

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرىلىدۇ. ھەر قېتىم دوختۇرغا بارغاندا بىر مۇنچە دورىلارنى بېرىدۇ، بۇ دورىلارنى يېسىڭىز قان بېسىمىڭىز تۆۋەنلەيدۇ، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇشقىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.لېكىن ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا جىگەرگە زىيان سالىدۇ. دورىنى يېمىسە بولمايدۇ، لېكىن دورا يېيىش بىلەن بىرگە جىگەرنى ئاسراش خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
نىمىشقا جىگەر راكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن بايقىلىدۇ؟
جىگەردە ئاغرىقنى ھېس قىلىدىغان نېرىپلار بولمايدۇ، كىشىلەر داۋاملىق جىگەردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك ئەتراپتىكى ئەزالاردا ئاغرىق پەيدا بولۇپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ.شۇڭا 90% جىگەر راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندا ئاندىن بايقىلىدۇ.
جىگەرنى ئاسراشتا نىمە يېيىش كېرەك؟
چىلان
ھەممىمىز چىلاننىڭ قان تولۇقلاشقا پايدىسى بارلىقىنى بىلىمىز، ئۇنداقتا يەنە نىمە ئۈچۈن چىلاننى جىگەر ئاسراشقا پايدىلىق دەيمىز؟
بىرىنجى:چىلاننىڭ تەركىبىدە بىر خىل ترىتېرپېت بىرىكمە ماددىسى بار بولۇپ، ياللۇغ ۋىرۇسىنى تورمۇزلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل چىلاننىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى تورمۇزلاش ئۈنىمى قارا چىلاننىڭكىدىن ياخشى. شۇڭا ئاستا خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى بار دوستلارنىڭ قەرەللىك ھالدا داۋالانغاندىن باشقا يەنە تەبىئىي چىلان يەپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئىككىنجى: ھازىرقى زامان تىبابىتىگە نىسبەتەن يېڭىلىق بولغان بۇ بايقاش نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى قەدىمكى تىبابەت ئىلمىدە قىممەتلىك رېتسىپ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
ئۈچىنجى:چىلاننىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي ، خولىستىرىن، قەنت ۋە ھەرخىل ۋىتامىن تۈرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل دورا ئارقىلىق جىگەر ئاسراش قىلىۋاتقان دوستلارغا نىسبەتەن توغرا ئۇسۇل بىلەن چىلان ئارقىلىق جىگەرنى ئاسراش بولىدىغان ئامال ھېساپلىنىدۇ.
"جىگەر ئاسراش شورپىسى"
چىلاننىڭ قەنت مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ، شۇنداقلا يېيىشكە قولايسىز. شۇڭا چىلاننى سۇدا قاينىتىپ ئىستىمال قىلغاندا جىگەر ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە چىلاننى خام يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ناچار تەسىرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
بىرىنجى:چىلاننى يۇيۇپ ئۈستىدىكى توپا – چاڭلارنى تازلاپ بولغاندىن كېيىن، سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويىمىز.
ئىككىنجى:كىچىك پىچاق بىلەن چىلاننى تىلىمىز.
ئۈچىنجى:سۈيىنى ئالماشتۇرۇپ دۈملەيمىز.
تۆتىنجى:چىلان پۈتۈنلەي يېرىلغانغا قەدەر دۈملىسەك بولىدۇ. كۈندە ئىچىشكە بولىدۇ،دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن مىقدارىنى كونتىرول قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا چىلاننىڭ يەنە تال، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، قان تولۇقلاش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.
-END-









