大数跨境
0
0

ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى ئۈچۈن نىيەت قىلىڭ

ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ خەيىرلىكى ئۈچۈن نىيەت قىلىڭ aymehri
2017-12-03
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىر كۈنى ئۆلۈم بىرئادەمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە شۇنداق دىدى:

بۈگۈن سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنۈڭ.                                                            

ئادەم دېدى:

-ئەممامەن تەييار ئەمەسمەن.

ئۆلۈم دىدى:

- بۈگۈنكى تىزىملىكىمدە سېنىڭ ئىسمىڭ تۇنجى رەتتە.

ئادەم دىدى:

- ماقۇل،  ئۇنداقتا كېتىشتىن بۇرۇنكەل، بىللە قەھۋە ئىچەيلى...

ئۆلۈم دىدى:

- ئەلۋەتتە بۇلىدۇ.

ئادەم ئۆلۈمگە قەھۋە ئېكرام ئەتتى ۋە ئۇنىڭ قەھۋەسىگە ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋەتتى، ئۆلۈم قەھۋەنى ئىچتى ۋە چوڭقۇر ئۇيقۇغا  كەتتى،    ئادەم ئۆلۈمنىڭ تىزىملىكىنى           ئېلىپئۆزىنىڭ تۇنجى رەتتىكى ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتتى  ۋە ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويدى.

ئۆلۈم ئويغانغاندىن كېيىن شۇنداق دېدى :

- سەن بۈگۈن ماڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ قېتىم تىزىملىكنىڭ ئاخىرىدىن باشلاي.

بەزى ئىشلار تەقدىرىڭگەيېزىلغان بولىدۇ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشساڭمۇ ئۇلار ھېچبىر زاماندا ئۆزگەرمەيدۇ. 

 

قاغا بىلەن شاتۇت ئىككىلىسى كۆرۈمسىز يارىتىلمىش، شاتۇت ئېتىراز بىلدۈرۈپ گۈزەللەشتى ئەمما قاغا  مەمنۇن بولدى،  بۈگۈن قارىساق شاتۇت قەپەستە،قاغا بولسا ئەركىن

ھەر ھادىسىنىڭ ئارقىسىدابىر ھېكمەت بار،بەلكى سەن ھېچ بىر زامان چۈشىنەلمەيسەن،

يوقاتتىم دەپ ھېساپلىغىنىڭ بەلكىم  ئېرىشكىنىڭ بولىشى مۇمكىن.

ھەر  نەرسىنىڭ  ئەڭ  ياخشىسى ئۈچۈن ئەمەس ئەڭ خەيرىلىكى ئۈچۈن نىيەت قىل!



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624