

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئىدارىدىن بىر بۆلۈم باشلىقى يۆتكىلىپ كەتتى، مەن ئازراق پۇل تىقىپ ئۇ ئورۇنغا چىقماقچى بولدۇم-دە، دوستۇمنى ئىزدىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن پۇل سورىدىم، لېكىن ئەزەلدىنلا قولى ئوچۇق بۇ دوستۇم مېنىڭ پۇلنى پارە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغىنىمنى بىلگەندىن كېيىن،پارە بېرىش ئۈچۈن پۇل قەرز ئالىمەن دېسەڭ، ساڭا بىر تىيىنمۇ بەرمەيمەن ، دېدى. بەخىتكە يارىشا ئىدارىدىكى يەنە بىر دوستۇمنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۆلۈم باشلىقى بولۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.
مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پىنسىيىگە چىقتى، مېنىڭ يەنە شۇ ئورۇنغا چىققۇم كەلدى. شۇنچە مەخپىي تۇتقان بولساممۇ، ئۇ دوستۇم نەدىن ئاڭلىدىكىن، كېلىپ ماڭا بىر مۇنچە تەنبىھ بەردى: سەن سولتەك، ئەگەر ئىدارە باشلىقى بولىمەن دېسەڭ ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ بول، بۆلۈم باشلىقى بولغان چاغدىكىدەك ئىش قىلىدىغان بولساڭ، مەن ساڭا دەپ قوياي...پۈتۈن ئىدارىدە پەقەت ئۇلا قارشى پىكىردە بولغانلىقى، باشقىلار مېنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مەن يەنە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولدۇم.
ناھىيىگە ھاكىم ئالمىشىش سايلىمىدا، بىرمۇنچە ئىدارە باشلىقلىرىنىڭ ئارىسىدىن ناھىيە ھاكىم نامزاتلىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئازراق يول ماڭماقچى بولدۇم،لېكىن ئۇنىڭ يەنە پۇتاق تېپىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئۆستۈرۈش باھانىسى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا مەسئۇل خادىم قىلىپ ئەۋەتىۋەتتىم، مەن يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق ھالدا ناھىيە ھاكىمى بولدۇم.
كېيىن مەن شەھەرگە يۆتكەلدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلكىگە يۆتكەلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ يىراق بىر يەرگە يۆتكەلدىم، كامىردا كۈننىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمەي كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالەتكە چۈشتۈم، ھاراق سورۇنىدىكى ئاشۇ دوستلىرىمدىن تولىمۇ يىراقتا قالدىم، ئۇ دوستلىرىممۇ بارا-بارا مەندىن يىراقلىشىپ كەتتى...يالغۇزلۇق ھېس قىلىشقا باشلىدىم، ئۇلارنى سېغىناتتىم، ئۇلارنىڭ مېنى كۆرگىلى كېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم،لېكىن ئۇلار مېنى بىر قېتىممۇ كۆرگىلى كەلمىدى، ھەتتا تېلفونمۇ قىلىپ قويمىدى، خۇددى بۇ دۇنيادا مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا...مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئاشۇ ھەممە يەردە مەن بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن مەن رەقىب قاتارىغا چىقىرۋەتكەن دوستۇم ھەر ئايدا بىر قېتىم مېنى كۆرگىلى كېلەتتى، تېخى مەرتلىكى تۇتۇپ كەلگەندە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئىككىمىزنى قېلىن ئەينەك ئايرىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى بەكمۇ تەستە ئاڭلايتتىم : سولتەك، كىم ئىككىمىزنى قىيامەتلىك ئاغىنە بولۇپ قالسۇن دەپتۇ...






