大数跨境
0
0

شىركەت سىزنى نىمىشقا ئىشلىتىدۇ؟

شىركەت  سىزنى  نىمىشقا  ئىشلىتىدۇ؟ aymehri
2017-09-30
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


1


شىركەت سىزنى نىمىشقا ئىشلىتىدۇ؟


شىركەت سىزنى  مەسىللەرنى  ھەل  قىلسۇن  دەپ  ئىشلىتىدۇ، شىركەتكە  مەسىلە تېپىپ  بەرسۇن  دەپ ئەمەس

ئەگەر سىز  مەسىلىنى  بايقىيالمىسىڭىز  ياكى مەسىلىنى  ھەل  قىلالمىسىڭىز ، سىز  ئۆزىڭىز  بىر مەسىلە؛

قانچىلىك چوڭ  مەسىلىنى  ھەل قىلالىشىڭىز  سىزنىڭ  قانچىلىك يۇقىرى  ئورۇندا  ئولتۇرىشىڭىزنى  بەلگىلەيدۇ؛

قانچە  كۆپ مەسىلىنى ھەل  قىلالىسىڭىز  سىزنىڭ ئالىدىغان  ئىش  ھەققىڭىزمۇ شۇنچە  كۆپ  بولىدۇ؛

مەسىلىنى ھەل  قىلالايدىغانلار  ئۆسىدۇ، مەسىلە  پەيدا قىلىدىغانلار  ئورۇن  بوشىتىدۇ، مەسىلىدىن  ئاغىرنىپلا يۈرىدىغان   كىشىلەر  ئىشتىن بوشايدۇ.



2


مەسىلە سىز ئۈچۈن پۇرسەت


شىركەتنىڭ مەسىلىسى : سىز  ئۈچۈن  ياخشىلاش ئېلىپ  بارىدىغان  پۇرسەت؛

خېرىدارنىڭ مەسىلىسى: سىز  ئۈچۈن  مۇلازىمەت بىلەن  تەمىنلەيدىغان  پۇرسەت؛

ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىز ئۈچۈن  ئۆسۈپ  يېتىلىدىغان پۇرسەت؛

خىزمەتداشلارنىڭ مەسىلىسى:سىز  ئۈچۈن ئۇلارنى   قوللاپ  ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى  ئورنىتىدىغان  پۇرسەت؛

رەھبەرلەرنىڭ مەسىلىسى: سىز  ئۈچۈن  ئاكتىپلىق بىلەن  ھەل  قىلىپ، ئىشەنچكە  ئېرىشىدىغان پۇرسەت؛

رىقابەتچىڭىزنىڭ مەسىلىسى: سىز  ئۈچۈن  كۈچىيىدىغان پۇرسەت. 


3


كوللىكتىپتىن ئايرىلماڭ


ھە دېسىلا  ۋاز  كېچىشنىڭ كويىدا  يۈرمەڭ، ھەرقانداق  بىر كوللىكتىپنىك  ئۆزىگە  يارىشا كەمچىللىكى، ئارتۇقچىلىقى  بولىدۇ؛

توغرا بولغان  رەھبەرگە  ئەگىشىش ئىنتايىن  مۇھىم، سىزگە  ئۈگىتىشنى خالايدىغان، سىزنى  قول سېلىپ  ئىشلەتكۈزىدىغان  يېتەكچىنى چوقۇم   قەدىرلەڭ؛

كوللىكتىپ ئىچىدە  يۈر  بەرگەن مەسىلە  سىز  ئۈچۈن باش  كۆتىرىش  پۇرسىتى، ھەمىشە  كوللىكتىپتىن ئاغىرنىپ ، قاقشاپ   يۈرۈش  ئۆزىنىڭ پۇتىغا  ئۆزى   پالتا چاپقانلىق، ئۆزىنىڭ قابىليەتسىزلىكىنى  ئېتىراپ  قىلغانلىق، پۇرسەتتىن  ۋاز كەچكەنلىك؛

مىننەتدار بولۇشنى  ئۈگىنىڭ،كوللىكتىپنىڭ  سىزگە  ئۈگىنىش سورۇنى  ھازىرلاپ  بەرگەنلىكىدىن،  ھەمراھلىرىڭىزنىڭ  سىزگە ماسلىشىپ  بەرگەنلىكىدىن؛

قىممەت يارىتىش  سىزنىڭ  قىممىتىڭىزنى ۋۇجۇدقا  چىقىرىدۇ، ئىگىلىك  تىكلەش ساخاۋەت  ئورنى  ئېچىش ئەمەس؛

مەسىلىگە يولۇققاندا  ئالدى  بىلەن ئويلىنىڭ، مەسىلىنى  ئىنكاس  قىلىش تۆۋەن سەۋىيىدىكىلەرنىڭ  ئىشى،  ھەل قىلىش  تەدبىرى  ئۈستىدە ئويلىنىش  ۋە  بىر تەرەپ  قىلىش  يۇقىرى سەۋىيىدىكىلەرنىڭ  ئىشى.


4


غەلبىنىڭ  مېغىزىنى كىم چاقىدۇ


ھەرقانداق ۋاقىتتا  كوللىكتىپقا  ئەگىشىشنى خالايدىغانلار؛

كوللىكتىپنىڭ كەلگۈسى  ئىستىقبالىنىڭ  پارلاق بولىدىغانلىقىغا  باشتىن – ئاخىر  ئىشىنىدىغانلار؛

كوللىكتىپ ئىچىدە  تۇرۇپ  ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش  ئارقىلىق  ھەقىقىي ئۆزىگە  مەنسۇپ  بولغان ئورۇننى  تاپالايدىغانلار؛

كوللىكتىپنىڭ يېڭى  نىشانى  ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز  يېڭى  نەرسىلەرنى ئۈگىنىشنى  خالايدىغانلار؛

بېسىمغا بەرداشلىق  بېرىش  كۈچى يۇقىرى  ھەم  سەۋىرچان كىشىلەر؛

كوللىكتىپ بىلەن  بىر  نىيەتتە بولۇپ، بىر  ياقىدىن  باش بىر  يەڭدىن  قول چىقىرالايدىغانلار؛

ئۆزىنىڭ شەخسىي  مەنپەئەتى  بىلەن ھېساپلىشىپ  ئولتۇرماي،كوللىكتىپنىڭ  مەنپەئەتىنى  يۇقىرى ئورۇنغا  قويالايدىغانلار؛

قەلبىگە بۈيۈك  غايىلەرنى  پۈككەن، ھەر  جەھەتتىن تەڭ  يېتىشكەن، تەقدىم  قىلىش روھىغا  ئىگە  كىشىلەر.


5


مەغلۇبىيەت ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەڭ

سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز  سىزنىڭ  يۆنىلىشىڭىز،  ئۆتمۈشىڭىز سىزنىڭ  دەسمايىڭىز،  خاراكتىرىڭىز سىزنىڭ  تەقدىرىڭىزنى  بەلگىلەيدۇ.

مۇرەككەپ ئىشلارنى  ئاددىيلاشتۇرۇپ  قىلغاندا سىز  مۇتەخەسىس، ئاددىي  ئىشلارنى قايتا-قايتا  قىلغاندا  سىز كەسىپ  ئەھلى،  تەكرارلانغان ئىشلارنى  كۆڭۈل  قويۇپ قىلغاندا  سىز  مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى.

گۈزەل نەرسىلەر  ئۆزىگە  ئىشەنگۈچىلەرگە، پۇرسەت  يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا، مۆجىزە  ئىزچىل  داۋاملاشتۇرغانلارغا  مەنسۇپ، بىرەر  ئىشنى  قىلىشنى خالىسىڭىز  چارىسىنى  تاپىسىز بولمىسا  باھانىسىنى.


6


رەھبەرلەرگە  نىسبەتەن


سىزگە تەلەپنى  قاتتىق  قويىدىغان رەھبەر  سىزگە  ھەقىقىي ياردەم  قىلالايدىغان  رەھبەردۇر.

ھەرقانداق بىر  چوڭ  شىركەت  قول  ئاستىدىكىلەرگە  بىخەتەرلىك تۇيغۇسى  بەرمەيدۇ،   قاتتىق قوللۇق  بىلەن  ئۇلارنى توختىماي  ئۆزىنى  كۈچلەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

قول ئاستىدىكىلەرگە  ناھايتى  چوڭ بىخەتەرلىك  تۇيغۇسى  بېرىدىغان ھەرقانداق  شىركەت  خاراپ بولىدۇ، چۈنكى  ھەرقانچە  كۈچلۈك ئادەممۇ  توققۇزى  تەل مۇھىتقا  كەلسە  بوشىشىپ قالىدۇ.

ھەرقانداق ئىشتا  قول  ئاستىدىكىلەرنىڭ  قابىليىتىنى ئىشقا  سېلىشىنى  تەلەپ قىلىدىغان ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ  يوشۇرۇن  قابىليىتىنى قېزىپ  چىقالايدىغان  شىركەت  ناھايتى تېز  كۆكلەيدۇ، چۈنكى  بۇنداق مۇھىتتا  سىزنىڭ  ياكى كۈچلۈك  بولۇپ  ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىشىڭىزگە  ياكى  ئاجىز بولۇپ  شاللىنىشىڭىزغا  توغرا كېلىدۇ.

خىزمەتچىلىرىگە بىخەتەرلىك  تۇيغۇسى  بەرمەيدىغان شىركەتلەر  ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي  بىخەتەرلىك تۇيغۇدى  بەرگەن  بولۇپ ھېساپلىنىدۇ،  چۈنكى  بۇ خىل  شارائىتتا  ئۇلار توختىماي  ئۆزىنى  كۈچلەندۈردى، توختىماي  تەجىربە توپلىدى  ، شۇڭا  ئۇلارنىڭ گۈزەل  كەلگۈسى  بولدى.

ئەگەر سىز  قول  ئاستىڭىزدىكىلەرگە  ھەقىقىي كۆيۈنسىڭىز  ئۇنداقتا  ئۇنى  سىناڭ، تەلەپنى قاتتىق  قويۇڭ. يۇقىرى  تەلەپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى  نىشان ئارقىلىق  ئۇنىڭ  ئۆزىنى كۈچلەندۈرىشىگە  پۇرسەت   بېرىڭ.

ئەگەر سىز  يۈز  ئاياپ ئۇنىڭغا   تەلەپنى  بوشاتسىڭىز  بۇ  ئەڭ  چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك  بولىدۇ،چۈنكى  بۇنداق  قىلىش ئۇلاردا  پەقەت  يۆلىنىۋالىدىغان ، ھورۇنلۇق  قىلىدىغان ، ئۆز –ئارا  ھەسەت  قىلىدىغان ھالەتنى  شەكىللەندۈرىدۇ.






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624