大数跨境
0
0

تۇخۇم يېيىشتىكى خاتا كۆز-قاراشلار،تۇخۇمغا ئۇۋال قىلماڭ

تۇخۇم يېيىشتىكى خاتا كۆز-قاراشلار،تۇخۇمغا ئۇۋال قىلماڭ aymehri
2017-09-27
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

تۇخۇم بىز  بىر  قەدەر كۆپ  ئىستىمال  قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ  بىرى، پىشۇرۇش  ئۇسۇللىرىمۇ ھەرخىل. ئۇنداقتا  سىز  تۇخۇمنى قانداق  يىگەندە  ئەڭ ياخشى           بولىدىغانلىقىنى   بىلەمسىز؟ 

تۇخۇم ھەققىدىكى  خاتا  كۆز قاراشلار  :


1
خولىستىرىننىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇخۇم سېرىقى يېمەسلىك

تۇخۇم ئەسلى  ئىنتايىن ياخشى  يىمەكلىك، ئوزۇقلۇق  قىممىتىمۇ يۇقىرى. لېكىن  كىشىلەرنىڭ  خولىستىرىنغا بولغان ھوشيارلىقىنىڭ  يۇقىرى  كۆتىرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇخۇم  سېرىقى  يېمەكلىكلەر ئىچىدىكى  قارا  تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىلدى. نۇرغۇن  ئادەملەر، بولۇپمۇ  ئۈچ يۇقىرى  كىشىلەر  تۇخۇم يېگەندە  ھەمىشە  تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى  يېمەي  ئېقىنىلا يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە  بەدەن   خولىستىرىنغا  ئېھتىياجلىق، ئۇنىڭ  نۇرغۇن رولى  بار، مەسىلەن  ھۈجەيرىلەرنى كۆپەيتىش، تۈزەش  دېگەندەك.



2
تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى ئوخشىمىسا ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئوخشىمايدۇ

ئەمەلىيەتتە تۇخۇم  شاكىلىنىڭ  رەڭگىنىڭ تۇخۇمنىڭ  ئوزۇقلۇق  قىممىتىنىڭ يۇقىرى  تۆۋەن  بولىشى بىلەن  مۇناسىۋىتى  يوق. تۇخۇمنىڭ شاكىلى  تۇخۇم  شەكىللىنىشنىڭ ئەڭ  ئاخىرقى  باسقۇچىدا شەكىللىندىغان  بولۇپ،تۇخۇمنىڭ  تەركىبىدىكى  ئاقسىل، ماي، مېنىرال  مادىلارنىڭ ئاز – كۆپ  بولىشى  بىلەن تۇخۇم  شاكىلىنىڭ  مۇناسىۋىتى يوق. تۇخۇم  شاكىلىنىڭ  رەڭگىنى  توخۇنىڭ سورتى  بەلگىلەيدىغان  بولۇپ، ئوخشاش بىر  سورت  ئىچىدىمۇ قىسمەن  پەرقلەر  مەۋجۇت،ئۇنىڭدىن  باشقا مېكىياننىڭ  يېشى، سالامەتلىك  ئەھۋالى قاتارلىقلارمۇ  تۇخۇم  شاكىلىنىڭ رەڭگىگە  نىسبەتەن  تەسىر كۆرسىتىدۇ.





3
تۇخۇمنى خام  يېسە  ئوزۇقلۇق  قىممىتىمۇ  يۇقىرى  بولىدۇ  دەپ  قاراش

تۇرمۇشتا نۇرغۇن  كىشىلەر  تۇخۇمنى خام  يېيىشنى  ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇنداق  يېسە  ئوزۇقلۇق  قىممىتى  تېخىمۇ  يۇقىرى بولىدۇ، دەپ  قارىشىدۇ.يەنە  بەزىلەر خام   تۇخۇم  ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ ،  دەپ  قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە  خام تۇخۇم  يېيىشنىڭ  بەدەنگە زىيىنى  بولسا باركى، ھەرگىز  پايدىسى يوق.



4
يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمدىن يۇقىرى دەپ قاراش

يەرلىك تۇخۇم  دېگەن  نىمە؟ سورتلۇق تۇخۇم  دېگەن  نىمە؟ ئەمەلىيەتتە  بۇ  ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى  تۇخۇلارنىڭ  بېقىلىش شارائىتىغا  نىسبەتەن  ئېيتىلغان. سورتلۇق  تۇخۇم: توخۇ  فېرمىسى  ياكى مەخسۇس  توخۇ  باقىدىغان ئائىللەردە  مەخسۇس  توخۇ يېمى  ئارقىلىق  بېقىلغان  توخۇلار  تۇغقان  تۇخۇم. يەرلىك تۇخۇم  : ئائىللەردە  تارقاق ھالەتتە  بېقىلغان  توخۇلار تۇغقان  تۇخۇم.  بۇ ئىككى  خىل  تۇخۇمنىڭ زادى  قايسىسىنىڭ  ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ  يۇقىرلىقى  ھەققىدە ئوخشىمىغان  قاراشلار  مەۋجۈت. نۇرغۇن  كىشىلەر  يەرلىك تۇخۇمنىڭ  ئوزۇقلۇق  قىممىتىنى يۇقىرى  دەپ  قارايدۇ.يەنە بەزىلەر  سورتلۇق  تۇخۇمنى تۇغىدىغان  توخۇلارنىڭ  سورتى ياخشى  ،  پاكىز بېقىلىدۇ، شۇڭا  سورتلۇق  تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى  يۇقىرى  دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە  بۇ ئىككى  خىل  تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق  قىممىتى  جەھەتتە  كۆپ  پەرق  يوق. ئەگەر يەرلىك  تۇخۇم  بىخەتەرلىك جەھەتتە  قاتتىق  يەكشۈرۈش قىلىنمىسا  يەرلىك  تۇخۇمنىڭ يېمەكلىك  بىخەتەرلىك  سورتلۇق تۇخۇمنىڭكىدىن  تۆۋەن  بولۇپ قېلىشى  مۇمكىن.


5
چاي تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى سۇدا پىشۇرغان تۇخۇمدىن يۇقىرى دەپ قاراش

نۇرغۇن  كىشىلەر چاي  تۇخۇمنى  چاي بىلەن   تۇخۇم  تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار  بىرىكىپ  كېتىدۇ، شۇڭا  ئوزۇقلۇق  قىممىتىمۇ بەك  يۇقىرى  بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەت  دەل بۇنىڭ  ئەكىسچە. نۇرغۇن  يىمەكلىك مۇتەخەسىسلىرى  كىشىلەرنىڭ  چاي تۇخۇمنى  ئازراق  يېيىشىنى تەۋسىيە  قىلىدۇ.   قويۇق تەڭشەلگەن چاي  تەركىبىدە تاننىن  كىسلاتا بىر  قەدەر  كۆپ بولىدىغان  بولۇپ، بۇ  كېسلاتا تۇخۇم  تەركىبىدىكى  ئاقسىل بىلەن  بىرىككەندە  ئادەم بەدىنىدە  چۆكمە  ھاسىل قىلىدىغان  ماددا  شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭ  بىلەن ئاقسىلنىڭ  بەدەنگە  سۈمۈرلىشى تەسكە  چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن  باشقا ئەگەر  سىزنىڭ تال،ئاشقازىنڭىزدا  مەسىلە  بولۇپ قالسا  چاي  تۇخۇمىنى ئىستىمال  قىلسىڭىز  تېخىمۇ بولمايدۇ.بولۇپمۇ  ئاچ  قورساققا چاي  تۇخۇم  يېيىش ياخشى  ئەمەس.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读427
粉丝0
内容624