

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر نىلوفەر كۆلىدە، بىرىنجى كۈنى نىلوفەر ناھايتى ئاز ئېچىلىدۇ، ئىككىنجى كۈنى بىرىنجى كۈنىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەركۈنى ، نىلوفەر ئالدىنقى كۈنىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك ئېچىلىدۇ. 30- كۈنىگە بارغاندا نىلوفەر ئېچىلىپ پۈتۈن كۆلچەكنى بىر ئالىدۇ. ئۇنداقتا سوئال كەلدى: زادى قايسى ۋاقىتتا كۆلچەكتىكى نىلوفەرنىڭ يېرىمى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ؟
15- كۈنىمۇ؟
خاتا! 29- كۈنى.
مانا بۇ داڭلىق نىلوفەر قائىدىسى، 30 كۈن قائىدىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى مۇشۇ كۆلچەكتىكى نىلوفەرگە ئوخشايدۇ، باشلىنىشىدا تىرىشىپ تىرمىشىپ بار كۈچى بىلەن ئېچىلىدۇ.
لېكىن ئاستا-ئاستا، بىمەنىلىك ھېس قىلىسىز، ھەتتا زېرىكىسىز. بەلكىم 9- كۈنى...19- كۈنى... ھەتتا 29- كۈنىدە داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ ۋاقىتتا سىز غەلبىگە يېقىنلاپ قالغانلا بولىسىز. بۇ قائىدە بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ: ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىش، سىزدىن تىرىشچانلىق ياكى ئەقىل -پاراسەت تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى غەيرەت-شىجائەت تەلەپ قىلىدۇ.
كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ دەسلەپكە باسقۇچىدا ئاۋارچىلىقتىن قورقۇپ ئۈگىنىشتىن باش تارتسىڭىز، كېيىنكى باسقۇچىدا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كىشى، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ئۇچراتقاندا بەلكىم ئۇلارنى يېنىڭىزدا تۇتۇپ قالىدىغانغا ئاجىزلىق قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بىر ئۆمۈر بەك ئۇزۇن، بىر سېكونت بەك قىسقا، 30 كۈن ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس دەل جايىدا.






