

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىرىنجى قېتىم
دادىسى ئىككى قاچا ئۈگرىنى تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويدى، بىرىنىڭ ئۈستىدە تۇخۇم بار، يەنە بىرسىدە بولسا تۇخۇم يوق ئىدى.
دادىسى ئوغلىدىن قايسىسىنى يەيدىغانلىقىنى سورىدى.
"تۇخۇم بارىنى يەيمەن." دېدى ئوغلى.
دادىسى دېدى:' مەن سېنىڭ داداڭ بولغاندىكىن تۇخۇم بارىنى مەن يەيچۇ ئوغلۇم."
" ياق، مەن يەيمەن، مەن يەيمەن دېدىم چوقۇم شۇنى يەيمەن."
دادىسى يەنە بىر قېتىم قايتىلاپ سورىدى:" راسلا ماڭا بەرمەمسەن؟"
" بەرمەيمەن!" ئوغلى قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى، ھەمدە تېز سۈرئەتتە قاچىدىكى تۇخۇمنىڭ يېرىمىنى يەۋالدى، بۇ قاچا ئۈگرىنىڭ ئۇنىڭغا تەۋە بولۇپ بولغانلىقىنى دادىسىغا بىلدۈرمەكچى ئىدى.
"پۇشايمان قىلمايسەن؟" دادىسى ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن تولىمۇ ھەيران بولغان ئىدى، لېكىن يەنە چىداپ تۇرۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سورىدى.
" پۇشايمان قىلمايمەن!" ئوغلى قاچىدىكى تۇخۇمنىڭ قالغان يېرىمىنىمۇيەۋەتتى. دادىسى ئوغلىنىڭ تۇخۇمنى يېيىشىگە قاراپ تۇردى ھەمدە تۇخۇم يوق يەنە بىر قاچا ئۈگرىنى ئالدىغا تارتىپ يېيىشكە باشلىدى. ئوغلى دادىسى يېگەن يەنە بىر قاچا ئۈگرىنىڭ تېگىدە ئىككى تال تۇخۇم بارلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
دادىسى قاچىسىدىكى ئىككى تۇخۇمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوغلىغا دېدى:" ئېسىڭدە بولسۇن ،باشقىلاردىن پايدا ئېلىشنىلا ئويلايدىغان ئادەم ئازراقمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ."
ئىككىنجى قېتىم
بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دادىسى يەنە ئىككى قاچا تۇخۇم ئۈگرىسى قىلدى. ئوخشاش مەنزىرە يەنە تەكرارلاندى. بىر قاچىدا تۇخۇم بار، يەنە بىر قاچىدا بولسا تۇخۇم يوق. دادىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوغلىدىن سورىدى:" قايسىسىنى يەيسەن؟"
"مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم، تۇخۇمنى سىزگە ئۆتىنىپ بېرەي." ئوغلى شۇنداق دېدى-دە، تۇخۇم يوق ئۈگرىنى ئالدىغا تارتتى."پۇشايمان قىلمايسەنغۇ؟" دېدى دادىسى. "پۇشايمان قىلمايمەن!" ئوغلى قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب بەردى.ئوغلى تاماقنى ناھايتى تېزلا يەپ بولدى، قاچىنىڭ تېگى كۆرىنىپ قالاي دېگەن بولسىمۇ بىرەر تال تۇخۇم كۆرۈنمەيتتى. دادىسى قالغان بىر قاچا ئۈگرىنى ئالدىغا ئېلىپ يېيىشكە باشلىدى، دادىسى ئالدىغا تارتقان ئۈگرىنىڭ ئۈستىدە بىر تال تۇخۇم بولۇپلا قالماستىن ئاستىدىمۇ يەنە بىر تال تۇخۇم بار ئىدى.دادىسى تۇخۇمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوغلىغا دېدى:" ئېسىڭدە بولسۇن،باشقىلاردىن پايدا ئېلىشنىڭلا كويىدا يۈرىيدىغان كىشىلەر بەلكىم چوڭ زىيان تارتىپ قېلىشى مۇمكىن."
ئۈچىنجى قېتىم
نەچچە ئاي ئۆتتى. يەنە بۇرۇنقىدەك مەنزىرە.دادىسى ئوغلىدىن سورىدى:" قايسى قاچىدىكىنى يەيسەن؟"
مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز، سىز مېنىڭ دادام، چوڭلار ئاۋال تاللىشى كېرەك، سىز ئاۋال تاللاڭ."
" ئۇنداق بولسا مەن تۈزۈت قىلمىدىم." دادىسى تۈزۈت قىلماستىنلا تۇخۇم بار قاچىنى ئالدىغا تارتىپ يېيىشكە باشلىدى.ئوغلى جىمجىتقىنا تۇخۇم يوق قاچىنى ئالدىغا تارتىپ يېيىشكە باشلىدى، ناھايتى تېزلا قاچىنىڭ تېگى كۆرىنىشكە باشلىدى.ئوغلى ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىكى ئۆزىنىڭ قاچىسىدىمۇ تۇخۇم بار ئىدى. دادىسى مەنىلىك قىلىپ ئوغلىغا دېدى:" پايدا ئېلىشنىلا كۆزلىمىگەن ئادەم تۇرمۇشتىمۇ زىيان تارتمايدۇ."








