

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تىجارەتچى تەشۋىقات قىلىشتىن خىجىل بولغان ئىدى، نەتىجىدە ۋەيران بولدى؛
ئارتىس رول ئېلىشتىن خىجىل بولغان ئىدى، نەتىجىدە ئورنىغا ئادەم ئالماشتى؛
ماھىر مۇسابىقىلىشىشتىن خىجىل بولغان ئىدى، نەتىجىدە كوماندىدىن چېكىندۈرۈلدى؛
ئەسكەر پوستتا تۇرۇشتىن خىجىل بولغان ئىدى، نەتىجىدە ئۆيىگە قايتۇرۋېتىلدى.
دوستلاردىن قەرىز سۈيلەشتىن خىجىل بولسىڭىز، پۇلىڭىز يوق بولىدۇ، ئاخىرغا بېرىپ دوستىڭىزمۇ يوق بولىدۇ؛مۇئەللىمدىن سوئال سوراشتىن خىجىل بولسىڭىز، مەسىلىنى خاتا ئىشلەيسىز، نەتىجىڭىزمۇ تۆۋەنلەيدۇ؛ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتىن خىجىل بولسىڭىز، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛خېرىدارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەشتىن خىجىل بولسىڭىز، ئۇ باشقىلار بىلەن توختام تۈزىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر يۈز ئاۋايلاپ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىلىنىپ يۈرۈپ، ھاياتىنى ئۆكىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. خىجىل بولۇش ئاستا خاراكتىرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش بىلەن باراۋەر، خىجىل بولۇش ئاجىزلىق، قابىليەتسىزلىك بىلەن باراۋەر.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئېنىقلا سىزگە مەنسۇپ بولىدىغان پۇرسەتلەرنى خىجىلچانلىقىڭىز سەۋەپلىك باشقىلارغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويىسىز. ئېنىقلا ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارنى خىجىلچانلىقىڭىز سەۋەپلىك يېرىم يولدا تاشلاپ قويىسىز. خىجىل بولۇش كەڭ قورساقلىق بىلەن يول قويۇشنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى قورقۇش، ئاجىزلىق، توخۇ يۈرەكلىكنىڭ ئىپادىسى.
خىجىل بولۇش ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا قويۇش بەدىلىگە باشقىلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشتۇر. ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەي ئازاپ چېكىشتۇر.
خىجىلچانلىقىڭىز كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالمىسۇن، ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان قەدىمىڭىزنى توختىتىپ قويمىسۇن. قىلغىڭىز كەلگەن ۋاقىتتا پۇت –قولىڭىزنى ھەركەتكە كەلتۈرۈڭ، بولمىسا سۆرىگەنسىرى قىزغىنلىقىڭىز سۇسلىشىدۇ، ساقلىغانسىرى مۇۋەپپىقىيەت قازانمىقىڭىز تەسكە چۈشىدۇ.










