان
2013-يىلى مايۈن بىلەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون كۆرۈشكەندىن كېيىن ، كامىرون تورغا ئىككىسىنىڭ ئۆز تارتىم سۈرىتىنى يوللىغان. كامىرون بىلەن مايۈننىڭ كۆرىشىشى ئەنگىلىيە سودا ھەمكارلىق باش شىتابىنىڭ ئەلى بابا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان.
2015-يىلى مايۈن تەكلىپكە بىنائەن ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى بولغان . مايۈن تارىختىن بۇيانقى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ تۇنجى جوڭگولۇق تەكلىپلىك ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ، كامىرون مۇنداق دېگەن ئىدى :" ئەلى بابا 21- ئەسىردىكى ئىستىقبالى ئەڭ پارلاق شىركەتلەرنىڭ بىرى."
مايۈننىڭ ئەڭ پۇلدار دوستى : بېلگايتىس
دۇنيادىكى بىرىنجى باي بېلگايتىس بىلەن مايۈننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى جەھەتتە مۇناسىۋىتى سەل قويۇق. دۇنيادىكى بىرىنجى باي بېلگايتىس ئۆزىنىڭ بارلىق مال –بېساتىنى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان، ھەم مايۈننىمۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قىسىم بايلىقىنى ئىئانە قىلىشقا دەۋەت قىلغان، لېكىن مايۈن ئەمدى تېخى 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالدى، بېلگايتىسنىڭ يېشىغا بارغاندا ئاندىن مال- مۈلكىنى ئىئانە قىلىشنى ئويلاشسىمۇ كېچىكمەيدۇ.
مايۈننىڭ ئەڭ ھوقۇقدار دوستى: تېرامپ
يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامرىكا زوڭتۇڭى تىرامپنى دۇنيادىكى ئەڭ ھوقۇقدار ئادەم دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ ئەمدىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا مايۈن بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. تىرامپ مايۈننى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، دەپ تەرىپلىگەن، مايۈنمۇ تىرامپنى ئىش قىلغاندا بەك كەسكىن، دەپ تەرىپلىگەن.
مايۈننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دوستى : پۇتىن
ھەممىمىزگە مەلۇم، روس مىللىتى دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ جەڭگىۋار مىللەت، ھەر جەھەتتىن تەڭ يېتىشكەن ئەزمەت __ پۇتىننى مايۈننىڭ ئەڭ كۈچلۈك دوستى دېسەك ئازراقمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
مايۈننىڭ ئەڭ ئۇرۇشالايدىغان دوستى: لى لىيەنجى
لى لىيەنجى بولسا خەلىقئارالىق گۇمپا چولپىنى، بىر ئۇتۇق قازانغان سودىگەر ھەم ساخاۋەتچى. ئۇ قۇرغان ساخاۋەت فوندى مايۈننىڭ ئەلى بابا گورۇھى بىلەن بىرلىشىپ تەيجى گۇمپىسى مەدەنىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى، مايۈننىڭ ئۆزىمۇ تەيجى گۇمپىسىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ گۇمپا، سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كەم –كۈتىسىز دېيىشكە بولىدۇ.
مايۈننىڭ رول ئېلىشقا ئەڭ ماھىر دوستى: جاۋۋېي
جاۋۋېي رېژىسورغا ئايلانغاندىن كېيىن يەنە مايۈننىڭ ئەلى بابا گورۇھىغا پاي قوشۇپ، گۇرۇھنىڭ ئىككىنجى چوڭ پايچېكىغا ئايلاندى،ئۇ مايۈننى مۇنداق تەرىپلەيدۇ:"مايۈننىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان گەپلەر، شۇڭا ئۇنى ئۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، كۆپچىلىك تەبىئىيلا ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ."













