大数跨境
0
0

دورىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەكمۇ ياكى ياماقتىن كېيىنمۇ

دورىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەكمۇ ياكى ياماقتىن كېيىنمۇ aymehri
2017-12-22
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭباشقىلارغا گۈل سۇنغىنىڭىزدا گ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

تاماقتىن بۇرۇنمۇ كېيىنمۇ؟

دورىنى  قايسى ۋاقىتتا  يېسە  ياخشى بولىدىغانلىقى  ئىزچىل  تۈردە بىز  مۇلاھىزە  قىلىپ كېلىۋاتقان   مەسىلە. بەزىلەر  تاماقتىن بۇرۇن  يېسە  ياخشى بولىدۇ  دەيدۇ،  يەنە بەزىلەر  تاماقتىن كېيىن  يېسە ياخشى  بولىدۇ،  دەيدۇ. ئۇنداقتا  دورىنى زادى  تاماقتىن  بۇرۇن يېيىش  كېرەكمۇ  ياكى تاماقتىن  كېيىن  يېيىش كېرەكمۇ؟ دورىنى  توغرا  يېسىڭىز پايدا  قىلىدۇ،  خاتا يەپ  قويسىڭىز  ئەكسچە بەدىنىڭىزگە  زىيانلىق. 


1

ئىچ سۈرىدىغان ۋە قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئاچ قورساق يېيىش كېرەك 

ئاشقازاندا ھېچقانداقتاماق بولمىسا  بۇنى ئاچقورساق  دەپ ئېيتسىڭىز  بولىدۇ. تاماقتىن  بۇرۇنقى 1-2  سائەت  ۋە تاماقتىن  كېيىنكى  2-3 سائەتنى  ئاچقورساق  ۋاقتىڭىز دېيىشكە  بولىدۇ.  ئاچقورساققا دورا  ئىچىشنىڭ  ئەڭ ياخشى  تەرىپى  شۇكى تاماقنىڭ  دورىنىڭ  ئۈنىمىگە تەسىر  كۆرسىتىشىدىن  ساقلانغىلى بولىدۇ. دورىنىڭ  بەدەنگە  سۈمۈرلىشىگە ۋە  ئۈنىمىنى  تولۇق كۆرسىتىشىگە  پايدىلىق. 

ئىچىنى  سۈرىدىغان دورىلار  ۋە  قۇۋۋەت دورىلىرىنى  ئاچ  قورساققا ئىستىمال  قىلىش  ياخشى. 

2

ئاشقازان دورىسىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىش كېرەك

تاماقتىن  بۇرۇن ئىستىمال  قىلىش  دېگىنىمىز تاماقتىن  15-30  مىنۇت بۇرۇن  ئىستىمال  قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئاشقازان  ئۈچەي  فونكىيىسىسى ياخشى  بولماسلىق  سەۋەبىدىن تاماقتىن  كېيىن  ئىستىمال قىلغاندا  دورىنىڭ  بەدەنگە سۈمۈرلىشى  تەسىرگە  ئۇچرايدۇ،شۇڭا ئاشقازان  شىللىق  پەردىسىنى ئاسرايدىغان  ياكى  ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى  ئىلگىرى  سۈرىدىغان دورىلارنى  تاماقتىن  بۇرۇن يېيىش  كېرەك. 


3

كۆپ قىسىم دورىلار تاماقتىن كېيىن ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ

تاماقتىن  كېيىن ئىستىمال  قىلىش  دېگىنىمىز تاماقتىن  كېيىن  15-30 مىنۇتنى  ئۆتكۈزۈپ  ئىستىمال قىلىشنى  كۆرسىتىدۇ. بۇ  ھەرگىزمۇ تاماقنى  يەپ  بولۇپ كەينىدىنلا  ئىستىمال  قىلىش دېگەنلىك  ئەمەس.  كۆپ قىسىم  دورىلار  تاماقتىن كېيىن  ئىستىمال  قىلىشقا ماس  كېلىدۇ،  بۇنداق بولۇشتىكى  سەۋەپ  دورىنىڭ ئاشقازان  ئۈچەي  يولىغا  بولغان  غىدىقلىشىنى  ئازايتىش ،  ھەمدە  دورىنىڭ ئۈنۈمىگە  كاپالەتلىك قىلىش. 


ئاشقازان  ئۈچەينى غىدىقلىغۇچى  دورىلار  ۋە ئېرىشچان  خاراكتىردىكى  دورىلار تاماقتىن  كېيىن  ئىستىمال قىلىشقا  ماس  كېلىدۇ.


4

قەنتنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە باكتىريىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى تاماق بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىش كېرەك

تاماق  بىلەن قوشۇپ  ئىستىمال  قىلىش  دېگىنىمىز تاماق  يېيىلىپ  بولغۇچە  بولغان ئارلىقتا  ئىستىمال  قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق  بولۇشتىكى  سەۋەپ دورىنىڭ  ئۈنىمىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈش  ھەمدە  دورىنىڭ ئاشقازان  ئۈچەيگە  بولغان غىدىقلىنىشىنى  ئازايتىش. 


قەنتنى  تۆۋەنلەتكۈچى، باكتىريەگە  قارشى  تۇرغۇچى ھەمدە  بىر  قىسىم قان  بېسىمنى  چۈشۈرگۈچى دورىلار،  بەزى  ئانتىبئوتىك دورىلار  تاماق  بىلەن قوشۇپ  ئىستىمال  قىلىشقا ماس  كېلىدۇ.


-END-






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624